داۋۇدنىڭ ئامالەكىيلەردىن ئۆچ ئېلىشى
30
‏1  ئۈچىنچى كۈنى داۋۇد زىقلاغقا يېتىپ كەلگەندە، ئامالەكىيلەر جەنۇب تەرەپكە ھەم زىقلاغقا ھۇجۇم قىلىپ، زىقلاغنى ۋەيران قىلىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەنىدى. ‏2 ئۇلار ئۇ يەردىكى ئاياللارنى ئەسىرگە ئالغانىدى. ئۇلار ھېچكىمنى ئۆلتۈرمەي، كىچىك-چوڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ يولىغا ماڭغانىدى. ‏3 داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شەھەرگە كېلىپ، ئۇنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئاياللىرى ۋە ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەسىر قىلىنغانلىقىنى كۆردى. ‏4 داۋۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغانلار ئۈن سېلىپ پەرياد ئۇرۇپ، تاكى ھالىدىن كەتكۈچە يىغلاشتى. ‏5 داۋۇدنىڭ ئىككى ئايالى يىزرەئەللىك ئاخىنوئام ۋە كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىلمۇ ئەسىر ئېلىنغانىدى. ‏6 داۋۇد ئىنتايىن ئازابلاندى، چۈنكى ھەممە ئادەملىرى، ھەربىرى ئۆز ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى ئۈچۈن شۇنچە خاپا بولدىكى: «ئۇنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشىۋاتاتتى. ئەمما داۋۇد ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەت تاپتى.
‏7 داۋۇد ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى كاھىن ئابياتارغا: «ئېفودنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ئابياتار داۋۇدقا ئېفودنى ئېلىپ كەلدى. ‏8 داۋۇد پەرۋەردىگاردىن: «بۇ قاراقچىلارنىڭ كەينىدىن قوغلايمۇ؟ ئۇلارغا يېتىشەلەيمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: «قوغلىغىن. سەن شۈبھىسىز ئۇلارغا يېتىشىۋالىسەن ھەم ھەممىسىنى قۇتقۇزۇۋالىسەن» دېدى. ‏9 داۋۇد ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئالتە يۈز ئادىمى بىلەن يولغا چىقىپ، بېسور دەرياسىغا يېتىپ كەلدى، ئارقىدا قالغان بىر قىسمى بولسا شۇ يەردە قالدى. ‏10 داۋۇد تۆت يۈز ئادەم بىلەن قوغلىدى، قالغان ئىككى يۈز كىشى ھېرىپ كەتكەچكە بېسور دەرياسىدىن ئۆتەلمەي ئارقىدا قالدى.
‏11 ئۇلار دالادا بىر مىسىرلىق ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى داۋۇدنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا نان بېرىپ، سۇ ئىچۈردى. ‏12 ئۇلار ئۇنىڭغا يەنە بىر پارچە ئەنجۈر توقىچى ۋە ئىككى كىشمىش توقىچىمۇ بەردى. ئاندىن ئۇ ئادەمگە قايتىدىن جان كىردى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز نان يېمىگەن، سۇ ئىچمىگەن ئىدى. ‏13 داۋۇد ئۇنىڭدىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن، نەلىكسەن؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «مەن بىر مىسىرلىق يىگىتمەن، ئامالەكىيلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. ئۈچ كۈن ئىلگىرى مەن كېسەل بولۇپ قالغاچقا، خوجايىنىم مېنى تاشلاپ كەتتى. ‏14 بىز كىرېتىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە، يەھۇداغا تەۋە زېمىنغا، شۇنداقلا كالەبنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگىمۇ بۆسۈپ كىرىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زىقلاغنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەنىدۇق» دەپ جاۋاب بەردى. ‏15 داۋۇد ئۇنىڭدىن: «مېنى ئۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟» دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «خۇدانىڭ نامى بىلەن ‹سېنى ئۆلتۈرمەيمەن ھەم خوجايىنىڭغىمۇ تۇتۇپ بەرمەيمەن› دەپ قەسەم قىلساڭ، سېنى ئۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي» دېدى. ‏16 ئۇ ئۇلارنى باشلاپ كەلگەندە، قاراقچىلار پۈتۈن يەرگە يېيىلىپ، يەپ-ئىچىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇلار فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنى ۋە يەھۇدا زېمىنىدىن چوڭ ئولجىغا ئېرىشكەنىدى.   
