سائۇلنىڭ داۋۇدتىن ھەسەت قىلىشى
18
1 داۋۇد سائۇل بىلەن سۆھبىتىنى ئاخىرلىشىشى بىلەن يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇدنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىدەك ياخشى كۆرۈپ قالدى. 2 ئۇ كۈنى سائۇل ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ قېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدى. 3 يوناتان بولسا داۋۇدنى ئۆز جېنىدەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدى. 4 يوناتان ئۆز ئۇچۇسىدىكى تونىنى سېلىپ داۋۇدقا بەردى، ئاندىن باشقا كىيىملىرىنى، ھەتتا ئۆز قىلىچىنى، ئوقياسىنى ۋە كەمىرىنىمۇ ئۇنىڭغا بەردى. 5 سائۇل داۋۇدنى قەيەرگە ئەۋەتسە، ئۇ شۇ يەردە ئۇتۇق قازىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سائۇل ئۇنى جەڭچىلەرنىڭ ئۈستىگە باش قىلدى. ئۇ ھەممە خەلقنىڭ كۆڭلىگە ۋە سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ كۆڭلىگىمۇ يېقىپ قالدى. ■ 6 داۋۇد فىلىستىننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇلار قايتىپ كەلگىنىدە، ئىسرائىلنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدىن قىز-ئاياللار خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ، داپ ۋە ئۈچتار بىلەن نەغمە چېلىپ سائۇلنى قارشى ئالغىلى چىقتى. 7 قىز-ئاياللار نەغمە چېلىپ: «سائۇل مىڭنى ئۇردى، لېكىن داۋۇد ئون مىڭنى ئۇردى» دەپ ناخشا ئېيتىشتى. 8 بۇنى ئاڭلاپ، سائۇل تولىمۇ خاپا بولدى. بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ كۆڭلىگە تېگىپ: «ئۇلار داۋۇدقا ئون مىڭنى بەردى، ئەمما ماڭا مىڭنى بەردى. ئەمدى ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىن باشقا كەم نەرسىسى قالدىمۇ؟» دېدى. 9 شۇ كۈندىن تارتىپ سائۇل داۋۇدقا ھەسەت نەزىرى بىلەن قارىدى.
10 ئەتىسى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن يامان روھ سائۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيىدە ساراڭدەك جۆيلۈپ كەتتى. لېكىن داۋۇد ھەر كۈندىكىدەك قولىغا لىرا ئېلىپ چالدى. سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. 11 سائۇل داۋۇدنى تامغا سانجىپ قويىمەن دەپ، نەيزىنى ئاتتى. لېكىن داۋۇد ئىككى قېتىم ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ قۇتۇلدى.
12 سائۇل داۋۇدتىن قورقاتتى. چۈنكى پەرۋاردىگار داۋۇد بىلەن بىللە ئىدى، لېكىن سائۇلنى تەرك ئەتكەنىدى. 13 شۇ ۋەجىدىن سائۇل داۋۇدنى ئۆزىدىن نېرى تۇتۇپ، ئۇنى لەشكەرلەرنىڭ مىڭبېشى قىلىپ قويدى. ئۇ لەشكەرلەرنى باشلاپ جەڭگە چىقىپ كېتەتتى. 14 پەرۋەردىگار داۋۇد بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولاتتى. 15 سائۇل ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقاتتى. 16 ئەمما پۈتۈن ئىسرائىل ۋە يەھۇدا خەلقى داۋۇدنى سۆيەتتى، چۈنكى ئۇ، ئۇلارنى باشلاپ جەڭگە چىقاتتى.
17 سائۇل داۋۇدقا: «مانا، چوڭ قىزىم مېربانى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. پەقەت خىزمىتىمدە جەسۇرلۇق كۆرسەتكىن ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جەڭلىرىدە جەڭ قىلغىن» دېدى. سائۇل ئىچىدە: «مېنىڭ قولۇم ئەمەس، بەلكى فىلىستىنلەرنىڭ قولى ئۇنى ئۇرسۇن» دەپ ئويلىغانىدى. 18 ئەمما داۋۇد سائۇلغا: «مەن كىمۇ؟ سالاھىيىتىم نېمىتى ۋە ئاتامنىڭ جەمەتى ئىسرائىل ئىچىدە كىمتى، مەن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغۇدەك؟» دېدى. 19 لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇدقا تۇرمۇشقا چىقىدىغان ۋاقىتتا، سائۇل ئۇنى مەخولاتلىق ئادرىئەلگە خوتۇنلۇققا بېرىۋەتتى. 20 ئەمما سائۇلنىڭ قىزى مىكال داۋۇدنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار بۇ توغرىسىدا سائۇلغا خەۋەر بەرگەندە، بۇ ئۇنى خۇرسەن قىلدى. 21 سائۇل: «قىزىمنى تۇزاق قىلىپ داۋۇدقا بېرەي، شۇ ئارقىلىق فىلىستىنلەرنىڭ قولى داۋۇدنى ئۇرسۇن» دەپ ئويلىدى. ئاندىن سائۇل داۋۇدقا: «سەن بۈگۈن ماڭا كايتا كۈيئوغۇل بولالايسەن» دېدى. 22 سائۇل ئۆز خىزمەتكارلىرىغا: «داۋۇدقا مەخپىي ھالدا: ‹مانا، پادىشاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەممە خىزمەتكارلىرى ساڭا ئامراق. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولغىن› دەپ ئېيتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 23 سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى بۇ سۆزلەرنى داۋۇدنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزدى. لېكىن داۋۇد: «مەندەك بىر كەمبەغەل ۋە ئاددىي ئادەمنىڭ پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇشى نەزىرىڭلاردا شۇنچە ئاددىي بىر ئىشمۇ؟» دېدى. 24 سائۇلنىڭ خىزمەتكارلىرى سائۇلغا داۋۇدنىڭ دېگەنلىرىنى يەتكۈزدى. 25 سائۇل ئۇلارغا: «داۋۇدقا: ‹پادىشاھ سېنىڭدىن دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يۈز فىلىستىنلەرنىڭ خەتنە تېرىلىرىدىن باشقا ھەچقانداق تويلۇق تەلەپ قىلمايدۇ› دەپ ئېيتىڭلار» دېدى. سائۇل بۇ ئامال بىلەن داۋۇدنى فىلىستىنلەرنىڭ قولى ئارقىلىق يوقاتماقچى ئىدى.
26 خىزمەتكارلىرى بۇ سۆزنى داۋۇدقا يەتكۈزگەندە بۇ گەپ داۋۇدقا يېقىپ، پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇشقا رازى بولدى. بېرىلگەن مۆھلەت توشمايلا، 27 داۋۇد تۇرۇپ ئۆز ئادەملىرى بىلەن چىقىپ، ئىككى يۈز فىلىستىننى ئۆلتۈردى. ئاندىن داۋۇد ئۇلارنىڭ خەتنە تېرىلىرىنى كېسىپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ كۈيئوغلى بولۇش ئۈچۈن ھەممىسىنى تولۇق پادىشاھقا بەردى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئۇنىڭغا ئۆز قىزى مىكالنى خوتۇنلۇققا بەردى. 28 سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇد بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە سائۇلنىڭ قىزى مىكالنىڭ داۋۇدقا ئامراقلىقىنى كۆرۈپ بىلىپ، 29 داۋۇدتىن تېخىمۇ قورقتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋۇدقا دۈشمەن بولدى.
30 فىلىستىنلەرنىڭ سەردارلىرى ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا، داۋۇد سائۇلنىڭ ھەممە ئادەملىرىدىن ئۇتۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ نامى كاتتا شۆھرەت قازاندى.