داۋۇد ئادۇللامنىڭ غېرىدا
22
‏1 داۋۇد ئۇ يەردىن قېچىپ ئادۇللامنىڭ غارىغا كەلدى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ‏2 شۇنىڭ بىلەن، ئېزىلگەن، قەرزگە بوغۇلغان ۋە نارازى بولۇپ يۈرگەن ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ سەردارى بولدى. ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئادەملەر تۆت يۈز ئەتراپىدا ئىدى.
‏3 ئۇ يەردىن داۋۇد موئابتىكى مىسپاھقا بېرىپ، موئاب پادىشاھىغا: «خۇدانىڭ ماڭا نېمە قىلىدىغىنىنى بىلگۈچە، مېنىڭ ئاتام بىلەن ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ سىلەر بىلەن تۇرۇشىغا يول قويغايسەن» دەپ ئىلتىجا قىلدى. ‏4 ئاندىن ئۇ ئۇلارنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇد تاغدىكى پاناھگاھتا تۇرغان كۈنلەردە موئاب پادىشاھىنىڭ قېشىدا تۇردى. ‏5 پەيغەمبەر گاد داۋۇدقا: «تاغدىكى پاناھگاھىڭدا قالمىغىن. چىقىپ يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇد چىقىپ كېتىپ، خېرەت ئورمانلىقىغا باردى.
 
نوبتىكى كاھىنلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
‏6 سائۇل داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ بايقالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ چاغدا سائۇل رامادىكى گىبېئادا قولىدا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا، يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى، خىزمەتكارلىرى بولسا ئۇنىڭ چۆرىسىدە تۇراتتى.
‏7 سائۇل چۆرىسىدە تۇرغان خىزمەتكارلارغا: «ئەي بەنيامىنلار، ئاڭلاڭلار! سىلەرچە، يىشاينىڭ ئوغلى ھەربىرىڭلارغا ئېتىزلىقلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنى بېرەمدۇ، ھەممىڭلارنى مىڭبېشى ياكى يۈزبېشى قىلامدۇ؟ ‏8 سىلەر ھەممىڭلار ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار. مېنىڭ ئوغلۇم يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە تۈزگىنىدىن ماڭا ھېچقايسىڭلار خەۋەر بەرمىدىڭلار. ھېچقايسىڭلار ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۆز ئوغلۇمنىڭ مېنىڭ خىزمەتكارىمنى ماڭا خىيانەت قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكىدىن خەۋەر بەرمىدىڭلار. بۈگۈنمۇ ھەم شۇنداق بولدى» دېدى.
‏9 سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى ئارىسىدا تۇرغان ئېدوملۇق دوئېغ: «مەن يىشاينىڭ ئوغلىنىڭ نوبقا، ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگىنىنى كۆردۈم. ‏10 ئۇ داۋۇد ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدى، ئۇنىڭغا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە فىلىستىن گولىياتنىڭ قىلىچىنى بەردى» دېدى. ‏11 شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى كاھىن ئاخىمەلەكنى ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى، يەنى نوبتىكى كاھىنلارنى چاقىرتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.
‏12 سائۇل: «ئەي ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، ئاڭلا» دېدى. ئاخىمەلەك: «مانا مەن، ئەي غوجام» دەپ جاۋاب بەردى. ‏13 سائۇل ئۇنىڭغا: «نېمىشقا سەن يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىرلىشىپ ماڭا خىيانەت قىلدىڭ؟ سەن ئۇنىڭغا نان ۋە قىلىچ بېرىپ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا ئىلتىجا قىلىپسەنغۇ؟! ئۇ بولسا ماڭا قارشى چىقىپ، بۈگۈنكىدەك تۇزاق قۇردى ئەمەسمۇ؟» دېدى. ‏14 ئاخىمەلەك پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئارىسىدا داۋۇدتەك سادىق كىم بار؟ ئۇ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى، مەخپىي كېڭىشىڭنىڭ ئىشتىراكچىسى، ھەم ئورداڭدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشى ئەمەسمىدى؟ ‏15 مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشنى بۈگۈن باشلىدىممۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. پادىشاھ ئۆز قۇلى ۋە ئاتامنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى ئەيىبلىمىسۇن، چۈنكى مەن قۇلۇڭنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچىمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى» دېدى. ‏16 لېكىن پادىشاھ: «ئەي ئاخىمەلەك، سەن چوقۇم ئۆلىسەن، سەن ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتى ھەممىسى ئۆلىسىلەر» دېدى. ‏17 پادىشاھ ئۆز چۆرىسىدىكى ئوردا ياساۋۇللىرىغا: «بېرىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارمۇ داۋۇد تەرەپتە، ئۇلار ئۇنىڭ قاچقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا خەۋەر بەرمىدى» دېدى. لېكىن پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قول كۆتۈرۈشنى خالىمىدى. ‏18 بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېغقا: «سەن بېرىپ، كاھىنلارنى ئۆلتۈرگىن» دېدى. شۇ كۈنى، ئېدوملۇق دوئېغ بېرىپ كاھىنلارنى چېپىپ ئۆلتۈردى. ئۇ شۇ كۈنى كەندىردىن توقۇلغان ئېفودنى كىيگەن سەكسەن بەش كىشىنى ئۆلتۈردى.    ‏19 ئاندىن سائۇل كاھىنلار شەھىرى نوبتا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى، ئەر-ئايال، بالىلار ۋە بوۋاقلار، كالا، ئېشەك، قوي ئايرىماستىن قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى. ‏20 ئەمما ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئابياتار ئىسىملىك بىر ئوغلى قۇتۇلۇپ قېلىپ، داۋۇدنىڭ يېنىغا قېچىپ كەلدى.
‏21 ئابياتار: «سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرىنى ئۆلتۈردى» دەپ داۋۇدقا خەۋەر بەردى. ‏22 داۋۇد ئابياتارغا: «مەن ئېدوملۇق دوئېغنى ئۇ يەردە كۆرۈپ، شۇ كۈنىلا ئۇنىڭ سائۇلغا خەۋەر بېرىدىغىنىنى بىلگەنىدىم. مەن ئاتا جەمەتىڭنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدۇم. ‏23 قورقما، مەن بىلەن قالغىن. مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ئالماقچى. مېنىڭ يېنىمدا بىخەتەر تۇرىسەن» دېدى.