‏17 داۋۇد ئاخشامدىن تارتىپ تاكى ئەتىسى كەچكىچە ئېلىشىپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچبىر ئادەم ساق قالمىدى. ‏18 داۋۇد ئامالەكىيلەر بۇلىۋالغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى، ئۆزىنىڭ ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. ‏19 كىچىك-چوڭ، ئوغۇل-قىز، شۇنداقلا ئولجىغا ئېلىپ كېتىلگەن نەرسىلەر، يەنى ئۇلار ئېلىۋالغان ھېچبىر نەرسە كەم قالمىدى، داۋۇد ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى. ‏20 داۋۇد ئۇلارنىڭ قوي ۋە كالا پادىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئولجا ئالدى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى باشقا پادىلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ھەيدەپ: «بۇ داۋۇدنىڭ ئولجىسىدۇر» دېيىشەتتى.   
‏21 داۋۇد ھېرىپ كېتىپ بېسور دەرياسىنىڭ بويىدا قالغان ئىككى يۈز ئادەمىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەرنىڭ ئالدىغا چىقتى. داۋۇد ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ سالام قىلدى. ‏22 لېكىن داۋۇد بىلەن بارغانلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى يارىماس يامان ئادەملەر: «بۇلار بىز بىلەن بارمىغىنى ئۈچۈن، بىز قايتۇرۇۋالغان ئولجىدىن ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمەيلى، ئۇلار پەقەتلا ئۆز خوتۇن-بالىلىرىنى ئېلىپ كەتسۇن» دېيىشتى. ‏23 ئەمما داۋۇد: «ياق، ئەي بۇرادەرلىرىم، ئۇنداق قىلماڭلار. پەرۋەردىگار بۇ مالنى بىزگە بەرگەنغۇ. ئۇ بىزنى قوغداپ، بىزگە قارشى چىققان قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى. ‏24 بۇ مەسىلىدە سىلەرگە كىم قۇلاق سالسۇن؟ جەڭ قىلىشقا بارغانلارنىڭ نېسىۋىسى قانداق بولسا، يۈك-تاقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ نېسىۋىسىمۇ شۇنداق بولسۇن. ئۇلار تەڭ بۆلۈشىدۇ» دېدى. ‏25 شۇ كۈندىن تارتىپ تا بۈگۈنكى قەدەر، بۇ ئىسرائىلدا قائىدە ۋە قانۇن بولۇپ بېكىتىلدى.
 
داۋۇد يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئولجىدىن بىر تارتۇق ئەۋەتىدۇ
‏26 داۋۇد زىقلاغقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئولجىدىن ئۆز دوستلىرى بولغان يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «مانا، بۇ بىز پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىزدىن سىلەرگە بىر ھەدىيە» دېدى. ‏27 ئۇ بەيتەلدىكى، جەنۇبىي راموتتىكى، ياتتىردىكى، ‏28 ئاروئەردىكى، سىفموتتىكى، ئەشتەموئادىكى، ‏29 راھىلەدىكى، يەراخمىئەلىيلەرنىڭ شەھەرلىرىدىكى، قېنىيلارنىڭ شەھەرلىرىدىكى، ‏30 خورماھتىكى، كور-ئاشاندىكى، ئاتاكتىكى، ‏31 خېبروندىكى ۋە داۋۇد ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئايلىنىپ يۈرگەن ھەممە يەردىكى ئاقساقاللارغا تارتۇق ئەۋەتتى.