ئامنون ۋە تامار
13
‏1 بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، داۋۇدنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ تامار دېگەن چىرايلىق بىر سىڭلىسى بار ئىدى ۋە داۋۇدنىڭ ئوغلى ئامنون ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى. ‏2 ئامنون سىڭلىسى تامار ئۈچۈن يۈرىكى شۇنچە كۆيدىكى، ئۇ كېسەل بولدى. ئەمما تامار پاك قىز بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر نېمە قىلىش ئامنونغا تەس كۆرۈندى.    ‏3 لېكىن ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر دوستى بار ئىدى. ئۇ داۋۇدنىڭ ئاكىسى شىمېئانىڭ ئوغلى ئىدى. بۇ يوناداب بەك مەككار بىر ئادەم ئىدى. ‏4 ئۇ ئامنونغا: «سەن پادىشاھنىڭ ئوغلى بولۇپ تۇرۇپ، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە مۇنداق ئورۇقلاپ كېتىۋاتىسەن؟ ماڭا دەپ بەرمەمسەن؟» دېدى. ئامنون ئۇنىڭغا: «مەن ئۇكام ئابشالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا ئاشىق بولدۇم» دېدى.
‏5 يوناداب ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدا يېتىپ، ئۆزۈڭنى كېسەل كۆرسەتكىن. ئاتاڭ سېنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: ‹سىڭلىم تامار ماڭا كېلىپ، تاماق بەرسۇن. ئۇ ئاشنى كۆزۈمنىڭ ئالدىدا تەييارلىسۇن، مەن تاماقنى ئۇنىڭ قولىدىن يېي› دەپ ئېيتقىن» دېدى. ‏6 شۇنداق قىلىپ ئامنون يېتىۋېلىپ، ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا: «سىڭلىم تامارغا بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ پىشۇرۇشقا ئىجازەت بەرگىنكى، مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي» دېدى. ‏7 شۇنىڭ بىلەن داۋۇد تامار تۇرغان ئۆيگە ئادەم ئەۋەتىپ، تامارغا: «ئاكاڭ ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا تاماق تەييارلىغىن» دېدى. ‏8 تامار ئاكىسى ئامنون ياتقان ئۆيگە بېرىپ، خېمىر ئېلىپ يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قوتۇرماچ پىشۇردى. ‏9 ئاندىن ئۇ تاۋىنى ئېلىپ، قوتۇرماچنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. لېكىن ئامنون يېگىلى ئۇنىمىدى. ئامنون: «ھەممىڭلار مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ كېتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى.
‏10 ئاندىن ئامنون تامارغا: «تاماقنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا ئېلىپ كىرگىن، قولۇڭدىن ئېلىپ يەي» دېدى. تامار ئۆزى قىلغان قوتۇرماچنى ئىچكىرىكى ھۇجرىغا، ئاكىسى ئامنوننىڭ يېنىغا ئېلىپ كىردى. ‏11 تامار بۇلارنى ئۇنىڭغا يېگىلى سۇنغاندا، ئامنون ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا: «ئەي سىڭلىم، كېلىپ مەن بىلەن ياتقىن» دېدى. ‏12 لېكىن تامار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ياق ئەي ئاكام، مېنى زورلىمىغىن. ئىسرائىللار ئارىسىدا بۇنداق ئىش بولمايدۇ! سەن بۇنداق پەسكەشلىكنى قىلمىغىن. ‏13 ئۆز خىجالىتىم بىلەن نە يەرگە كېتەي؟ سەن بولساڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا ئەخمەقلەر قاتارىدا سانىلىسەن. ئەمدى پادىشاھتىن سورىغىن. ئۇ سېنىڭ مېنى ئەمرىڭگە ئېلىشىڭغا قارشى چىقمايدۇ» دېدى. ‏14 لېكىن ئامنون ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنى زورلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى.
‏15 لېكىن بۇنى قىلغاندىن كېيىن ئامنون ئۇنى قاتتىق ئۆچ كۆرۈپ قالدى. شۇنداقكى، ئۇنىڭ تامارغا بولغان ئۆچلۈكى ئىلگىرى ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىدىن زىيادە بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامنون ئۇنىڭغا: «قوپۇپ كەت، يوقال!» دېدى. ‏16 تامار ئۇنىڭغا: «بۇ بولمايدۇ! مېنى ھەيدىۋېتىش سەن ھېلى ماڭا قىلغان ئىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولىدۇ» دېدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. ‏17 ئۇ ئۆز خىزمىتىدە بولغان يىگىتنى چاقىرىپ: «بۇ ئايالنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئىشىكنى ئۇنىڭ كەينىدىن تاقاپ قوي» دېدى.
‏18 تامار ئۇزۇن لىباس كىيگەنىدى. چۈنكى پادىشاھنىڭ قىزلىرى پاك قىزلىقىدا شۇنداق كىيىم كىيەتتى. ئەمما ئامموننىڭ خىزمەتكارى تامارنى چىقىرىۋېتىپ كەينىدىن ئىشىكنى تاقاپ قويغاندا، ‏19 تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، كىيگەن ئۇزۇن لىباسنى يىرتىپ، قولىنى بېشىغا سېلىپ، قاتتىق يىغلاۋاتقان ھالدا كەتتى.
