ئابشالومنىڭ سۇيىقەستى
15
‏1 شۇنىڭدىن كېيىن ئابشالوم ئۆزىگە جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلار ۋە ئۆز ئالدىدا يۈگۈرىدىغان ئەللىك كىشىنى تەييارلىدى. ‏2 ئابشالوم سەھەر قوپۇپ، دەرۋازىغا بارىدىغان يولنىڭ يېنىدا تۇراتتى. قاچان بىر كىشى دەۋايىمنى كەسسۇن دەپ، پادىشاھقا ئەرز تۇتقىلى كەلسە، ئابشالوم ئۇنى چاقىرىپ: «سەن قايسى شەھەردىن؟» دەپ سورايتتى. ئۇ كىشى: «قۇلۇڭ ئىسرائىلنىڭ پالان قەبىلىسىدىن» دېسە، ‏3 ئابشالوم ئۇنىڭغا: «مانا، دەۋايىڭ توغرا ۋە ھەق ئىكەن، لېكىن پادىشاھنىڭ تەرىپىدىن سېنى ئاڭلايدىغان كىشى يوق» دەيتتى. ‏4 ئابشالوم يەنە: «كاشكى مېنى بۇ زېمىندا ھاكىم قىلسا ئىدى، ھەركىمنىڭ ئەرزى ياكى دەۋاسى بولۇپ، مېنىڭ ئالدىمغا كەلسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادىل ھۆكۈم چىقىراتتىم» دەيتتى. ‏5 بىركىم ئۇنىڭغا تەزىم قىلغىلى ئالدىغا بارسا، ئابشالوم قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇپ سۆيەتتى. ‏6 ئابشالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالاتتى.
‏7 تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابشالوم پادىشاھقا: «مېنىڭ پەرۋەردىگارغا بەرگەن ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن خېبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن. ‏8 ئارامدىكى گەشۇردا تۇرغىنىمدا، مەن قۇلۇڭ قەسەم قىلىپ: ‹ئەگەر پەرۋەردىگار مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرسا، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىمەن› دەپ ۋەدە قىلغانىدىم» دېدى. ‏9 پادىشاھ ئۇنىڭغا: «ئامان-ئېسەن بارغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوپۇپ خېبرونغا باردى.
‏10 لېكىن ئابشالوم ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىگە مەھپىي ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ: «بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا: ‹ئابشالوم خېبروندا پادىشاھ بولدى› دەڭلار» دېدى. ‏11 ئىككى يۈز ئادەم يېرۇسالېمدىن ئابشالوم بىلەن بىللە باردى. ئۇلار ساددىلىق بىلەن بېرىپ، ھەممە ئىشتىن بىخەۋەر ئىدى. ‏12 ئابشالوم قۇربانلىقلارنى سۇنغاندا، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ، داۋۇدنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلولۇق ئاخىتوفەلنى ئۆز شەھىرى گىلودىن ئېلىپ كەلتۈردى. سۇيىقەست كۈچەيدى ۋە ئابشالومغا ئەگەشكەنلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.
 
داۋۇد يېرۇسالېمدىن قاچىدۇ
‏13 بىر خەۋەرچى داۋۇدقا كېلىپ: «ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرى ئابشالومغا مايىل بولدى» دېدى. ‏14 ئۇ ۋاقىتتا داۋۇد يېرۇسالېمدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ھەممە خىزمەتكارلىرىغا: «قوپۇپ، قاچايلى. بولمىسا ئابشالومدىن قۇتۇلالمايمىز. تېز بولۇڭلار. ئۇ تۇيۇقسىز ئۈستىمىزگە كېلىپ، بىزگە بالا كەلتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسىنى قىلىچ بىلەن چېپىپ قىرمىسۇن» دېدى. ‏15 پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى پادىشاھقا: «غوجام پادىشاھ نېمە بۇيرۇسا شۇنى قىلىمىز» دېدى. ‏16 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يولغا چىقتى ۋە ھەممە ئوردىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئەمما پادىشاھ كېنىزەكلىرىدىن ئون ئايالنى ئوردىنى ساقلىغىلى قويدى. ‏17 پادىشاھ شەھەردىن چىقىپ كەتكەندە، ھەممە ئادەملىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇلار بەيت-مەرچاققا كەلگەندە توختىدى. ‏18 پادىشاھنىڭ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ھەممە مۇھاپىزەتچىلەر، چاپارمەنلەر ۋە گاتتىن ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈز گاتلىق كىشىمۇ پادىشاھنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى.
