داۋۇد سائۇلنى يەنە ئايايدۇ
26
‏1 زىفلىكلەر گىبېئاغا سائۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ: «داۋۇد ساينىڭ ئۇدۇلىدىكى خاكىلانىڭ ئېگىزلىكىگە يوشۇرۇنۇۋالدى» دېدى. ‏2 شۇنىڭ بىلەن سائۇل قوزغىلىپ ئىسرائىلدىن تاللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، زىف چۆلىدە داۋۇدنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. ‏3 سائۇل يولنىڭ بويىدا ساينىڭ ئۇدۇلىدىكى خاكىلانىڭ ئېگىزلىكىدە بارگاھ قۇردى. لېكىن داۋۇد چۆلدە تۇرۇپ، سائۇلنىڭ ئۇنىڭ كەينىدىن چىققىنىنى ئاڭلىغاندا، ‏4 داۋۇد چارلىغۇچىلار ئەۋەتىپ، سائۇلنىڭ راست كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلدى. ‏5 داۋۇد قوزغىلىپ، سائۇل بارگاھ قۇرغان يەرگە بېرىپ، سائۇل ۋە ئۇنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ياتقان يېرىنى كۆردى. سائۇل بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتقان بولۇپ، ئادەملىرى ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتقانىدى. ‏6 داۋۇد خىتىتلىق ئاخىمەلەك ۋە يوئابنىڭ ئاكىسى زېرۇيانىڭ ئوغلى ئابىسايغا: «كىم مەن بىلەن سائۇل بار بارگاھقا چۈشىدۇ؟» دەپ سورىدى. ئابىساي: «مەن سەن بىلەن بارىمەن» دېدى.
‏7 داۋۇد ۋە ئابىساي كېچىسى قوشۇن بار يەرگە بارغىنىدا، مانا، سائۇلنىڭ بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاپ ياتقىنىنى كۆردى. ئۇنىڭ نەيزىسى باش تەرىپىدە قاداقلىق تۇراتتى. ئابنەر ۋە قوشۇن بولسا ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتاتتى. ‏8 ئابىساي داۋۇدقا: «خۇدا بۈگۈن دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردى. ئەمدى ئىجازەت بەرسەڭ، نەيزام بىلەن ئۇنى بىرلا سانجىپ يەرگە قاداپ قوياي، ئۇنى ئىككىنچى قېتىم سانجىپ يۈرمەيمەن» دېدى. ‏9 داۋۇد ئابىسايغا: «ئۇنى ئۆلتۈرمىگىن، چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگار تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەمگە قول ئۇزاتسا گۇناھكار بولىدۇ» دېدى. ‏10 داۋۇد يەنە: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنى ئۇرىدۇ. ئۇ يا ئۆلىدىغان كۈنى كېلىپ ئۆلىدۇ، يا جەڭگە چىقىپ ھالاك بولىدۇ. ‏11 پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەمگە قول ئۇزىتىشتىن ساقلىسۇن. ئەمما ئۇنىڭ باش تەرىپىدىكى نەيزە بىلەن سۇ كوزىسىنى ئالغىن. ئاندىن كېتەيلى» دېدى. ‏12 داۋۇد نەيزە بىلەن سۇ كوزىسىنى سائۇلنىڭ باش تەرىپىدىن ئالغاندىن كېيىن، ئىككىسى چىقىپ كەتتى. ئەمما بۇنى ھېچكىم كۆرمىدى ياكى سەزمىدى. ئۇلاردىن ھېچكىم ئويغانمىدى، ھەممىسى قاتتىق ئۇخلاۋاتقانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېغىر بىر ئۇيقۇ چۈشۈرگەنىدى. ‏13 داۋۇد قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ، تاغنىڭ تۆپىسىگە چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىق خېلىلا يىراق ئىدى. ‏14 داۋۇد قوشۇن بىلەن نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرگە قاراپ: «جاۋاب بەرمەمسەن، ئەي ئابنەر!» دەپ ۋارقىرىدى. ئابنەر: «سەن كىمۇ پادىشاھقا ۋارقىرايدىغان؟» دېدى. ‏15 داۋۇد ئابنەرگە: «بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەركەكلىرى ئارىسىدا سەندەك بىرى بارمۇ؟ نېمىشقا غوجاڭ پادىشاھنى قوغدىمىدىڭ؟ چۈنكى بىر كىشى غوجاڭ پادىشاھنى ئۆلتۈرگىلى كىردى. ‏16 سېنىڭ قىلغىنىڭ ياخشى ئىش ئەمەس! تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار مەسىھلىگەن غوجاڭلارنى قوغدىمىغىنىڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق بولدۇڭلار. قاراپ بېقىڭلار، پادىشاھنىڭ باش تەرىپىدە تۇرغان نەيزە بىلەن كوزا قەيەردە؟» دېدى.
‏17 سائۇل داۋۇدنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ: «بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئەي ئوغلۇم داۋۇد!» دېدى. داۋۇد: «ئەي غوجام پادىشاھ، بۇ مېنىڭ ئاۋازىمدۇر» دېدى. ‏18 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نېمىشقا غوجام ئۆز قۇلىنى مۇنداق قوغلايدۇ؟ مەن نېمە قىلدىمكى؟ قولۇمدا نېمە يامانلىق بار؟ ‏19 ھازىر سەندىن ئۆتۈنەيكى، غوجام پادىشاھ ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغاي. ئەگەر سېنى ماڭا قارشى كۈشكۈرتكەن پەرۋەردىگار بولسا، بىر قۇربانلىق ھەدىيەسى ئۇنى رازى قىلغاي. ئەگەر ئادەم بالىسى سېنى ماڭا قارشى قىلغان بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالسۇن، چۈنكى ئۇلار مېنى پەرۋەردىگارنىڭ مىراس يېرىدىن مەھرۇم قىلىپ: ‹ماڭ بېرىپ، يات ئىلاھلارغا ئىبادەت قىل› دەيدۇ. ‏20 مېنىڭ قېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ئۇزاق يەرگە تۆكۈلمىسۇن. چۈنكى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىر تال بۈرگىنى ئىزدەپ، خۇددى تاغلاردا كەكلىك ئوۋلىغىلى چىققاندەك چىقىپتۇ».
‏21 سائۇل: «مەن گۇناھ قىلدىم، ئەي ئوغلۇم داۋۇد، قايتىپ كەلگىن. بۈگۈن مېنىڭ جېنىم نەزىرىڭدە ئەزىز بولغىنى ئۈچۈن، ئەمدى مەن ساڭا ئەسلا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. ھەقىقەتەن مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، ئېقلىمدىن ئېزىپتىمەن» دېدى. ‏22 داۋۇد جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مانا، پادىشاھنىڭ نەيزىسى! ئادەملىرىڭدىن بىرى كېلىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتسۇن. ‏23 پەرۋەردىگار ھەر ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ساداقەتلىكىگە قاراپ ئەجرىنى ياندۇرغاي. پەرۋەردىگار بۈگۈن سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەمگە قول ئۇزىتىشنى خالىمىدىم. ‏24 بۈگۈن سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بولغاندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بولسۇن. ئۇ مېنى ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزسۇن». ‏25 سائۇل داۋۇدقا: «ئەي ئوغلۇم داۋۇد، ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي. سەن چوقۇم چوڭ ئىشلارنى قىلىسەن، ھەم ھەر ئىشىڭدا غەلىبىلىك بولىسەن» دېدى. ئاندىن داۋۇد ئۆز يولىغا كەتتى. سائۇلمۇ ئۆز ماكانىغا قايتتى.