داۋۇد قېئىلا شەھىرىدە
23
1 داۋۇدقا: «مانا، فىلىستىنلەر قېئىلاغا ھۇجۇم قىلىپ، خامانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر يەتكۈزۈلدى. 2 داۋۇد پەرۋەردىگاردىن: «مەن بېرىپ، ئۇ فىلىستىنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلايمۇ؟» دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار داۋۇدقا: «بېرىپ، فىلىستىنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، قېئىلانى ئازاد قىلغىن» دېدى. 3 لېكىن داۋۇدنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: «قارا، بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپمۇ قورقىمىز، ئەگەر قېئىلاغا فىلىستىنلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىغا بارساق، ئەھۋالىمىز قانداق بولار؟» دېدى. 4 داۋۇد پەرۋەردىگاردىن يەنە سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن قوزغىلىپ، قېئىلاغا بارغىن. مەن فىلىستىنلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن» دېدى. 5 شۇنىڭ بىلەن، داۋۇد ئۆز ئادەملىرى بىلەن قېئىلاغا بېرىپ، فىلىستىنلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئولجىغا ئالدى، ھەم ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇد قېئىلا ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى. 6 ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئابياتار قېئىلادىكى داۋۇدنىڭ يېنىغا قاچقاندا ئېفودنى ئالغاچ كەلگەنىدى.
7 سائۇلغا داۋۇدنىڭ قېئىلاغا كەلگەن خەۋىرى يەتكۈزۈلدى. سائۇل: «ئەمدى خۇدا ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرۇپ بەردى. چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرى ۋە تاقاقلىرى بولغان شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قالدى» دېدى. 8 سائۇل ھەممە خەلقنى داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قورشاش ئۈچۈن قېئىلاغا بېرىپ، جەڭگە چىقىشقا چاقىردى.
9 داۋۇد سائۇلنىڭ ئۆزىگە قەست قىلىدىغانلىقىنى بىلگىنىدە، كاھىن ئابياتارغا: «ئېفودنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. 10 ئاندىن داۋۇد: «ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، سېنىڭ خىزمەتكارىڭ سائۇلنىڭ قېئىلاغا كېلىپ، مەن سەۋەبلىك بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلىشنى قەستلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدى. 11 قېئىلانىڭ خەلقى مېنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەمدۇ؟ مەن خىزمەتكارىڭ ئاڭلىغاندەك سائۇل بۇ يەرگە كېلەرمۇ؟ ئەي ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ماڭا ئېيتىپ بېرىشىڭنى ئۆتۈنىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار: «ئۇ بۇ يەرگە كېلىدۇ» دېدى. 12 داۋۇد يەنە: «قېئىلانىڭ خەلقى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تۇتۇپ بېرەمدۇ؟» دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: «ئۇلار سىلەرنى تۇتۇپ بېرىدۇ» دېدى. 13 شۇنىڭ بىلەن داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، تەخمىنەن ئالتە يۈز كىشى قېئىلادىن چىقىپ، بارالىغۇدەكلا يەر بولسا باردى. سائۇلغا داۋۇدنىڭ قېئىلادىن قاچقان خەۋىرى كەلگەندە، ئۇ ئۇنى قوغلاشتىن ۋاز كەچتى.
داۋۇد زىف چۆلىدە
14 داۋۇد چۆللەردىكى ۋە زىف چۆلىنىڭ تاغلىرىدىكى پاناھگاھلاردا تۇردى. سائۇل ئۇنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىزدەپ يۈردى، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىدى. 15 داۋۇد زىف چۆلىدىكى بىر ئورمانلىقتا تۇرغاندا، سائۇلنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگىلى چىققىنىنى بىلىپ قالدى. 16 سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئورمانلىققا داۋۇدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، 17 ئۇنىڭغا: «قورقمىغىن. ئاتام سائۇلنىڭ قولى سېنى تاپالمايدۇ، سەن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولىسەن. مەن بولسام سەندىن كېيىن ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادىمىڭ بولىمەن. بۇنى ئاتام سائۇلمۇ بىلىدۇ» دېدى. 18 ئۇلار ئىككىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەھدە قىلىشتى. ئاندىن، داۋۇد ئورمانلىقتا قالدى، يوناتان بولسا ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.
19 شۇنىڭدىن كېيىن، زىفلىكلەر گىبېئادىكى سائۇلنىڭ يېنىغا كېلىپ: «بىلەمسەن، داۋۇد ساينىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى خاكىلا ئېگىزلىكىدە، بىز تەرەپتىكى ئورمانلىقتىكى پاناھگاھلاردا يوشۇرۇنۇۋالدى. 20 ئەمدى ئەي پادىشاھ، قاچان خالىساڭ، چۈشۈپ كەلگىن. بىز ئۇنى پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز» دېدى. 21 سائۇل: «ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي. 22 بېرىڭلار، ئۇنىڭ قايسى يەردە تۇرىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى، تولۇق ئېنىقلاڭلار. ماڭا دېيىلىشىچە، ئۇ ئىنتايىن ھوشيارمىش. 23 ئۇنىڭ يوشۇرۇنىدىغان ھەممە جايلىرىنى ئېنىقلاپ، ماڭا كېلىپ ئېنىق مەلۇمات بېرىڭلار. مەن سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەركى ئۇ شۇ زېمىندا بولسىلا، پۈتكۈل يەھۇدانىڭ مىڭلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۇنى تېپىپ چىقىمەن» دېدى. 24 ئاندىن ئۇلار چىقىپ، سائۇلدىن ئىلگىرى زىفكە باردى. داۋۇد بولسا ئۆز ئادەملىرى بىلەن ساينىڭ جەنۇب تەرىپىدە مائون چۆلىدە، ئارابا تۈزلەڭلىكىدە ئىدى.
25 سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇدنى ئىزدىگىلى باردى. داۋۇد بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، قورام تاشتىن چۈشۈپ، مائون چۆلىگە بېرىپ شۇ يەردە تۇردى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇدنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، مائوننىڭ چۆلىگە باردى. 26 سائۇل تاغنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇد بولسا ئادەملىرى بىلەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئىدى. داۋۇد سائۇلدىن قۇتۇلۇشقا ئالدىراۋاتاتتى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنى تۇتماقچى بولۇشتى. 27 لېكىن سائۇلنىڭ بىر خەۋەرچىسى يېتىپ كېلىپ: «تېز كەل! فىلىستىنلەر زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىردى» دېدى. 28 شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇدنى قوغلاشتىن توھتاپ، قايتىپ فىلىستىنلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەر سېلا-ھامماھلىكوت دەپ ئاتالدى. ■