داۋۇد نوب شەھىرىدە
21
‏1 داۋۇد قوزغىلىپ يولغا چىقتى. يوناتھان شەھەرگە كىرىپ كەتتى. ‏2 داۋۇد نوبقا كېلىپ، كاھىن ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى. ئاخىمەلەك داۋۇدنى كۆرگىنىدە قورقۇپ، ئۇنىڭغا: «نېمىشقا ھېچ كىمنى ئۆزۈڭ بىلەن ئالماي، يالغۇز كەلدىڭ؟» دېدى. ‏3 داۋۇد كاھىن ئاخىمەلەككە: «پادىشاھ ماڭا بىر ئىش بۇيرۇپ: ‹مەن سېنى نېمە ئىشقا بۇيرۇغىنىم ۋە سېنى نەگە ئەۋەتىدىغانلىقىم توغرىسىدا ھېچكىم بىر نېمە بىلمىسۇن› دېدى. مەن ئۆز ئادەملىرىمنى ‹پالان يەردە كۆرۈشەيلى› دەپ ئەۋەتىۋەتتىم. ‏4 قېنى، قولۇڭدا نېمە بار؟ بەش نان ياكى نېمە تېپىلسا شۇنى بەرگىن» دېدى.
‏5 كاھىن داۋۇدقا: «قولۇمدا ئادەتتىكى نان يوق، مۇقەددەس نانلا بار. ئەگەر ئادەملىرىڭ ئاياللارغا يېقىنلاشمىغان بولسا، يېيىشى راۋا بولىدۇ» دېدى. ‏6 داۋۇد كاھىنغا جاۋاب بېرىپ: «بەرھەق، باشقا ۋاقىتلاردا مەن يولغا چىققىنىمدا بىز ئاياللارغا يېقىنلاشمىغان بولساق، ھازىرمۇ شۇنداقتۇر. ئادەتتىكى سەپەرلەردە ئادەملىرىمنىڭ ئەسۋاب-قۇراللىرى پاك-مۇقەددەس بولىدۇ، بۈگۈنمۇ ئەلۋەتتە تېخىمۇ پاك-مۇقەددەستۇر» دېدى.
‏7 شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئۇنىڭغا مۇقەددەس ناندىن بەردى. چۈنكى ئۇ يەردە خۇداغا ئاتالغان ناندىن باشقا نان يوق ئىدى. بۇ نان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېڭى ئىسسىق نانلار قويۇلغان كۈنى ئېلىۋەتىلگەن نانلار ئىدى. ‏8 ئۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ئۇ يەردە بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قالدۇرۇلغانىدى. ئۇ دوئېغ ئىسىملىك سائۇلنىڭ ئېدوملۇق باش پادىچىسى ئىدى. ‏9 داۋۇد ئاخىمەلەككە: «قولۇڭدا نەيزە ياكى قىلىچ بارمۇ؟ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بەك جىددىي بولغاچقا، قىلىچىم ياكى باشقا قورال ئالغاچ كەلمىدىم» دېدى.
‏10 كاھىن ئۇنىڭغا: «سەن ئېلا ۋادىسىدا ئۆلتۈرگەن گولىياتنىڭ قىلىچى بىر پارچە رەختكە ئورالغان پېتى ئېفودنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. ئۇنى ئېلىشنى خالىساڭ، ئالغىن. ئۇنىڭدىن باشقىسى يوق» دېدى. داۋۇد: «ئۇ قىلىچ تەڭدىشى يوق قىلىچ، شۇنى ماڭا بەرگىن» دېدى.
 
داۋۇد گاتنىڭ پادىشاھىنىڭ قېشىدا
‏11 داۋۇد ئۇ كۈنى سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ قېشىغا باردى. ‏12 ئاكىشنىڭ خىزمەتكارلىرى: «بۇ ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھى داۋۇد ئەمەسمۇ؟ ئۇ توغرىسىدا ئاياللار: ‹سائۇل مىڭنى ئۇردى، لېكىن داۋۇد ئون مىڭنى ئۇردى› دەپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشقان ئەمەسمىدى؟» دېدى. ‏13 داۋۇد بۇ سۆزلەرنى كۆڭلىگە ئېلىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشتىن بەك قورقتى. ‏14 شۇنىڭ بىلەن ئۇ جېنى قولىدا بولغانلارنىڭ كۆز ئالدىدا قىلىقلىرىنى ئۆزگەرتتى، ساراڭدەك كۆرۈنۈپ، دەرۋازىلارنىڭ ئىشىكلىرىگە جىجىدى، تۈكۈرۈكلىرىنى ساقاللىرىغا ئېقىتىپ يۈردى. ‏15 ئاكىش خىزمەتكارلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ ئادەمنىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟ نېمىشقا ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ‏16 ماڭا ساراڭلار لازىممىدى، ئۇنى مېنىڭ ئالدىمدا ساراڭلىق ئويۇنى قويۇپ بەرگىلى ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇنداق ئادەم مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرسە بولامدۇ؟» دېدى.