سائۇل جىنكەش ئايالغا مۇراجىئەت قىلىدۇ
28
1 شۇ مەزگىللەردە فىلىستىنلەر ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۆز قوشۇنلىرىنى توپلىدى. ئاكىش داۋۇدقا: «شۇنى بىلگىنكى، سەن ئادەملىرىڭ بىلەن بىللە جەڭگە چىقىشىڭ لازىم بولىدۇ، دېدى. 2 داۋۇد ئاكىشقا: «ئەمدى سەن قۇلۇڭنىڭ نېمە كارامىتى بارلىقىنى كۆرىسەن» دېدى. ئاكىش داۋۇدقا: ئۇنداقتا، سېنى ئۆزۈمگە مەڭگۈلۈك ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن» دېدى. 3 سامۇئەل ئۆلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز شەھىرى بولغان رامادا دەپنە قىلغانىدى. سائۇل جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلار ۋە پال سالغۇچىلارنى زېمىندىن چىقارغانىدى.
4 فىلىستىنلەر يىغىلىشىپ، شۇنەمدە بارگاھ قۇردى. سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىلنى يىغىپ، گىلبوئادا بارگاھ قۇردى. 5 سائۇل فىلىستىنلەرنىڭ قوشۇنىنى كۆرگەندە، قورققىنىدىن يۈرىكى قاتتىق سوقۇپ كەتتى. 6 سائۇل پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سورىدى، لېكىن پەرۋەردىگار يا چۈش، يا «ئۇرىم» ۋە ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بولسۇن، ئۇنىڭغا ھېچ جاۋاب بەرمىدى. ■ 7 شۇڭا سائۇل خىزمەتكارلىرىغا: «ماڭا بىر جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى ئايال تېپىپ كېلىڭلار. مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن يول سوراي» دېدى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭغا: «ئاڭلىساق، ئەندوردا بىر جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى ئايال بار ئىكەن» دېدى. 8 سائۇل باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى كىشىنى ھەمراھ قىلىپ ماڭدى. ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا كەچقۇرۇن بولغاندا يېتىپ كەلدى. سائۇل ئايالغا: «مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلار ئارقىلىپ يول سورىغىن، مەن ئىسمىنى ئاتىغان ئادەمنى چاقىرىپ بەرگىن» دېدى. 9 ئايال ئۇنىڭغا: «سائۇلنىڭ جىن-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچىلار ھەم پال سالغۇچىلارنى زېمىندىن يوقاتقانلىقىنى ياخشى بىلەرسەن. ئەمىسە، نېمىشقا ئۆلۈشۈمگە سەۋەب بولىدىغان تۇزاق قويىسەن؟» دېدى. 10 سائۇل ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار بىلەن قەسەم قىلىپ: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئىش ئۈچۈن جازالانمايسەن» دېدى. 11 ئايال: «ساڭا كىمنى چاقىرىپ بېرىمەن؟» دەپ سورىدى. «سامۇئەلنى ماڭا چاقىرىپ بەرگىن» دېدى سائۇل. 12 ئايال سامۇئەلنى كۆرۈپلا چىرقىراپ كەتتى. ئاندىن ئايال سائۇلغا: «سەن ئۆزۈڭ سائۇل ئىكەنسەنغۇ، نېمىشقا مېنى ئالدايسەن؟» دېدى. 13 پادىشاھ ئۇنىڭغا: «قورقمىغىن! نېمىنى كۆردۈڭ؟» دېدى. ئايال سائۇلغا: «تەڭرى كەبى بىرىنىڭ يەردىن چىققىنىنى كۆردۈم» دېدى. 14 ئۇ: «ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى قانداقكەن؟» دەپ سورىدى. ئايال: «تون كىيىۋالغان، ياشانغان بىر ئادەم چىقتى» دېدى. سائۇل ئۇنىڭ سامۇئەل ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدى ۋە ئېڭىشىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلدى.
15 سامۇئەل سائۇلغا: «نېمىشقا مېنى راھەت قويماي چاقىرىپ چىقتىڭ؟» دېدى. سائۇل: «مەن تولىمۇ پەرىشان بولدۇم، چۈنكى فىلىستىنلەر ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، ھەم خۇدا مېنى تەرك ئەتتى، ئۇ نە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق نە چۈشلەر ئارقىلىق ماڭا ھېچبىر جاۋاب بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭا نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ماڭا بىلدۈرەمدىكىن دەپ، سېنى چاقىردىم» دېدى. 16 سامۇئەل مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار سەندىن ئايرىلىپ، دۈشمىنىڭ بولغان بولسا، ئۇنداقتا نېمىشقا مەندىن مەسلىھەت سورايسەن؟ 17 پەرۋەردىگار مەن ئارقىلىق ئېيتقانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، پەرۋەردىگار پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن تارتىپ ئېلىپ، قوشناڭغا، يەنى داۋۇدقا بەردى. 18 چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدىڭ، ئۇنىڭ ئوتلۇق غەزىپىنى ئامالەكىيلەرگە ئىجرا قىلمىدىڭ، شۇڭا پەرۋەردىگار بۈگۈن سېنىڭ بېشىڭغا بۇ ئىشنى كەلتۈردى. 19 پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. ئەتە سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەن بىلەن بىللە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىمۇ فىلىستىنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ». 20 سائۇل شۇئان يەرگە يىقىلىپ يېتىپ قالدى، سامۇئەلنىڭ سۆزلىرى ئۇنى قاتتىق قورقۇتۇۋەتكەنىدى. ئۇ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەچكە، ئۇنىڭ ماغدۇرى قالمىغانىدى.
21 ئايال سائۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ تولىمۇ پەرىشان بولغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «دېدىكىڭ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ئەمەل قىلدى. 22 شۇنىڭ ئۈچۈن سەنمۇ دېدىكىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايسەن، ساڭا بىر ئاز نان كەلتۈرەي، ئۇنى يەپ كۈچلىنىپ ئۆز يولۇڭغا كەتكەيسەن» دېدى. 23 لېكىن سائۇل: «يېمەيمەن» دەپ ئۇنىمىدى. خىزمەتكارلىرى ۋە ئايال ئۇنى يەنە زورلىغاندا، ئۇ يەردىن تۇرۇپ سۇپىغا ئولتۇردى. 24 ئايالنىڭ ئۆيىدە بىر بورداق موزاي بار ئىدى. ئۇ دەرھال ئۇنى سويدى ۋە خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان پىشۇردى. 25 ئاندىن ئۇ ئۇلارنى سائۇل بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئالدىگا قويدى. ئۇلار غىزالىنىپ، شۇ كېچىسى كېتىشتى.