سائۇلنىڭ ئۆلۈمى
31
‏1 فىلىستىنلەر ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشتى. ئىسرائىللار فىلىستىنلەرنىڭ ئالدىدا قاچتى، كöپلىرى گىلبوئا تېغىدا قىرىپ تاشلاندى. ‏2 فىلىستىنلەر سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئىز بېسىپ قوغلاپ، سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، ئابىناداب ۋە مەلكىشۇئانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ‏3 سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ كەسكىنلەشتى. ئوقياچىلار ئۇنىڭغا يېتىشىپ كەلگەندە، ئۇ ئوقياچىلاردىن ناھايىتى قورقۇپ كەتتى.  
‏4 سائۇل ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: «قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ ماڭا تىق، بولمىسا بۇ خەتنىسىزلەر ماڭا قىلىچ تىقىدۇ ۋە مېنى خورلايدۇ» دېدى. لېكىن ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بەك قورقۇپ كەتكەچكە ئۇنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل قىلىچنى سۇغۇرۇپ، ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ‏5 ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوھشاش قىلىچنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلۈۋالدى. ‏6 شۇنداق قىلىپ سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە بارلىق ئادەملىرى شۇ بىر كۈندە بىللە ئۆلدى.
‏7 ۋادىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىسرائىللار ئىسرائىل ئەسكەرلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ۋە سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرگىنىدە، شەھەرلەرنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىنلەر كېلىپ ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. ‏8 ئەتىسى فىلىستىنلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىملىرىنى تالان قىلغىلى كەلگەندە، ئۇلار گىلبوئا تېغىدا سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى تاپتى. ‏9 ئۇلار سائۇلنىڭ بېشىنى كېسىپ، ساۋۇت-قوراللىرىنى سالدۇرۇپ، فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە ئادەم ئەۋەتىپ، بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. ‏10 ئۇنىڭ ساۋۇت-قوراللىرىنى ئاشتاروت بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسەتلىرىنى بەيت-شېئان شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئېسىپ قويدى.
‏11 يابەش-گىلېئادتىكىلەر فىلىستىنلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا، ‏12 ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇرلىرى ئاتلىنىپ كېچىچە يول يۈرۈپ، سائۇل بىلەن ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەيت-شېئاننىڭ سېپىلىدىن چۈشۈرۈپ، يابەشكە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى. ‏13 ئاندىن ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى يابەشتە بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتۇشتى.