زىبا داۋۇدقا ئۇچرايدۇ
16
1 داۋۇد تاغنىڭ چوققىسىدىن ئۆتۈپ ئازغىنە يول ماڭغاندا مېفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئىككى يۈز نان، يۈز توقاچ كىشمىش، يۈز توقاچ ئەنجۈر ۋە بىر تۇلۇم شاراب ئارتىلغان ئىككى ئېشەك بار ئىدى. ■ 2 پادىشاھ زىباغا: «بۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئېلىپ كەلدىڭ؟» دېدى. زىبا: «ئېشەكلەر پادىشاھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مىنىش ئۈچۈن، نان ۋە مېۋە ئادەملىرىڭگە يېيىش ئۈچۈن ۋە شاراب چۆلدە سۇسلاشقانلارغا ئىچىش ئۈچۈندۇر» دېدى. 3 پادىشاھ: «خوجايىنىڭنىڭ ئوغلى نەدە؟» دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا: «ئۇ: ‹ئەمدى ئىسرائىل جەمەتى ئاتامنىڭ پادىشاھلىقىنى ماڭا ياندۇرۇپ بېرىدۇ› دەپ يېرۇسالېمدا قالدى» دەپ جاۋاب بەردى. 4 پادىشاھ زىباغا: «مانا، مېفىبوشەتنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولسۇن» دېدى. زىبا: «ساڭا تەزىم قىلىپ باش ئېگىمەن، سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن، ئەي غوجام پادىشاھ» دېدى. شىمىي داۋۇدنى قارغايدۇ
5 داۋۇد پادىشاھ باخۇرىمغا كەلگەندە ئۇ يەردىن سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر ئادەم چىقتى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمەي ئىدى. ئۇ قارغاپ يۈرۈۋاتاتتى. 6 ھەممە خەلق ۋە پالۋانلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ئوڭ ۋە سول يېنىدا يۈرسىمۇ، ئۇ داۋۇد ۋە داۋۇد پادىشاھنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرىغا تاشلار ئېتىپ يۈردى. 7 شىمەي قارغاپ: «كەت يوقال، ئەي قانخور، بەدرەك! 8 پەرۋەردىگار سائۇلنىڭ جەمەتىنىڭ ھەممە قېنىنى سېنىڭ بېشىڭغا ياندۇردى. سەن ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە ئولتۇردۇڭ، لېكىن ئەمدى پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى ئوغلۇڭ ئابشالومنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. مانا ئەمدى گۇناھىڭ ئۆزۈڭگە تەگدى، چۈنكى قانخور ئادەم ئىكەنسەن» دېدى. 9 زېرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا: «نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىت غوجام پادىشاھنى قارغىسۇن؟ ئۇنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ، ئۇنىڭ بېشىنى كەسكىلى ماڭا ئىجازەت بەرگىن» دېدى. 10 لېكىن پادىشاھ: «ئەي زېرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، سىلەرنىڭ نېمە ئىشىڭلار. ئۇ قارغىسا، قارغىسۇن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ‹داۋۇدنى قارغىغىن› دەپ ئېيتقاندىن كېيىن كىم ئۇنىڭغا: ‹نېمىشقا مۇنداق قىلدىڭ؟› دېيەلەيدۇ؟» دېدى. 11 ئاندىن داۋۇد ئابىشايغا ۋە ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «مانا، ئۆز پۇشتۇمدىن كەلگەن ئوغلۇم مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغان يەردە، بۇ بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ ئۇنى قويغىن، قارغىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ. 12 پەرۋەردىگار كۆز ياشلىرىمغا قاراپ، بۈگۈن ئۇنىڭ ئېيتقان لەنىتىنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار ماڭا ياخشىلىق ياندۇرارمىكىن» دېدى. 13 داۋۇد ئۆز ئادەملىرى بىلەن يولدا كېتىپ بېرىۋاتقاندا، شىمەي ئۇدۇلىدىكى تاغنى ياقىلاپ، ئۇنى قارغاپ، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ، توپا-چاڭ چېچىپ يۈردى. 14 پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ئايەفىمگە يەتكەندە، ئۇ يەردە ئارام ئالدى. ■
ئاخىتوفەل ۋە خۇشاي ئابشالومنىڭ قېشىدا
15 ئابشالوم بولسا ھەممە خەلق بىلەن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا كەلگەنىدى. ئاخىتوفەل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. 16 داۋۇدنىڭ ئاركىلىك دوستى خۇشاي ئابشالومنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئابشالومغا: «پادىشاھ ياشىسۇن، پادىشاھ ياشىسۇن» دەپ توۋلىدى. 17 ئابشالوم خۇشايغا: «دوستۇڭغا كۆرسىتىدىغان دوستلۇقۇڭ شۇمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بارمىدىڭ؟» دېدى. 18 خۇشاي ئابشالومغا: «ياق ئۇنداق ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق ھەمدە بارلىق ئىسرائىللار كىمنى تاللىسا، ئۇنىڭكى بولىمەن ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرىمەن. 19 يەنە كېلىپ، كىمگە خىزمەت قىلاي؟ ئۇنىڭ ئوغلىغا ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ ئاتاڭغا خىزمەت قىلغاندەك، ئەمدى ساڭا خىزمەت قىلىمەن» دېدى. 20 ئاندىن كېيىن ئابشالوم ئاخىتوفەلگە: «بىزگە مەسلىھەت بەرگىن، سىزچە نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟» دېدى. 21 ئاخىتوفەل ئابشالومغا: «ئاتاڭنىڭ ئوردىنى ساقلىغىلى قويغان كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە ياتقىن. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل سېنىڭ ئۆزۈڭنى ئۆز ئاتاڭغا نەپرەتلىك قىلغانلىقىڭنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ قوللىرى قۇۋۋەتلىنىدۇ» دېدى. 22 شۇنداق قىلىپ ئابشالوم ئۈچۈن ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكىلدى ۋە ئابشالوم پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز ئاتىسىنىڭ كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە ياتتى. 23 ئۇ كۈنلەردە ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى كىشى خۇدادىن سوراپ تاپقان مەسلىھەتىدەك ھېسابلىناتتى. ھەم داۋۇد، ھەم ئابشالوم ئاخىتوفەلنىڭ ھەممە مەسلىھەتلىرىگە شۇنداق قارايتتى.