ئابشالوم يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ
14
1 زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب، پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئابشالومغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ■ 2 شۇنىڭ ئۈچۈن يوئاب تەقوئاغا كىشى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن دانا بىر ئايالنى ئېلىپ كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭنى ماتەم تۇتقان كىشىدەك كۆرسىتىپ، قارىلىق قىيىمى كىيگىن. ئۆزۈڭنى ياغ بىلەن ياغلىماي، بەلكى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن ماتەم تۇتقان ئايالدەك بولۇپ، 3 پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئۇنداق-مۇنداق دېگىن» دەپ ئۇنىڭ ئاغزىغا دەيدىگان سۆزلەرنى سالدى. 4 تەقوئالىق ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يىقىلىپ يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ: «ياردەم قىلغىن، ئەي پادىشاھ» دېدى. 5 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «نېمە تەلىپىڭ بار؟» دەپ سورىدى. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن بىر تۇل خوتۇنمەن. ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن. 6 دېدىكىڭنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئارىغا چۈشكۈچى بولمىغاچقا، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. 7 مانا، پۈتۈن جەمەتىم دېدىكىڭگە قارشى چىقىپ: ‹قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشىنى بىزگە تۇتۇپ بەرگىن. قېرىندىشىنىڭ جېنىنى ئېلىپ قاتىللىق قىلغىنى ئۈچۈن بىز ئۇنى ئۆلتۈرىمىز، مىراس ئالغۇچى بولسىمۇ ئۇنى يوقىتىمىز› دەيدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ، چىرىغىمنى ئۆچۈرمەكچى. شۇنىڭ بىلەن ئېرىمگە يەر يۈزىدە نە نام، نە ئەۋلاد قالمايدۇ».
8 پادىشاھ ئايالغا: «ئۆيۈڭگە بارغىن. مەن سەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىمەن» دېدى. 9 تەقوئالىق ئايال پادىشاھقا: «ئەي غوجام پادىشاھ، بۇ ئىشتا گۇناھ بولسا، ھەممىسى مەن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتى ئۈستىدە بولسۇن. لېكىن پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ تەختى گۇناھسىز بولسۇن» دېدى. 10 پادىشاھ: «كىمكى ساڭا بىر نېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇ ساڭا يەنە چېقىلمايدۇ» دېدى. 11 ئايال: «ئەي پادىشاھ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى ياد ئەتكىن. قان قىساسىنى ئالغۇچىسى تېخىمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىپ، مېنىڭ ئوغلۇمنى ئۆلتۈرمىسۇن» دېدى. پادىشاھ: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال چېچى يەرگە چۈشمەيدۇ» دېدى. 12 ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا: «دېدىكىڭنىڭ غوجام پادىشاھقا يەنە بىر سۆز ئېيتىشىغا ئىجازەت بەرگەيسەن» دېسە، ئۇ: «ئېيتقىن» دېدى. 13 ئايال مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا، سەن ئۆزۈڭ نېمىشقا خۇدانىڭ خەلقىگە قارشى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش قىلىشنى نىيەت قىلدىڭ. پادىشاھ بۇ سۆزلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەيىبكار كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى پادىشاھ ئۆزى تاشلىغان كىشىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمەيدۇ. 14 بىز ھەممىمىز چوقۇم ئۆلۈپ، يەرگە تۆكۈلۈپ، يەنە يىغالمايدىغان سۇدەك بولىمىز. لېكىن خۇدا جاننى ئېلىشنى خالىماي، بەلكى تاشلانغان كىشى مەندىن ئايرىلىپ تۇرمىسۇن دەپ يول ئىزدەيدۇ. 15 خەلق مېنى قورقۇتقىنى ئۈچۈن غوجام پادىشاھقا شۇ ئىش توغرىسىدا سۆز قىلغىلى كەلدىم. دېدىكىڭ: ‹ئەمدى پادىشاھقا سۆز قىلاي. ئۇ دېدىكىنىڭ ئارزۇسىنى ئىجابەت قىلار. 16 دەرۋەقە پادىشاھ ئاڭلاپ، ئۆز دېدىكىنى قۇتقۇزۇپ، ھەم مېنى، ھەم ئوغلۇمنى ھالاك قىلىپ، بىزنى خۇدانىڭ مىراسىدىن ئايرىپ يوقاتماقچى بولغان ئادەمنىڭ قولىدىن قۇتقۇزار› دەپ ئويلىدى. 17 دېدىكىڭ كۆڭلىدە: ‹غوجام پادىشاھنىڭ سۆزى ماڭا ئارام بېرەر. چۈنكى غوجام پادىشاھ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىدەك ياخشى-ياماننى پەرق ئەتكۈچىدۇر› دېدى. پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا يار بولغاي!».
