سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇدنىڭ جەمەتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ
3
‏1 سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇدنىڭ جەمەتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى. داۋۇد بارغانسېرى كۈچەيدى، لېكىن سائۇلنىڭ جەمەتى بارغانسېرى ئاجىزلاشتى.
 
‏2 خېبروندا داۋۇد بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ تۇنجىسى يىزرەئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون ئىدى. ‏3 ئىككىنچىسى كارمەللىك نابالنىڭ ئايالى بولغان ئابىگائىلدىن تۇغۇلغان كىلاب ئىدى. ئۈچىنچىسى گەشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكانىڭ ئوغلى ئابشالوم ئىدى. ‏4 تۆتىنچىسى خاگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا ئىدى. بەشىنچىسى ئابىتالنىڭ ئوغلى شېفاتيا ئىدى. ‏5 ئالتىنچىسى داۋۇدنىڭ ئايالى ئەگلادىن تۇغۇلغان يىترېئام ئىدى. بۇلار داۋۇدنىڭ خېبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرىدۇر.
 
‏6 سائۇلنىڭ جەمەتى بىلەن داۋۇدنىڭ جەمەتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ داۋامىدا ئابنەرنىڭ سائۇلنىڭ جەمەتىدىكى تەسىر كۈچى بارغانسېرى كۈچەيدى.
‏7 ئەمدى سائۇلنىڭ بىر كېنىزىكى بار ئىدى. ئۇ ئاييانىڭ قىزى بولۇپ، ئىسمى رىزپا ئىدى. ئىشبوشەت ئابنەرگە: «نېمىشقا ئاتامنىڭ كېنىزىكى بىلەن بىللە بولدۇڭ؟» دېدى. ‏8 ئابنەر ئىشبوشەتنىڭ گېپىگە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، مۇنداق دېدى: «يەھۇداغا تەۋە بىر ئىت كاللىسىمەنمۇ؟ بۈگۈنكى كۈنگىچە مەن ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ داۋۇدنىڭ قولىغا چۈشۈشۈڭگە يول قويمىغان بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن ماڭا: ‹بۇ ئايال بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ› دەپ ئەيىب قويامسەن؟ ‏9 ئەگەر مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇدقا قەسەم بىلەن قىلغان ۋەدىسى بويىچە ئىش قىلمىسام، خۇدا مەن ئابنەرنى قوشلاپ جازالىغاي! ‏10 مەن شۇنداق قىلىمەنكى: پادىشاھلىق سائۇلنىڭ جەمەتىدىن ئېلىنىپ، داۋۇدنىڭ تەختىنىڭ داندىن بەئەرشېباغىچە پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن يەھۇدانىڭ ئۈستىگە تىكلىنىشىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىمەن». ‏11 ئىشبوشەت ئابنەردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئېغىز سۆز قىلغىلى جۈرئەت قىلمىدى.
‏12 ئابنەر دەرھال داۋۇدقا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «زېمىن كىمنىڭكى ئىكەن؟» ۋە يەنە «مەن بىلەن ئەھدە تۈزگىن. مانا، مەن سېنى قوللاپ، پۈتۈن ئىسرائىلنى ساڭا مايىل قىلىمەن» دېدى. ‏13 ئۇ جاۋاب بېرىپ: «ياخشى بولىدۇ. مەن سەن بىلەن ئەھدە تۈزەي. لېكىن سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، مېنىڭ يېنىمغا كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كەلگىن، بولمىسا يۈزۈمنى كۆرمەيسەن» دېدى.
‏14 ئاندىن داۋۇد ئىشبوشەتكە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «مەن يۈز فىلىستىنلەرنىڭ خەتنە تېرىلىرىگە ئالغان ئايالىم مىكالنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگىن» دېدى. ‏15 ئىشبوشەت كىشى ئەۋەتىپ، مىكالنى لايىشنىڭ ئوغلى بولغان ئېرى پالتىئەلدىن تارتىۋالدى. ‏16 لېكىن ئۇنىڭ ئېرى باخۇرىمغىچە ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ، كەينىدىن ئەگىشىپ يىغلاپ يۈردى. ئاخىر ئابنەر ئۇنىڭغا: «قايتىپ كەتكىن» دېدى ۋە ئۇ قايتىپ كەتتى.
‏17 ئابنەر ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ: «ئۇزۇندىن بېرى سىلەر داۋۇد سىلەرگە پادىشاھ بولۇشىنى ئارزۇ قىلدىڭلار. ‏18 ئەمدى ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى! چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇد توغرىسىدا: ‹خىزمەتكارىم داۋۇدنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىل خەلقىنى فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، ھەممە دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىمەن› دېگەنىدى» دېدى. ‏19 ئابنەر بەنيامىنلار بىلەنمۇ سۆزلەشتى. ئاندىن ئابنەر ئىسرائىل ۋە بەنيامىننىڭ پۈتۈن جەمەتى ماقۇل كۆرگەن مەسلىھەتى توغرىسىدا داۋۇد بىلەن سۆزلەشكىلى خېبرونغا باردى.
‏20 ئابنەر يىگىرمە كىشى بىلەن خېبرونغا داۋۇدنىڭ يېنىغا كەلگەندە، داۋۇد ئابنەر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە زىياپەت بەردى. ‏21 ئابنەر داۋۇدقا: «مەن قوپۇپ بېرىپ، پۈتۈن ئىسرائىلنى غوجام پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي. ئۇلار سەن بىلەن ئەھدە تۈزگەي ۋە سەن ئۆز كۆڭلۈڭ خالىغاندەك ھەممە خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغايسەن» دېدى. ئاندىن داۋۇد ئابنەرنى يولغا سالدى، ئۇ تىنچ-ئامان كەتتى.
 
