داۋۇد، نابال ۋە ئابىگائىل
25
1 سامۇئەل ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يىغىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇشتى. ئۇلار ئۇنى رامادىكى ئۆزى تۇرغان جايغا دەپنە قىلدى. ئاندىن داۋۇد يولغا چىقىپ، پاران چۆلىگە باردى. 2 تىرىكچىلىك كارمەلدە قىلىدىغان، ئەمما ئولتۇراق جايى مائوندا بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ كىشى ئىنتايىن باي بولۇپ ئۈچ مىڭ قوي، مىڭ ئۆچكىسى بار ئىدى. ئۇ ئۆز قويلىرىنى كارمەلدە قىرقىۋاتاتتى. 3 ئۇنىڭ ئىسمى نابال، ئايالىنىڭ ئىسمى ئابىگائىل ئىدى. ئابىگائىل ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئايال ئىدى. ئەمما كالەب نەسلىدىن بولغان ئېرى قاتتىق قول، مىجەزى ئوسال ئادەم ئىدى.
4 داۋۇد چۆلدە بولغاندا نابالنىڭ ئۆز قويلىرىنى قىرقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 5 ئون يىگىتنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. داۋۇد يىگىتلەرگە مۇنداق دېدى: «سىلەر كارمەلگە بېرىپ، نابالنىڭ يېنىغا كەلگەندە، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار. 6 ئۇنىڭغا مۇنداق دەڭلار: ‹ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولغاي، تىنچ-ئامان بولغايسەن، ئۆيۈڭمۇ تىنچ-ئامان بولغاي، ھەممە بارىڭ ئامان-ئېسەن بولغاي. 7 مەن قويلىرىڭنىڭ قىرقىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. سېنىڭ پادىچىلىرىڭ بىز تەرەپلەردە تۇرغاندا، ئۇلارغا ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدۇق. كارمەلدە تۇرغاندىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسى يوقاپ كەتمىدى. 8 ئۆز يىگىتلىرىڭدىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا دەپ بېرىدۇ. ئادەملىرىمىز نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقاي چۈنكى بىز بىر قۇتلۇق كۈندە كەلدۇق. ئۆتۈنەيكى، ئۆز قۇللىرىڭغا ۋە ئوغلۇڭ داۋۇدقا قولۇڭدىن نېمە كەلسە، بەرگىن›».
9 داۋۇدنىڭ ئادەملىرى ئۇ يەرگە كېلىپ، داۋۇدنىڭ نامىدا نابالغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ، ئاندىن سۈكۈتتە ساقلاپ تۇردى. 10 لېكىن نابال داۋۇدنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: «داۋۇد دېگەن كىم؟ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ كەتكەن خىزمەتكارلار كۆپ. 11 ئۆز نېنىمدىن، سۈيۈمدىن ۋە ئۆز قىرقىغۇچىلىرىمغا سويغان گۆشتىن ئېلىپ، نامەلۇم جايدىن كەلگەن كىشىلەرگە بېرەمدىمەن؟» دەپ جاۋاب بەردى. 12 داۋۇدنىڭ يىگىتلىرى كەينىگە بۇرۇلۇپ كەتتى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، داۋۇدقا ھەممىنى سۆزلەپ بەردى. 13 داۋۇد ئۆز ئادەملىرىگە: «ھەربىرىڭلار ئۆز قىلىچىڭلارنى كەمىرىگە باغلاڭلار» دېدى. ھەربىرى ئۆز قىلىچىنى كەمىرىگە باغلىدى، داۋۇدمۇ ئۆز قىلىچىنى كەمىرىگە باغلىدى. ئاندىن تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇد بىلەن چىقتى، ئىككى يۈز ئادەم جابدۇقلار بىلەن قالدى.
