ناتان پەيغەمبەر داۋۇدقا تەنبىھ بېرىدۇ
12
‏1 پەرۋەردىگار ناتاننى داۋۇدقا ئەۋەتتى. ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
«بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار ئىدى. بىرى باي، يەنە بىرى كەمبەغەل ئىدى. ‏2 باينىڭ ناھايىتى كۆپ قوي ۋە كالا پادىلىرى بار ئىدى. ‏3 لېكىن كەمبەغەلنىڭ ئۆزى سېتىۋېلىپ باققان كىچىك بىر قوزىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىدى. قوزا ئۇنىڭ يېنىدا، بالىلىرى بىلەن بىللە ئۆسۈپ، ئۇنىڭ نېنىدىن يەپ، قاچىسىدىن ئىچىپ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۇخلايتتى. قوزا ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك ئىدى. ‏4 بىر كۈنى بىر يولۇچى باينىڭكىگە كەلدى. باي كەلگەن يولۇچىغا تاماق تەييارلىغىنىدا ئۆز قوي ۋە كالىلىرىنى ئاياپ، ئۇلاردىن بىرىنى سويۇشنى خالىماي، كەلگەن مېھمان ئۈچۈن كەمبەغەلنىڭ قوزىسىنى ئېلىپ، سويۇپ تەييارلىدى».
 
‏5 داۋۇد بۇنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ ناتانغا: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە لايىقتۇر. ‏6 ئۇ رەھىم قىلماي، بۇ ئىشنى قىلغىنى ئۈچۈن قوزا ئۈچۈن تۆت ھەسسە تۆلەم تۆلىسۇن» دېدى.
‏7 لېكىن ناتان داۋۇدقا مۇنداق دېدى: «سەن ئۇ كىشىدۇرسەن. ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سېنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغىلى مەسىھلەپ، سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ‏8 خوجايىنىڭنىڭ ئۆيىنى ساڭا بېرىپ، خوجايىنىڭنىڭ ئاياللىرىنى قۇچىقىڭغا سېلىپ قويۇپ، ئىسرائىل ۋە يەھۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ساڭا بەردىم. ئەگەر بۇ ئاز بولسا ئۇنى-بۇنىمۇ ساڭا بېرەتتىم.    ‏9 نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ؟ ھېتىتلاردىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلدىڭ! ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاممونىيلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەتل قىلدىڭ! ‏10 سەن مېنى كۆزگە ئىلماي، ھېتىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلغىنىڭ ئۈچۈن قىلىچ سېنىڭ ئۆيۈڭدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ›. ‏11 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹مانا، مەن ئۆز ئائىلەڭ ئىچىدىن ساڭا يامانلىق كەلتۈرىمەن، كۆز ئالدىڭدا ئاياللىرىڭنى ئېلىپ، ساڭا يېقىن بىرسىگە بېرىمەن. ئۇ كۈننىڭ يورۇقىدا ئاياللىرىڭ بىلەن بىللە ياتىدۇ. ‏12 سەن ئۇ ئىشنى پىنھاندا قىلدىڭ، لېكىن مەن بۇنى پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا كۈندۈزدە قىلىمەن›». ‏13 داۋۇد ناتانغا: «مەن پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدىم» دېدى. ناتان داۋۇدقا: «پەرۋەردىگار گۇناھىڭدىن ئۆتتى. سەن ئۆلمىگەيسەن. ‏14 لېكىن بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلغىلى پۇرسەت بەرگىنىڭ ئۈچۈن ساڭا تۇغۇلغان ئوغلۇڭ چوقۇم ئۆلىدۇ» دېدى. ‏15 ئاندىن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتتى. ئەمما پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن داۋۇدقا تۇغۇلغان بالىنى ئېغىر كېسەللىك بىلەن ئۇردى.
 
