داۋۇد ۋە يوناتان قىلغان ئەھدە
20
‏1 داۋۇد رامادىكى نايوتتىن ئايرىلىپ، يوناتاننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «مەن زادى ئاتاڭغا نېمە يامانلىق ياكى نېمە گۇناھ قىلدىم، نېمە ئۈچۈن ئۇ مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى؟» دېدى. ‏2 ئۇ ئۇنىڭغا ئېيتتى: «خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا خەۋەر بەرمەي قالمايدۇ. نېمىشقا ئاتام بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرسۇن؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس». ‏3 لېكىن داۋۇد قەسەم قىلىپ: «مېنىڭ سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمنى ئاتاڭ جەزمەن بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: ‹يوناتان بۇنى بىلىپ قالمىسۇن، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىپ كېتىدۇ› دەپ ئويلايدۇ. تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ تىرىك جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرلا قەدەم قالدى» دېدى.
‏4 يوناتان داۋۇدقا: «كۆڭلۈڭ نېمە خالىسا، شۇنى قىلاي» دېدى. ‏5 داۋۇد يوناتانغا مۇنداق دېدى: «مانا، ئەتە يېڭى ئاي بولىدۇ ۋە پادىشاھ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرۇشۇم كېرەك. لېكىن مېنى قويۇپ بەرگىن، ئۈچىنچى كېچىگىچە دالادا مۆكۈنۈۋالاي. ‏6 لېكىن ئاتاڭ مېنى سورىسا: ‹داۋۇد يالۋۇرۇپ، مەندىن ئۆز شەھىرى بەيتلەھەمگە دەرھال بېرىشىغا رۇخسەت سورىدى، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن جەمەتى يىللىك قۇربانلىق ئۆتكۈزىدۇ› دېگىن. ‏7 ئەگەر ئۇ: ‹ئوبدان بوپتۇ› دېسە، مەن قۇلۇڭ تىنچ-ئامانلىقتا دەمەكتۇر. لېكىن ئۇ ئاچچىقلانسا، بىلگىنكى، ئۇنىڭدا يامان نىيەت بار. ‏8 سەن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆز قۇلۇڭ بىلەن ئەھدە تۈزگەندىن كېيىن، قۇلۇڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكىن. لېكىن مەندە بىر يامانلىق بولسا، سەن ئۆزۈڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن. مېنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭغا تاپشۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟». ‏9 يوناتان: «ئۇنداق خىيال سەندىن ئۇزاق بولسۇن. ئەگەر ئاتامنىڭ ساڭا يامانلىق قىلىدىغان نىيىتى بارلىقىنى بىلىپ قالسام، ساڭا دەيتتىم ئەمەسمۇ؟» دېدى. ‏10 داۋۇد يوناتانغا: «ئەگەر ئاتاڭ ساڭا قوپال ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرسا، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟» دېدى. ‏11 يوناتان داۋۇدقا: «يۈر، دالاغا چىقايلى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى دالاغا چىقتى.
‏12 يوناتان داۋۇدقا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا گۇۋاھتۇركى، مەن ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە، مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ قانداق نىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىمەن. ساڭا ياخشى ئىش بولسا، چوقۇم ساڭا خەۋەر بېرىمەن. ‏13 ئەگەردە ئاتام ساڭا يامانلىق قىلماقچى بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىپ سېنى تىنچ-ئامان يولغا سالمىسام، پەرۋەردىگار مەن يوناتاننى قوشلاپ جازالىغاي! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولغاي. ‏14 ئاندىن سەن، ئۆلمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆمۈر بويى خۇددى پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكىنىدەك سەنمۇ ماڭا مېھىر-شەپكەت كۆرسەتكەيسەن. ‏15 ئۆيۈمدىكىلەردىنمۇ مەڭگۈ مېھىر-شەپقىتىڭنى ئۈزمىگەيسەن، ھەتتا پەرۋەردىگار داۋۇدنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىنى يەر يۈزىدىن يوقاتقان ۋاقتىدىمۇ». ‏16 شۇنىڭ بىلەن يوناتان داۋۇد بىلەن ئەھدە تۈزۈپ: «پەرۋەردىگار داۋۇدنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېساب ئالغاي» دېدى. ‏17 يوناتان داۋۇدنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنى يەنە قەسەم قىلدۇردى، چۈنكى ئۇ ئۇنى ئۆز جېنىدەك سۆيەتتى.
‏18 يوناتان داۋۇدقا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەتە يېڭى ئاي بولىدۇ. مانا، سېنىڭ ئورنۇڭ بوش قالىدۇ، يوقلۇقۇڭ بىلىنىدۇ. ‏19 ئۈچىنچى كۈنى سەن تېز چۈشۈپ، ئىلگىرى يامانلىققا يولۇققىنىڭدا ئۆزۈڭنى يوشۇرغان يەرگە بېرىپ، ئېزەل دېگەن تاشنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرغىن. ‏20 مەن ئۇنىڭ يېنىنى نىشان ئېلىپ ئۈچ ئوق ئاتاي. ‏21 ئاندىن مەن بىر بالىنى يا ئوقلىرىنى ئىزدىگىلى ئەۋەتىمەن. ئەگەر بالىغا: ‹مانا، يا ئوقلىرى سېنىڭ بۇ تەرىپىڭدە، ئۇلارنى ئېلىپ كەلگىن› دېسەم، سەن كەل، تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ساڭا خەۋپ-خەتەر ۋە ھېچ يامانلىق كەلمەيدۇ. ‏22 لېكىن بالىغا: ‹مانا، يا ئوقلىرى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدە› دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ. ‏23 ئەمدى ئىككىمىز سۆزلەشكەن ئىشقا كەلسەك، پەرۋەردىگار بىزگە مەڭگۈ گۇۋاھ بولغاي» دېدى.