14 نابالنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن بىرى نابالنىڭ ئايالى ئابىگائىلغا: «داۋۇد چۆلدىن ئەلچى ئەۋەتىپ، خوجايىنىمىزغا سالام ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇ ئۇلارنى ھاقارەتلەپ كەتتى. 15 ھالبۇكى ئۇ ئادەملەر بىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغان. بىز دالادا ئۇلارنىڭ تەرەپلىرىدە يۈرگەندە ئۇلار بىزگە ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەنىدى، ھېچ نەرسىمىزمۇ يوقاپ كەتمىگەنىدى. 16 بىز ئۇلارنىڭ تەرەپلىرىدە قوي باققان ۋاقىتلاردا، ئۇلار دائىم كېچە-كۈندۈز بىز ئۈچۈن سېپىل بولغان ئىدى. 17 ئەمدى نېمە قىلىشنى ئوبدان ئويلىغىن، بولمىسا خوجايىنىمىزغا ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆي-ۋارانلىرىغا بىر يامانلىق بولغۇسى. خوجايىنىمىز يارىماس ئادەم، ئۇنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرمەيدۇ». 18 شۇنىڭ بىلەن ئابىگائىل دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، بەش پىشۇرۇلغان قوي، بەش كۈرە قوماچ، يۈز توقاچ كىشمىش، ئىككى يۈز توقاچ قۇرۇق ئەنجۈر ئېلىپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ، ■ 19 ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «مەندىن بۇرۇن بېرىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن باراي» دېدى. لېكىن ئېرى نابالغا ھېچنېمە دېمىدى.
20 ئۇ ئېشىكىگە مىنىپ بېرىپ، تاغ ئېتىكىدىن چۈشۈۋاتقاندا، دەل داۋۇد ئادەملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. 21 داۋۇد ئەسلى مۇنداق دېگەنىدى: «مەن چۆلدە ئۇ ئادەمنىڭ مېلىنى بىخەتەر ساقلىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ ھېچنېمىسى يوقاپ كەتمىدى. لېكىن ئۇ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇردى. 22 ئەگەر ئەتە تاڭ يورۇغۇچە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن بىرمۇ ئەركەكنى تىرىك قويسام، خۇدا مەن داۋۇدنى قوشلاپ جازالىغاي!» دېگەن ئىدى. ■
23 ئابىگائىل داۋۇدنى كۆرۈپ، دەرھال ئېشەكتىن چۈشۈپ، داۋۇدنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلدى. 24 ئۇ ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەي غوجام، بۇ گۇناھ خاس ماڭا ئارتىلسۇن، ئەمما ئۆتۈنەيكى، دېدىكىڭنىڭ ساڭا سۆز قىلىشىغا ئىجازەت بېرىپ، دېدىكىڭنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن. 25 غوجام سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇ يارىماس ئادەم نابالدىن رەنجىمىگىن، ئۇنىڭ ئىسمى نابال، ئۆزىمۇ ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەقتۇر. ئەي غوجام، مەن سەن ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمىدىم. ■ 26 ئەي غوجام، تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ تىرىك جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار سېنى قان تۆكۈپ، ئۆز قولۇڭ بىلەن ئىنتىقام ئېلىشتىن ساقلىدى. دۈشمەنلىرىڭ ۋە ساڭا يامانلىق قىلماقچى بولغانلارنىڭ تەقدىرى نابالنىڭ تەقدىرىدەك بولغاي. 27 ئەمدى دېدىكىڭ غوجامغا ئېلىپ كەلگەن بۇ سوۋغاتلار غوجامغا ئەگەشكەن يىگىتلەرگە بېرىلسۇن. 28 سەندىن ئۆتۈنەي، دېدىكىڭنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگىن. پەرۋەردىگار جەمەتىڭنى مەزمۇت قىلىدۇ، چۈنكى غوجام پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىنى قىلىدۇ ۋە بارلىق كۈنلىرىڭدە سەندە يامانلىق تېپىلمايدۇ. 29 بىرەر كىشى قوپۇپ، سېنى قوغلاپ جېنىڭنى ئالماقچى بولسا، غوجامنىڭ جېنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ تىرىكلەر خالتىسىدا ساقلىنىدۇ. لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى سالغىغا سېلىپ ئېتىۋېتىدۇ. 30 پەرۋەردىگار سەن توغرۇلۇق ئېيتقان ھەممە ياخشىلىقنى غوجامغا قىلىپ، سېنى ئىسرائىلغا باش قىلغاندا، 31 بىگۇناھ قان تۆكۈپ، ئۆز ئىنتىقامىڭنى ئالمىغىنىڭ ئۈچۈن بۇ ساڭا بىر پۇتلىكاشاڭ ياكى كۆڭۈل دەردى بولمايدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار غوجامغا ياخشىلىق قىلغاندا ئۆز دېدىكىڭنى ياد ئەتكىن».
