داۋۇد فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىغا قاچىدۇ
27
‏1 داۋۇد ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ھالاك بولىدىغان ئوخشايمەن. فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىغا دەرھال قېچىشتىن باشقا ئىلاجىم يوق. شۇنداق قىلسام، سائۇل مېنى ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدە ئىزدەشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلىمەن» دەپ ئويلىدى. ‏2 ئاندىن داۋۇد يېنىدىكى ئالتە يۈز ئادەمنى ئېلىپ، گاتنىڭ پادىشاھى مائوقنىڭ ئوغلى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى. ‏3 داۋۇد ئۆزى ۋە ئادەملىرىنىڭ ھەربىرلىرى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن گاتتا ئاكىشنىڭ قېشىدا تۇرۇپ قالدى. داۋۇد ئىككى ئايالى، يەنى يىزرەئەللىك ئاخىنوئام ۋە كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگائىل بىلەن بىللە ئۇ يەردە تۇردى. ‏4 سائۇلغا: «داۋۇد گاتقا قاچتى» دەپ خەۋەر بېرىلگەندە، ئۇ ئۇنى يەنە ئىزدەپ يۈرمىدى.
‏5 داۋۇد ئاكىشقا: «ئەگەر نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، تۇرۇش ئۈچۈن دالادىكى شەھەرلەردىن بىرىدە بىزگە بىر جاي بەرگىن. چۈنكى قۇلۇڭ قانداقمۇ پايتەختتە سەن بىلەن بىللە تۇرسۇن؟» دېدى. ‏6 شۇ كۈنى ئاكىش ئۇنىڭغا زىقلاغ شەھىرىنى بەردى. شۇ ۋەجىدىن، زىقلاغ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەھۇدا پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. ‏7 داۋۇد فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىل تۆت ئاي بولدى.
‏8 ئۇ ۋاقىتلاردا داۋۇد ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ گەشۇرىيلارغا، گىزرىيلەرگە ۋە ئامالەكىيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇ يۇرت ئاھالىسى بولۇپ، شۇردىن تارتىپ مىسىر زېمىنىغىچە بولغان جايلاردا تۇراتتى. ‏9 داۋۇد شۇ جايلارغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئەر يا ئايال دېمەستىن، بىرىنىمۇ تىرىك قويماي ئۆلتۈرۈپ، قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، ئاكىشنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلەتتى. ‏10 ئاكىش: «بۈگۈن قەيەرگە تالانغا چىقتىڭلار؟» دەپ سورىغاندا داۋۇد: «يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە» ياكى «يەراخمىئەلىيلەرنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە باردۇق»، شۇنداقلا «قېنىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە باردۇق» دەپ جاۋاب بېرەتتى. ‏11 داۋۇد ھېچكىمنى گاتقا ئېلىپ كەلمەيتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ گاتقا بېرىپ: ‹داۋۇد ئۇنداق قىلدى، مۇنداق قىلدى› دەپ گەپ توشۇماسلىقى ئۈچۈن مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھېچبىرىنى تىرىك قويمايتتى. داۋۇد فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدىكى چاغلىرىدا دائىم شۇنداق قىلاتتى. ‏12 ئاكىش داۋۇدقا ئىشەندى ۋە ئىچىدە: «ئۇ ئۆز خەلقى ئىسرائىلنى ئۆزىدىن يىرگەندۈرۈۋەتتى، ئەمدى ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىدۇ» دەپ ئويلىدى.