‏24 داۋۇد دالادا مۆكۈنۈۋالدى. يېڭى ئاي كەلگەندە، پادىشاھ غىزالىنىش ئۈچۈن داستىخانغا ئولتۇردى. ‏25 پادىشاھ ئادەتتىكىدەك ئۆز ئورنىغا، يەنى تامنىڭ ئالدىدىكى تۆرگە ئولتۇردى. يوناتان ئورنىدىن تۇردى ۋە ئابنەر سائۇلنىڭ يېنىغا ئولتۇردى. داۋۇدنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى.    ‏26 سائۇل ئۇ كۈنى ھېچنېمە دېمىدى، ئامما ئىچىدە: «ئۇنىڭغا بىر ئىش بولدى، ئۇ بۇلغىنىپ قالغاندۇ. دېمەك، ئۇ پاك ئەمەس» دەپ ئويلىدى.
‏27 لېكىن داۋۇدنىڭ ئورنى يېڭى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ بوش تۇرغاندا، سائۇل ئوغلى يوناتاندىن: «نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى، تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمىدى؟» دەپ سورىدى. ‏28 يوناتان سائۇلغا جاۋاب بېرىپ: «داۋۇد بەيتلەھەمگە بېرىشقا مەندىن جىددىي رۇخسەت سورىدى. ‏29 ئۇ ماڭا: ‹بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن. جەمەتىمىز شەھەردە قۇربانلىق مۇراسىمىنى ئۆتكۈزمەكچىكەن، ئاكام مېنىڭ شۇ يەردە بولۇشۇمنى بۇيرۇدى. ئەگەر سېنىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، قېرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈشۈمگە رۇخسەت بەرگىن› دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پادىشاھنىڭ داستىخىنىغا كېلەلمىدى» دېدى.
‏30 سائۇل يوناتانغا قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا: «ئەي بۇزۇق، جاھىل ھوتۇننىڭ ئوغلى، مەن سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلىنىنىڭ تەرىپىنى ئالغانلىقىڭنى بىلمەمدىمەن! بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ھەم ئاناڭنىڭ يالىڭاچ تېنىنى شەرمەندىچىلىككە قويغانسەن! ‏31 يىشاينىڭ بۇ ئوغلى يەر يۈزىدە ھاياتلا بولىدىكەن، يا سەن، يا سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ مەزمۇت تۇرالمايدۇ. شۇڭا ھازىر ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇ ئۆلۈمگە يۈزلەنمەكتە» دېدى.   
‏32 يوناتان ئاتىسى سائۇلغا: «ئۇ نېمىشقا ئۆلتۈرۈلگۈدەك؟ ئۇ نېمە قىلدى؟» دېدى. ‏33 شۇنى ئاڭلاپ، سائۇل يوناتانغا سانجىش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. بۇنىڭ بىلەن يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇدنى ئۆلتۈرۈشنى قەتئىي قارار قىلغىنىنى بىلدى. ‏34 يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ داستىخاندىن تۇردى. ئۇ يېڭى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى غىزاغا ئېغىز تەگمىدى. چۈنكى ئۇ ئاتىسىنىڭ داۋۇدنى بۇنداق ھاقارەتلىشىدىن ئازابلانغان ئىدى.
‏35 ئەتىسى يوناتان داۋۇد بىلەن كېلىشكەن ۋاقىتتا دالاغا چىقتى، بىر بالا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. ‏36 ئۇ بالىغا: يۈگۈرگىن، مەن ئاتىدىغان يا ئوقلىرىنى تېپىپ كەلگىن» دېدى. بالا يۈگۈرگەندە ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىر ئوق ئاتتى. ‏37 بالا يوناتان ئاتقان ئوق چۈشكەن يەرگە كەلگەندە، يوناتان بالىغا ۋارقىراپ: «يا ئوقى سېنىڭ ئالدى تەرىپىڭدە تۇرمامدۇ؟» دېدى. ‏38 ئاندىن يوناتان بالىغا يەنە ۋارقىراپ: «تېز بول، ھايال بولما!» دېدى. يوناتاننىڭ خىزمىتىدە بولغان بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ، خوجايىنىغا ئېلىپ كەلدى. ‏39 لېكىن بالا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى، پەقەت يوناتان ۋە داۋۇدلا بۇنى بىلەتتى. ‏40 يوناتان بالىغا قوراللىرىنى بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ماڭ، بۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كەتكىن» دېدى. ‏41 بالا كەتكەندىن كېيىن داۋۇد جەنۇب تەرەپتىكى جايىدىن چىقتى، يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ ئۈچ قېتىم تازىم قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىنى سۆيۈپ يىغلاشتى، داۋۇد بەكرەك قاتتىق يىغلىدى. ‏42 يوناتان داۋۇدقا: «ئامان-ئېسەن ماڭغىن، ئىككىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغىنىمىزدەك، پەرۋاردىگار ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا ۋە مېنىڭ ھەم سېنىڭ نەسلىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەبەدكىچە گۇۋاھ بولسۇن› دېدى.