‏20 ئاكىسى ئابشالوم ئۇنىڭغا: «ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن بىللە ياتتىمۇ؟ ئەمدى شۈك تۇرغىن، ئەي سىڭلىم، ئۇ سېنىڭ ئاكاڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ ئىش ئۈچۈن خاپا بولمىغىن» دېدى. شۇ پەيتتىن باشلاپ تامار ئاكىسى ئابشالومنىڭ ئۆيىدە تەنھالىقتا ھايات كەچۈردى. ‏21 داۋۇد پادىشاھ ھەممە ئىشنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خاپا بولدى. ‏22 ئابشالوم بولسا ئامنونغا، يا يامان، يا ياخشى سۆز قىلمىدى. چۈنكى ئابشالوم ئامنوننى ئۇنىڭ سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكىنى ئۈچۈن ئۆچ كۆرەتتى.
 
ئابشالوم ئامنوننى ئۆلتۈرىدۇ
‏23 ئىككى يىلدىن كېيىن ئابشالوم ئەفرائىمدىكى بائال-خازوردا قويلىرىنى قىرقىتىۋاتقانىدى. ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى چاقىردى. ‏24 ئابشالوم پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «مانا، قۇلۇڭ قويلارنى قىرقىتىۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارلىرىنى ھەمراھ قىلىپ، قۇلۇڭ بىلەن بارغاي» دېدى. ‏25 پادىشاھ ئابشالومغا: «ياق، ئەي ئوغلۇم، بىز ھەممىمىز بارساق، ساڭا يۈك بولۇپ قالىمىز» دېدى. ئابشالوم يالۋۇرسىمۇ، ئۇ بارغىلى ئۇنىماي، بەلكى ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلدى. ‏26 لېكىن ئابشالوم: «ئۇنداق بولسا، ئاكام ئامنون بىز بىلەن بارسۇن» دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بارغاي؟» دەپ سورىدى. ‏27 ئەمما ئابشالوم ئۇنىڭغا كۆپ يالۋۇرغىنى ئۈچۈن ئۇ ئامنوننىڭ، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا ماقۇل بولدى.
‏28 ئابشالوم ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «سەگەك بولۇڭلار، ئامنوننىڭ كۆڭلى شارابتىن كەيپ بولۇپ، مەن سىلەرگە: ‹ئامنوننى ئۇرۇڭلار› دېگەندە قورقماي ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. مەن بۇنى سىلەرگە بۇيرۇدۇم ئەمەسمۇ؟ جۈرئەتلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار» دېدى. ‏29 ئابشالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئامنونغا ئابشالوم ئۆزى بۇيرۇغاندەك قىلدى. ئۇ ھامان پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز قېچىرىغا مىنىپ قاچتى.
‏30 ئۇلار تېخى يولدا قېچىپ كېتىۋاتقاندا داۋۇدقا: «ئابشالوم پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى قالماپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. ‏31 پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ يەرگە تاشلاپ ياتتى. ھەممە خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇردى. ‏32 ئەمما داۋۇدنىڭ ئاكىسى شىمېئانىڭ ئوغلى يوناداب سۆز قىلىپ: «غوجام، ئۇلار پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى بولغان ھەممە يىگىتلەرنى ئۆلتۈردى، دەپ ئويلىماڭ. پەقەت ئامنونلا ئۆلدى. ئۇ تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن تارتىپ ئابشالوم ئۆز كۆڭلىدە شۇنى نىيەت قىلىپ كەلگەن. ‏33 ئەمدى غوجام پادىشاھ: ‹پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلدى› دېگەن خەۋەرنى كۆڭلىدىن چىقارسۇن. پەقەت ئامنونلا ئۆلدى» دېدى.
‏34 ئابشالوم بولسا قېچىپ كەتتى. كۆزەتچى بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن تاغنىڭ يېنىدىكى يول بىلەن نۇرغۇن ئادەملەر كېلىۋاتاتتى. ‏35 يوناداب پادىشاھقا: «مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى كېلىۋاتىدۇ. قۇلۇڭ دېگەندەك بولدى» دېدى. ‏36 ئۇ سۆزىنى تاماملىغان ھامان، مانا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاشتى.
‏37 ئابشالوم بولسا گەشۇرنىڭ پادىشاھى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى تالماينىڭ يېنىغا باردى. داۋۇد ئوغلى ئۈچۈن ھەر كۈنى ھەسرەت چېكەتتى. ‏38 ئابشالوم قېچىپ، گەشۇرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى. ‏39 داۋۇد پادىشاھ ئامنوننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا تەسەللى تاپقاندىن كېيىن ئابشالومغا قارشى چىقىشتىن قول يىغدى.