داۋۇد سائۇلدىن قاچىدۇ
19
‏1 سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرىغا: «داۋۇدنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇدقا ئامراق ئىدى. ‏2 يوناتان داۋۇدقا: «ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى. شۇڭا ئەتە ئەتىگەن ئېھتىيات قىلىپ، بىر مەخپىي يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن. ‏3 مەن ئۆزۈم چىقىپ، سەن يوشۇرۇنغان دالاغا بېرىپ، ئاتامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، سەن توغرۇلۇق ئاتام بىلەن سۆزلىشىمەن. ئەھۋالنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ساڭا خەۋەر بېرىمەن» دېدى.
‏4 يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇدنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ: «پادىشاھ ئۆز خىزمەتكارى داۋۇدقا يامانلىق قىلمىسۇن. چۈنكى ئۇ ساڭا يامانلىق قىلمىغان، ئەكسىچە ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ساڭا كۆپ پايدىسى تەگدى. ‏5 ئۇ ئۆز جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ، فىلىستىننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار پۈتۈن ئىسرائىلغا چوڭ بىر نۇسرەت ئاتا قىلدى. سەن ئۆزۈڭ بۇنى كۆرۈپ، خۇشال بولغان ئەمەسمۇ؟ ئەمدىلىكتە نېمىشقا داۋۇدنى ئۆلتۈرۈپ، بىگۇناھ قان تۆكۈپ گۇناھ قىلماقچى بولىسەن؟» دېدى. ‏6 سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ: «تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ئۆلتۈرۈلمەيدۇ» دەپ قەسەم قىلدى. ‏7 ئاندىن يوناتان داۋۇدنى چاقىرىپ، داۋۇدقا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزدى. يوناتان داۋۇدنى سائۇلنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇ ئىلگىرىكىدەك ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى.
‏8 يەنە جەڭ باشلانغاندا داۋۇد فىلىستىنلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى.
‏9 ئەمما بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىدا نەيزىسىنى تۇتۇپ ئولتۇرغىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن يامان روھ يەنە سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. داۋۇد ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتقاندا، ‏10 سائۇل نەيزە بىلەن داۋۇدنى تامغا سانجىپ قويۇشقا تىرىشتى. لېكىن داۋۇد ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ سائۇلدىن قاچقاچقا، نەيزە تامغا سانجىلىپ قالدى ۋە داۋۇد ئۇ كېچە قېچىپ قۇتۇلدى.
‏11 سائۇل بىرنەچچە ئادەمنى داۋۇدنى پايلاپ تۇرۇپ، ئەتىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتتى. لېكىن داۋۇدنىڭ ئايالى مىكال داۋۇدقا: «ئەگەر بۇ كېچە ئۆزۈڭنى ئېلىپ قاچمىساڭ، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسەن» دەپ ئېيتىپ قويدى. ‏12 مىكال داۋۇدنى بىر دېرىزىدىن چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قېچىپ قۇتۇلدى. ‏13 ئاندىن مىكال بىر ئۆي بۇتىنى ئېلىپ، ياتقان ئورنىغا قويۇپ، ئۆچكە يۇڭىدىن توقۇلغان بىر يوپۇقنى بېشىغا يۆگەپ، بىر يوتقان بىلەن يېپىپ قويدى.   
‏14 سائۇل داۋۇدنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئادەملەر كەلگەندە، مىكال ئۇلارغا: «داۋۇد ئاغرىپ قالدى» دېدى. ‏15 سائۇل ئادەملىرىنى تەكرار داۋۇدنى ئىزدەشكە ئەۋەتىپ: «ئۇنى ياتقان ئورۇن-كۆرپىسى بىلەن بىللە ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆلتۈرەي» دەپ بۇيرۇدى. ‏16 بۇ ئادەملەر ئۆيگە كىرگەندە ئۇنىڭ ياتقان ئورنىدا ئۆي بۇتى ۋە بۇتنىڭ باش تەرىپىگە ئۆچكە يۇڭىنىڭ يوپۇقى قويۇلغىنىنى كۆردى. ‏17 شۇنىڭ بىلەن سائۇل مىكالغا: «نېمىشقا مېنى ئالداپ، دۈشمىنىمنىڭ قېچىشىغا يول قويدۇڭ؟» دېدى. مىكال سائۇلغا: «ئۇ ‹مېنى توسما، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرىمەن› دېدى» دەپ جاۋاب بەردى.
‏18 داۋۇد قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماغا سامۇئەلنىڭ يېنىغا باردى ۋە سائۇلنىڭ ئۆزىگە قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى. ئاندىن ئۇ سامۇئەل بىلەن نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. ‏19 «داۋۇد رامادىكى نايوتتا ئىكەن» دېگەن خەۋەر سائۇلغا يېتىپ كەلدى. ‏20 سائۇل داۋۇدنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار يېتىپ بارغاندا بىر توپ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە سامۇئەلنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە رەھبەر بولۇپ تۇرغىنىنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلارمۇ پەيغەمبەرلىك قىلىشقا باشلىدى.    ‏21 سائۇلغا بۇ خەۋەر يەتكەندە، باشقا ئادەملەر ئەۋەتتى، لېكىن ئۇلارمۇ پەيغەمبەرلىك قىلىشقا باشلىدى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلارمۇ ئوخشاش پەيغەمبەرلىك قىلىشقا باشلىدى. ‏22 شۇنىڭدىن كېيىن، سائۇل ئۆزى راماغا بېرىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇققا يەتكەندە: «سامۇئەل ۋە داۋۇد قەيەردە؟» دەپ سورىدى. ئۇ يەردىكىلەر: «ئۇلار رامادىكى نايوتتا» دەپ جاۋاب بەردى. ‏23 شۇنىڭ بىلەن سائۇل رامادىكى نايوتقا كەتتى. لېكىن خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭمۇ ئۈستىگە چۈشۈپ، رامادىكى نايوتقا يەتكۈچە پەيغەمبەرلىك قىلىپ ماڭدى. ‏24 ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، سامۇئەلنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرلىك قىلدى. ئۇ يەرگە سوزۇلۇپ پۈتۈن كۈن ۋە پۈتۈن كېچە يالىڭاچ ياتتى. شۇ سەۋەبتىن: «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرىمۇ؟» دەيدىغان تەمسىل پەيدا بولدى.