يوئاب ئابنەرنى ئۆلتۈرىدۇ
‏22 مانا، شۇ ئەسنادا داۋۇدنىڭ ئادەملىرى يوئاب بىلەن بىللە تالاشتىن قايتىپ، كۆپ ئولجا ئېلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا ئابنەر خېبروندا داۋۇدنىڭ قېشىدا يوق ئىدى، چۈنكى داۋۇد ئۇنى يولغا سالغاندىن كېيىن ئۇ تىنچ-ئامان كەتكەنىدى.    ‏23 يوئاب ھەممە قوشۇنى بىلەن قايتىپ كەلگەندە خەلق ئۇنىڭغا: «نەرنىڭ ئوغلى ئابنەر پادىشاھنىڭ يېنىغا كەلدى. پادىشاھ ئۇنى يولغا سالغاندىن كېيىن ئۇ تىنچ-ئامان كەتتى» دېدى. ‏24 يوئاب پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئابنەر سېنىڭ يېنىڭغا كەلدى. نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدۇڭ؟ ئەمدى كېتىپ بولدى. ‏25 نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنى بىلىسەنغۇ! ئۇ سېنى ئالداپ، چىقىش-كىرىشىڭنى كۆرۈپ، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى بىلگىلى كەلدى» دېدى. ‏26 يوئاب داۋۇدنىڭ يېنىدىن چىققاندىن كېيىن ئابنەرنىڭ كەينىدىن كىشىلەر ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنى سىرا بۇلىقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ، ئېلىپ كەلدى. لېكىن داۋۇد بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى. ‏27 ئابنەر خېبرونغا قايتىپ كەلگەندە يوئاب ئۇنىڭغا: «سەن بىلەن سۆزلىشەي» دەپ ئۇنى ئۆزئارا دەرۋازىنىڭ ئىچىدە بىر چەتكە تارتىپ: «ئۇكام ئاسائەلنىڭ قېنى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاي» دەپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر سېلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى. ‏28 داۋۇد بۇنى ئاڭلاپ: «مەن ۋە پادىشاھلىقىم نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئەبەدكىچە بىگۇناھتۇرمىز. ‏29 ئۇنىڭ قېنى يوئابنىڭ بېشىغا ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ بېشىغا چۈشسۇن. يوئابنىڭ ئۆيىدىن ئاقما، ماخاۋ، ھاسا تايانغۇچى، قىلىچ ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نانغا موھتاج كىشى تۈگىمىسۇن» دېدى.
‏30 ئابنەر ئۇلارنىڭ ئۇكىسى ئاسائەلنى گىبېئوندىكى جەڭدە ئۆلتۈرگىنى ئۈچۈن يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئۇنى ئۆلتۈردى. ‏31 داۋۇد يوئابقا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ھەممە خەلققە: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ بۆز رەختكە يۆگىنىپ، ئابنەر ئۈچۈن ماتەم تۇتۇڭلار» دېدى. داۋۇد پادىشاھ ئۆزى تاۋۇتنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ‏32 ئۇلار ئابنەرنى خېبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ ئابنەرنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى، خەلقنىڭ ھەممىسىمۇ يىغلاشتى. ‏33 پادىشاھ ئابنەر ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇدى:
«ئابنەرنىڭ ئەخمەقتەك ئۆلۈشى كېرەكمىدى؟
‏34 قوللىرىڭ باغلاقلىق ئەمەس ئىدى.
پۇتلىرىڭ كىشەنلەنگەن ئەمەس ئىدى.
رەزىللەرنىڭ قولى بىلەن يىقىلگەندەك يىقىلدىڭ!»
 
خەلقنىڭ ھەممىسى يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ كېتىشتى.
‏35 خەلقنىڭ ھەممىسى داۋۇدنى تاماق يېيىشقا ئۈندىدى. ئەمما داۋۇد قەسەم قىلىپ: «ئەگەر مەن كۈن پاتماستا نان ياكى باشقا بىر نەرسىنى يېسەم، خۇدا مېنى قوشلاپ جازالىغاي!» دېدى. ‏36 خەلق بۇنى بىلىپ قېلىپ، شۇنىڭدىن رازى بولدى. شۇنىڭدەك خەلق پادىشاھ قىلغان ھەر ئىشتىن رازى ئىدى. ‏37 خەلقنىڭ ھەممىسى ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇ كۈنى نەرنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى پادىشاھنىڭ قولى بىلەن سادىر بولمىغانلىقىنى بىلدى. ‏38 پادىشاھ ئۆز ئادەملىرىگە سۆزلەپ: «بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلدا بىر سەردار، ئۇلۇغ بىر ئادەم ئالەمدىن ئۆتتى. ‏39 مەن پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگەن بولساممۇ، تېخى ئاجىزمەن. بۇ ئادەملەر، يەنى زېرۇيانىڭ ئوغۇللىرى مەندىن كۈچلۈكتۇر. پەرۋەردىگار يامانلىق قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ يامانلىقىغا يارىشا جازا بەرسۇن» دېدى.