داۋۇد سائۇلنى ئايايدۇ
24
1 داۋۇد ئۇ يەردىن چىقىپ، ئەن-گەدىنىڭ تاغلىرىدىكى پاناھگاھلاردا تۇردى. 2 سائۇل فىلىستىنلەرنى قوغلاشتىن قايتقاندا، ئۇنىڭغا: «مانا، داۋۇد ئەن-گەدىنىڭ چۆلىدىكەن» دەپ خەۋەر كەلدى. 3 سائۇل ئىسرائىللار ئىچىدىن تاللانغان ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئېلىپ، داۋۇد بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدىگىلى ياۋا تېكە دېگەن قىيا تاشلىرىغا چىقتى. 4 ئۇ يولنىڭ بويىدىكى قوي قوتانلىرىغا كەلگەندە تەرەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەردىكى بىر غارغا كىردى. داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا غارنىڭ ئىچكىرىرەك تەرىپىدە ئولتۇرغانىدى. 5 داۋۇدنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: «مانا، پەرۋەردىگار ساڭا: ‹ئۆز دۈشمىنىڭنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىشنى خالىساڭ، شۇنى قىلغىن› دېگەن كۈن بۈگۈندۇر» دېدى. داۋۇد ئورنىدىن تۇرۇپ، سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇيدۇرماي كېسىۋالدى. 6 لېكىن كېيىن سائۇلنىڭ تونىنىڭ پېشىنى كەسىۋالغىنى ئۈچۈن داۋۇدنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولدى. 7 ئۇ ئۆز ئادەملىرىگە: «پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەم بولغان غوجامغا مۇنداق قىلىشتىن ساقلىسۇن. ئۇ پەرۋەردىگار تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەم، مەن ھەرگىز ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتمايمەن» دېدى. 8 شۇ سۆزلەر بىلەن ئۇ ئۆز ئادەملىرىنى توسۇپ، سائۇلغا قارشى چىقىشقا رۇخسەت قىلمىدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ غاردىن چىقىپ، ئۆز يولىغا كەتتى. 9 ئاندىن كېيىن، داۋۇد تۇرۇپ غاردىن چىقىپ، سائۇلنىڭ كەينىدىن: «ئەي پادىشاھ غوجام!» دەپ ۋارقىرىدى. سائۇل ئارقىسىغا قاراپ، داۋۇد تىزلىنىپ، يۈزىنى يەرگە يېقىپ تازىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 10 داۋۇد سائۇلغا مۇنداق دېدى: سەن نېمىشقا: ‹مانا، داۋۇد ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى› دېگەنلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالىسەن؟ 11 مانا، بۈگۈن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غاردا سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرۇپ بەردى. باشقىلار: ‹ئۇنى ئۆلتۈرگىن› دېگەندە مەن سېنى ئاياپ، پەرۋەردىگار تاللاپ مەسىھلىگەن ئادەم بولغان غوجامغا قولۇمنى ئۇزاتمايمەن› دېدىم. 12 ئەي ئاتام، مانا بۇ قولۇمدىكى تونۇڭنىڭ پېشىگە قارىغىن. سېنى ئۆلتۈرمەي، تونۇڭنىڭ پېشىنى كەستىم. بۇنىڭدىن كۆرۈپ بىلگىنكى، مېنىڭ قولۇمدا يامانلىق ياكى ئاسىيلىق يوق. ھەم ساڭا قارشى گۇناھمۇ قىلمىدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن جېنىمنى ئېلىشنى قەستلەۋاتىسەن. 13 پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن، پەرۋەردىگار سەندىن مېنىڭ ئىنتىقامىمنى ئالسۇن، لېكىن مېنىڭ قولۇم ساڭا قارشى كۆتۈرۈلمەيدۇ. 14 بىر كونا ماقال-تەمسىلدە: ‹يامانلىق يامانلاردىن چىقىدۇ› دېيىلگەن. شۇڭا مېنىڭ قولۇم ساڭا قارشى كۆتۈرۈلمەيدۇ. 15 ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقتى؟ كىمنى قوغلاپ يۈرىسەن؟ بىر ئۆلۈك ئىتنىمۇ؟ بىر يېگانە بۈرگىنىمۇ؟ 16 پەرۋەردىگار ھاكىم بولۇپ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقارسۇن. ئۇ مېنىڭ دەۋايىمنى قوللاپ، مېنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزسۇن».
17 داۋۇد سائۇلغا بۇ سۆزلىرىنى قىلغاندىن كېيىن، سائۇل: «بۇ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ، ئەي ئوغلۇم داۋۇد؟» دېدى ۋە ئارقىدىنلا ئۈن قويۇپ يىغلاپ، 18 داۋۇدقا: «سەن مەندىن ئادىلسەن، چۈنكى سەن مېنىڭ يامانلىقىمغا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردۇڭ. 19 بۈگۈن سەن ماڭا قانداق ياخشىلىق قىلغانلىقىڭنى بىلدۈردۈڭ. پەرۋەردىگار مېنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. 20 بىر ئادەم ئۆز دۈشمىنىنى تاپقاندا، ئۇ ئۇنىڭ ئامان كېتىشىگە يول قويامدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ ماڭا بۈگۈن قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي. 21 ئەمدى مەن شۇنى بىلدىمكى، سەن چوقۇم پادىشاھ بولىسەن، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا مۇستەھكەملىنىدۇ. 22 پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ماڭا قەسەم قىلغىن، مېنىڭ نەسلىمنى يوقاتمىغايسەن، مېنىڭ نامىمنى ئاتامنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرمىگەيسەن». 23 داۋۇد سائۇلغا قەسەم قىلغاندىن كېيىن، سائۇل ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. داۋۇد بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن تاغ-تۇراغا چىقىپ كەتتى.