18 پادىشاھ ئايالغا: «مەن سەندىن سورايدىغان ئىشتىن ھېچنېمىنى مەندىن يوشۇرمىغىن» دېدى. ئايال: «غوجام پادىشاھ سۆزلىگەي» دېدى. 19 پادىشاھ: «بۇنىڭ ھەممىسىدە يوئاب سېنى باشلىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. ئايال جاۋاب بېرىپ: «ئەي غوجام پادىشاھ، سېنىڭ تىرىك جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، غوجام پادىشاھ ئېيتقان سۆزدىن ھېچكىم، نە ئوڭغا، نە سولغا قايرىلالمايدۇ. خىزمەتكارىڭ يوئاب ماڭا شۇنى بۇيرۇپ، مەن ئېيتقان ھەممە سۆزنى دېدىكىڭنىڭ ئاغزىغا سالدى. 20 بۇ مەسىلىگە باشقىچە قارىشىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ يوئاب بۇنداق قىلدى. غوجامنىڭ دانالىقى خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ دانالىقىدەكتۇر، ئۇ زېمىندا بولۇۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىدۇ» دېدى.
21 پادىشاھ يوئابقا: «مانا، مەن شۇ ئىشقا ماقۇل بولدۇم. بېرىپ، ئۇ يىگىت ئابشالومنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. 22 يوئاب ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ بېشىنى ئېگىپ، تەزىم قىلىپ پادىشاھقا خەيرلىك دۇئا قىلدى. ئاندىن يوئاب: «ئەي غوجام پادىشاھ، سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپتىم، چۈنكى پادىشاھ قۇلىنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى» دېدى. 23 ئاندىن يوئاب قوپۇپ، گەشۇرغا بېرىپ، ئابشالومنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. 24 ئەمما پادىشاھ: «ئۇ ئۆز ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرمىسۇن» دېدى. شۇڭا ئابشالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.
25 پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابشالومدەك كېلىشكەنلىكى بىلەن داڭ چىقارغان ئادەم يوق ئىدى. پۇت ئالىقىنىدىن تارتىپ باش چوققىسىغىچە ئۇنىڭدا ھېچ ئەيىب يوق ئىدى. 26 ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا بېشىنىڭ چېچى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇنى چۈشۈرەتتى. ئۇ بېشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، تارازىدا تارتقاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى پادىشاھلىق شېكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئىككى يۈز شېكەل چىقاتتى. ■ 27 ئابشالومغا ئۈچ ئوغۇل ۋە تامار ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇلدى. ئۇ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بىر ئايال بولدى.
28 ئابشالوم پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرمەي، يېرۇسالېمدا ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن، 29 پادىشاھقا ئەۋەتىش ئۈچۈن يوئابنى چاقىردى، ئەمما ئۇ كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابشالوم ئىككىنچى قېتىم يوئابنى چاقىردى، لېكىن ئۇ يەنە كەلگىلى ئۇنىمىدى. 30 شۇ سەۋەبتىن ئابشالوم ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «مانا، يوئابنىڭ مېنىڭكىگە يانداش بىر پارچە ئارپا ئېتىزى بار. بېرىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى بېرىپ، شۇ ئېتىزغا ئوت قويدى.
31 شۇنىڭ بىلەن يوئاب قوپۇپ، ئابشالومنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن: «نېمىشقا خىزمەتكارلىرىڭ ئېتىزىمغا ئوت قويدى؟» دەپ سورىدى. 32 ئابشالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: «مەن ساڭا كىشى ئەۋەتىپ: ‹بۇ يەرگە كەلگىن› دېدىم. مەن سېنى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، سەن ئارقىلىق: ‹مەن نېمىشقا گەشۇردىن كەلدىم؟ ئۇ يەردە تېخى قالسام، ماڭا ياخشى بولاتتى› دېمەكچى ئىدىم. ئەمدى پادىشاھنىڭ يۈزىنى كۆرەي. مەندە بىر گۇناھ بولسا، ئۇ مېنى ئۆلتۈرسۇن» دېدى. 33 يوئاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابشالومنى چاقىردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈزى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلدى ۋە پادىشاھ ئابشالومنى سۆيدى.