32 داۋۇد ئابىگائىلغا مۇنداق دېدى: «سېنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولغاي. 33 سېنىڭ ئەقلىڭگە ئاپىرىن، ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىنغاي، چۈنكى سەن بۈگۈن مېنى بىگۇناھ قان تۆكۈپ، ئىنتىقامىمنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېلىشتىن توستۇڭ. 34 لېكىن مېنى ساڭا يامانلىق قىلىشتىن ساقلىغان ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنىڭ ئالدىمغا ئالدىراپ كەلمىگەن بولساڭ، نابالنىڭ خەلقىدىن ھېچبىر ئەركەك سەھەرگىچە ھايات قالمايتتى». 35 ئاندىن داۋۇد ئابىگائىل ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى ئۇنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇۋېلىپ: «ئامان-ئېسەن ئۆيۈڭگە قايتقىن. مانا قارا، سۆزلىرىڭگە قۇلاق سېلىپ، تەلىپىڭنى قوبۇل قىلدىم» دېدى.
36 ئابىگائىل قايتىپ نابالنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۆيىدە خاننىڭ زىياپىتىدەك بىر زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. نابال غەرق مەست بولۇپ، كۆڭلى خۇش كەيپ ئىدى. شۇڭا ئابىگائىل تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى. 37 لېكىن ئەتىسى نابال مەستلىكتىن يەشىلگەندە، ئايالى ئۇنىڭغا بولغان ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. بۇنى ئاڭلاپ نابالنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ، تاشتەك قېتىپ قالدى. 38 تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار نابالنى ئۇرغاچ، ئۇ ئۆلدى.
39 داۋۇد نابالنىڭ ئۆلگىنىنى ئاڭلاپ: «پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي. ئۇ مېنى ئۇچرىغان ھاقارىتىم ئۈچۈن نابالنىڭ قولىدىن ئىنتىقام ئېلىشتىن، ئۆز خىزمەتكارىنى يامان ئىش قىلىشتىن ساقلىدى. پەرۋەردىگار نابالنىڭ يامانلىقىنى ئۆز بېشىغا ياندۇردى» دېدى. ئاندىن ئۇ ئابىگائىلنى خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەلچى ئەۋەتتى.
40 داۋۇدنىڭ خىزمەتكارلىرى كارمەلگە، ئابىگائىلنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: «داۋۇد سېنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىزنى ساڭا ئەۋەتتى» دېدى. 41 ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈزى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: «مانا، دېدىكىڭ غوجامنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيىدىغان بىر دېدەك بولسۇن» دېدى. 42 ئاندىن ئابىگائىل تېزلا تەييارلىق قىلىپ ئېشەككە مىنىپ، ئۆزى بىلەن بەش دېدىكىنى ئېلىپ، داۋۇدنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ ئايالى بولدى.
43 داۋۇد يىزرەئەللىك ئاخىنوئامنىمۇ خوتۇنلۇققا ئالغانىدى. بۇ ئىككىسى ئۇنىڭغا خوتۇن بولدى. 44 لېكىن سائۇل داۋۇدقا خوتۇن قىلىپ بەرگەن قىزى مىكالنى گاللىملىك لايىشنىڭ ئوغلى پالتىغا بەرگەنىدى.