‏19 پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: «نېمىشقا بىز بىلەن بارىسەن؟ قايتىپ بېرىپ، يېڭى پادىشاھنىڭ قېشىدا تۇرغىن، چۈنكى ۋەتىنىڭدىن سۈرگۈن قىلىنغان بىر مۇساپىرسەن. ‏20 تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ. مەن ئۆزۈم بارىدىغان يېرىمنى بىلمەي، بۈگۈن سېنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئۇ يەرگە-بۇ يەرگە ماڭدۇرايمۇ؟ ئۆز بۇرادەرلىرىڭنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ قايتقىن. مېھىر-شەپقەت ۋە ساداقەت ساڭا يار بولغاي» دېدى. ‏21 لېكىن ئىتتاي پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە غوجام پادىشاھنىڭ تىرىكلىكى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام پادىشاھ قەيەردە بولسا، مەيلى ئۆلۈم ياكى ھاياتلىققا ئۇچرىسۇن، مەن قۇلۇڭ شۇ يەردە بولىمەن» دېدى. ‏22 داۋۇد ئىتتايغا: «بولمىسا ئۆتكىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن گاتلىق ئىتتاي ھەممە ئادەملىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ھەممە بالىلىرى بىلەن ئۆتۈپ، ئالدىغا ماڭدى. ‏23 ھەممە خەلق ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا پۈتۈن يۇرت خەلقى ئۈن سېلىپ يىغلىدى. پادىشاھ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى ۋە ھەممە خەلقمۇ ئۆتۈپ كېتىپ، چۆل تەرىپىگە يول ئالدى.
‏24 سادوق ۋە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان ھەممە لاۋىيلارمۇ كەلگەنىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، خەلقنىڭ ھەممىسى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە توختاپ تۇردى ۋە ئابياتار زەيتۇن تېغىغا چىقتى.    ‏25 پادىشاھ سادوققا: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شەھەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كىرگىن. پەرۋەردىگارنىڭ كۆزىدە ئىلتىپات تاپسام، ئۇ مېنى قايتۇرۇپ، ھەم ئەھدە ساندۇقىنى، ھەم ئۆز ماكانىنى قايتا كۆرۈشكە نېسىپ قىلىدۇ. ‏26 لېكىن پەرۋەردىگار: ‹سەندىن خۇرسەنلىكىم يوق› دېسە، مەيلى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى ماڭا قىلسۇن» دېدى.
‏27 پادىشاھ يەنە كاھىن سادوققا: «سەن ئېنىق كۆرگۈچى ئەمەسمۇ؟ سەن ئامان-ئېسەن شەھەرگە قايتقىن. ئوغلۇڭ ئاخىمائاز ۋە ئابياتارنىڭ ئوغلى يوناتان سىلەرگە ھەمراھ بولۇپ قايتسۇن. ‏28 مانا، سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە، مەن چۆل-باياۋاندىكى دەريا كېچىكلىرىدە تۇرۇپ تۇرىمەن» دېدى. ‏29 شۇنىڭ ئۈچۈن سادوق ۋە ئابياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
‏30 داۋۇد بولسا يىغلاپ، بېشىنى يېپىۋېلىپ، يالاڭ ئاياغ پېتى زەيتۇن تېغىغا چىقتى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ھەممە خەلقمۇ باشلىرىنى يېپىۋېلىپ بىللە يىغلاپ تاغقا چىقتى. ‏31 داۋۇدقا: «مانا، ئاخىتوفەل سۇيىقەست قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئابشالومنىڭ قېشىدا ئىكەن» دېگەن خەۋەر كەلگەندە، داۋۇد: «ئەي پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئەخمەقانىلىككە ئايلاندۇرغايسەن» دەپ دۇئا قىلدى.
‏32 داۋۇد تاغنىڭ تۆپىسىگە چىقىپ، خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يەتكەندە، ئاركىلىك خۇشاي كىيىمى يىرتىق، بېشىغا توپا چېچىلغان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ‏33 داۋۇد ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «مەن بىلەن بارساڭ، ماڭا يۈك بولىسەن. ‏34 لېكىن شەھەرگە بېرىپ، ئابشالومغا: ‹ئەي پادىشاھ، مەن بۇ ۋاقىتقىچە ئاتاڭنىڭ خىزمەتكارى بولغاندەك، ئەمدى سېنىڭ خىزمەتكارىڭ بولاي› دېسەڭ، ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى بىكار قىلىش پۇرسىتىڭ بولىدۇ. ‏35 ئۇ يەردە كاھىن سادوق ۋە كاھىن ئابياتار سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى كاھىن سادوق ۋە كاھىن ئابياتارغا دەپ بەرگىن. ‏36 مانا، ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى سادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ۋە ئابياتارنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇلارنىڭ يېنىدا. ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئۇلار ئارقىلىق ماڭا يەتكۈزىسەن».
‏37 شۇنداق قىلىپ داۋۇدنىڭ دوستى خۇشاي دەل ئابشالوم كېلىپ يېرۇسالېمغا كىرىۋاتقان چاغدا شەھەرگە قايتتى.