داۋۇد ئوغلى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ
‏16 داۋۇد بالىنىڭ ھەققىدە خۇداغا دۇئا قىلدى. داۋۇد روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ئىچكىرىگە كىرىپ يەردە ياتتى. ‏17 ئۇنىڭ ئوردىسىدىكى ئاقساقاللار قوپۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنى يەردىن تۇرغۇزماقچى ئىدى، لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى، ئۇلار بىلەن نان يېگىلىمۇ ئۇنىمىدى.
‏18 يەتتىنچى كۈنى بالا ئۆلدى. لېكىن داۋۇدنىڭ خىزمەتكارلىرى «بالا ئۆلدى» دەپ ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىشتىن قورقۇپ: «مانا بالا تېخى تىرىك ۋاقىتتا ئۇ بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قۇلاق سالمىدى، ئەمدى ئۇنىڭغا: ‹بالا ئۆلدى› دەپ قانداقمۇ ئېيتالايمىز؟ ئۇ ئۆزىگە بىر يامان ئىش قىلارمىكىن» دېيىشتى. ‏19 لېكىن داۋۇد خىزمەتكارلىرىنىڭ پىچىرلاشقىنىنى كۆرۈپ، بالىنىڭ ئۆلگىنىنى ئۇقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن: «بالا ئۆلدىمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەردى. ‏20 شۇنىڭ بىلەن داۋۇد يەردىن قوپۇپ، يۈزىنى يۇيۇپ ياغ بىلەن ياغلاپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىگە كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ، ئۆزىگە تاماق كەلتۈرگۈزۈپ يېدى. ‏21 خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ بالا تىرىك چاغدا سەن ئۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ يىغلىدىڭ. لېكىن بالا ئۆلگەندىن كېيىن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تاماق يېدىڭ» دېدى. ‏22 ئۇ ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار ماڭا مەرھەمەت قىلىپ، بالىنى تىرىك قالدۇرارمىكىن دەپ خىيال قىلىپ، بالا تىرىك ۋاقتىدا روزا تۇتۇپ يىغلىدىم. ‏23 لېكىن ئەمدى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن نېمىشقا روزا تۇتاي؟ مەن ئۇنى ياندۇرۇۋالالامدىمەن؟ مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلمەيدۇ» دېدى.
‏24 داۋۇد ئۆز ئايالى باتشېباغا تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى، داۋۇد ئۇنىڭغا سۇلايمان دەپ ئىسىم قويدى. پەرۋەردىگار ئۇنى سۆيۈپ، ‏25 ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق سۆزى يەتكۈزۈپ، بالىغا پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەدىديا دەپ ئىسىم قويدى.   
 
ئاممونىيلارنى راببادا مەغلۇپ قىلىنىدۇ
‏26 يوئاب ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىدىكى رابباغا ھۇجۇم قىلىپ، پادىشاھ قەلئەسىنى ئالدى. ‏27 يوئاب داۋۇدقا خەۋەرچىلەر ئەۋەتىپ: «مەن رابباغا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇ ئامبىرى بار قىسمىنى ئالدىم. ‏28 شۇنىڭ ئۈچۈن قالغان ئادەملەرنى يىغىپ شەھەرنى قورشاپ بېسىۋالغىن، بولمىسا مەن شەھەرنى ئالسام، مېنىڭ ئىسمىم بىلەن ئاتىلىدۇ» دېدى.
‏29 داۋۇد ھەممە خەلقنى جەم قىلىپ، رابباغا بېرىپ، ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالدى. ‏30 ئۇ ئۇلارنىڭ پادىشاھىنىڭ تاجىنى ئۇنىڭ بېشىدىن ئالدى. بۇ تاجنىڭ ئېغىرلىقى بىر تالانت ئالتۇن بولۇپ، قىممەتلىك بىر تاش بىلەن زىننەتلەنگەنىدى. بۇ تاج داۋۇدنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى. داۋۇد شەھەردىن ناھايىتى كۆپ ئولجا ئالدى. ‏31 ئۇ شەھەر ئاھالىسىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى ھەرىلەر، خامان تېپىدىغان تىرنىلار ياكى پالتىلارنىڭ ئاستىغا قويدى ۋە خۇمدانلاردىن ئۆتكۈزدى. ئۇ ئاممونىيلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە شۇنداق قىلدى. ئاندىن داۋۇد ھەممە ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.