فىلىستىنلەرنىڭ داۋۇدنى ئۆز سېپىدىن چىقىرىۋېتىشى
29
‏1 فىلىستىنلەر پۈتۈن قوشۇنلىرىنى ئافېقتا جەم قىلدى. ئىسرائىللار بولسا يىزرەئەل بۇلىقى بويىغا بارگاھ قۇردى. ‏2 فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرى قوشۇنلىرىنى يۈز كىشى ۋە مىڭ كىشىگە بۆلۈپ سەپ تۈزدى. داۋۇد ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ، ئاكىش بىلەن چىقىپ ماڭدى. ‏3 فىلىستىنلەرنىڭ سەردارلىرى: «ئاۋۇ ئىبرانىيلار بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» ئاكىش فىلىستىنلەرنىڭ سەردارلىرىغا: «ئۇ ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى سائۇلنىڭ خىزمەتكارى داۋۇد ئەمەسمۇ، يىللاردىن بېرى مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ مەن تەرەپكە ئۆتكەن كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭدىن ھېچ يامانلىق بايقىمىدىم» دېدى.
‏4 لېكىن فىلىستىنلەرنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندى. فىلىستىنلەرنىڭ سەردارلىرى ئۇنىڭغا: «ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ئورۇنلاشتۇرغان جايغا قايتۇرۇۋەتكىن، ئۇ بىز بىلەن جەڭگە چىقمىسۇن، بولمىسا، ئۇ جەڭدە بىزگە دۈشمەن بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئۇ ئۆز خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلغاي؟ بىزنىڭ ئادەملەرنىڭ باشلىرىنى ئېلىش بىلەن ئەمەسمۇ؟ ‏5 ئاياللار ئۇسۇللۇق ناھشىلاردا: ‹سائۇل مىڭنى ئۇردى، لېكىن داۋۇد ئون مىڭنى ئۇردى› دېگەن داۋۇد شۇ تۇرسا؟» دېدى.
‏6 ئاكىش داۋۇدنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ مەن بىلەن بارگاھتا كىرىش-چىقىشىڭ كۆزلىرىمدە ياخشى بولدى، چۈنكى سەن ماڭا كەلگەن كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سەندە ھېچ يامانلىق بايقىمىدىم. لېكىن بەگلەرنىڭ نەزىرىدە ياخشى ئەمەسسەن. ‏7 شۇڭا سەن فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرىنى نارازى قىلماي، تىنچ-ئامان قايتىپ كەتكىن» دېدى. ‏8 داۋۇد ئاكىشقا: «ئەمما مەن نېمە قىلدىمكى؟ سېنىڭ قېشىڭغا كەلگەندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سەن قۇلۇڭدىن تاپقان قانداقمۇ سەۋەنلىك ئۈچۈن، مەن غوجام پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا بارالمىغۇدەكمەن؟» دېدى. ‏9 ئاكىش داۋۇدقا جاۋاب بېرىپ: «بىلىمەن، سەن مېنىڭ نەزىرىمدە ھۇددى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ياخشى. لېكىن فىلىستىنلەرنىڭ سەردارلىرى: ‹بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمىسۇن› دەۋاتىدۇ. ‏10 شۇڭا سەن بىللە ئېلىپ كەلگەن غوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن سەھەر تۇرۇپ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا قايتىپ كېتىڭلار» دېدى. ‏11 داۋۇد ئۆز ئادەملىرى بىلەن سەھەر تۇرۇپ فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. فىلىستىنلەر بولسا يىزرەئەلگە كەتتى.