داۋۇد مەسىھلىنىپ پادىشاھ بولىدۇ
2
‏1 شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇد پەرۋەردىگاردىن: «يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە چىقايمۇ؟» دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «چىققىن» دېدى. داۋۇد: «قەيەرگە چىقاي؟» دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: «خېبرونغا چىققىن» دېدى. ‏2 شۇنىڭ بىلەن داۋۇد ئىككى ئايالى، يەنى يىزرەئەللىك ئاخىنوئام ۋە كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىل بىلەن ئۇ يەرگە چىقتى. ‏3 داۋۇد ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ئۇ يەرگە ئېلىپ چىقتى. ئۇلار خېبروننىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا ئولتۇراقلاشتى. ‏4 يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئۇ يەرگە كېلىپ، داۋۇدنى يەھۇدا جەمەتىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىدى.
«گىلېئادتىكى يابەشلىكلەر سائۇلنى دەپنە قىلدى» دېگەن خەۋەر داۋۇدقا يەتكۈزۈلگەندە، ‏5 داۋۇد گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «غوجاڭلار سائۇلغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي. ‏6 ئەمدى پەرۋەردىگار سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ۋاپادارلىقىنى كۆرسەتكەي. شۇنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن مەنمۇ سىلەرگە ياخشىلىق قىلاي. ‏7 ئەمدى قوللىرىڭلارنى كۈچلۈك قىلىپ، جۈرئەتلىك بولۇڭلار، چۈنكى غوجاڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا جەمەتى بولسا مېنى ئۆزىگە پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىدى» دېدى.
 
داۋۇد ۋە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىسبوسەت
‏8 ئەمما سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانائىمغا ئېلىپ بېرىپ، ‏9 ئۇنى گىلېئادقا، ئاشۇرغا، يىزرەئەلگە، ئەفرائىمغا، بەنيامىنغا، يەنى پۈتۈن ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ‏10 سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت پادىشاھ بولغاندا قىرىق ياشتا ئىدى. ئۇ ئىسرائىلغا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. لېكىن يەھۇدا جەمەتى داۋۇدقا ئەگەشتى. ‏11 داۋۇدنىڭ خېبروندا يەھۇدا جەمەتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى يەتتە يىل ئالتە ئاي ئىدى.
‏12 نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ماخانائىمدىن چىقىپ، گىبېئونغا باردى. ‏13 زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىلەن داۋۇدنىڭ ئادەملىرىمۇ چىقىپ، گىبېئوندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلار بولسا كۆلنىڭ بىر تەرىپىدە ۋە باشقىلار كۆلنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى. ‏14 ئابنەر يوئابقا «يىگىتلەر قوپۇپ، ئالدىمىزدا ئېلىشسۇن» دېدى. يوئاب: «بوپتۇ، ئېلىشسۇن» دېدى. ‏15 بېكىتىلگەن سان بويىچە بەنيامىن بىلەن سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ تەرىپىدىن ئون ئىككى كىشى ۋە داۋۇدنىڭ ئادەملىرىنىڭ تەرىپىدىن ئون ئىككى كىشى قوپۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ‏16 ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىنىڭ بېشىنى تۇتۇشۇپ، قىلىچلىرىنى بىر-بىرىنىڭ بېقىنىغا سانجىشىپ ھەممىسى يىقىلىپ ئۆلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەر گىبېئوندىكى خەلقات-ھاززۇرىم دەپ ئاتالدى.    ‏17 ئۇ كۈنى قاتتىق بىر سوقۇش بولدى، لېكىن ئابنەر بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى داۋۇدنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.
‏18 شۇ يەردە زېرۇيانىڭ يوئاب، ئابىشاي، ۋە ئاسائەل دېگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ئاسائەل بولسا دالادىكى كېيىكتەك چاققان ئىدى. ‏19 ئاسائەل ئابنەرنى قوغلاپ، نە ئوڭغا، نە سولغا بۇرۇلماي ئابنەرنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى. ‏20 ئابنەر كەينىگە قاراپ: «سەن ئاسائەلمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «شۇنداق، مەن شۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ‏21 ئابنەر ئۇنىڭغا: «ئوڭغا ياكى سولغا بۇرۇلۇپ، يىگىتلەرنىڭ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋالغىن» دېدى. لېكىن ئاسائەل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشتىن ۋاز كéچىشنى خالىمىدى. ‏22 ئابنەر يەنە ئاسائەلگە: «مېنى قوغلىمىغىن، بۇرۇلۇپ كەتكىن. سېنى يەرگە يىقىتىپ ئۆلتۈرگۈم يوق! ئۇنداق قىلسام، ئاكاڭ يوئابنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارىيالايمەن؟» دېدى. ‏23 لېكىن ئۇ ئۇنى قوغلاشنى توختاتمىغاندا ئابنەر نەيزىسىنىڭ كەينى ئۇچى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىغا شۇنداق سالدىكى، نەيزە ئاسائەلنىڭ دۈمبىسىدىن ئۆتۈپ چىقتى. ئۇ شۇ يەردە يىقىلىپ ئۆلدى. ئاسائەل يىقىلىپ ئۆلگەن يەرگە كەلگەن ھەربىر كىشى ئۇ يەردە بىر توختاپ قالدى. ‏24 ئەمما يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنەرنى قوغلاشتى. كۈن پاتقاندا ئۇلار گىبېئون چۆلىدىكى گىياھ دېگەن يەرنىڭ ئۇدۇلىدا بولغان ئاممانىڭ ئېگىزلىكىگە يەتتى. ‏25 ئۇ چاغدا بەنيامىننىڭ ئادەملىرى ئابنەرنىڭ كەينىدىن جەم بولۇشۇپ، بىر قوشۇن بولۇپ بىر دۆڭلۈكنىڭ تۆپىسىدە توختاپ تۇردى. ‏26 ئابنەر يوئابقا: «قىلىچ ھەمىشە ھالاك قىلسۇنمۇ؟ بىلمەمسەنكى، بۇنىڭ ئاخىرى يامان بولىدۇ. ئۆز ئادەملىرىڭگە: ‹قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلىماڭلار› دەپ قاچان بۇيرۇيسەن؟» دەپ ۋارقىرىدى. ‏27 يوئاب: «تىرىك خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن سۆز قىلمىغان بولساڭ، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەتىگەنگىچە قېرىنداشلىرىنى قوغلاشتىن يانمايتتى» دېدى.    ‏28 ئاندىن يوئاب بۇرغا چالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەملىرى ئىسرائىلنى قوغلاشتىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشتىن توختىدى.   
‏29 ئابنەر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى كېچىچە مېڭىپ، ئارابا تۈزلەڭلىكىنى كېزىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن بىترون جىلغىنى كېزىپ ئۆتۈپ، ماخانائىمغا يېتىپ كەلدى. ‏30 يوئاب ئابنەرنى قوغلاشتىن قايتىپ، ھەممە خەلقنى يىغقاندا داۋۇدنىڭ ئادەملىرىدىن ئاسائەلدىن باشقا ئون توققۇز كىشى كەم چىقتى. ‏31 لېكىن داۋۇدنىڭ ئادەملىرى بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان ئابنەرنىڭ ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئاتمىش كىشىنى ئۆلتۈرگەنىدى. ‏32 ئۇلار ئاسائەلنى ئېلىپ، بەيتلەھەمدە ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئاندىن يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى كېچىچە مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا خېبرونغا يېتىپ كەلدى.