ئىسبوسەت ئۆلتۈرۈلىدۇ
4
‏1 سائۇلنىڭ ئوغلى ئابنەرنىڭ خېبروندا ئۆلگىنىنى ئاڭلىغاندا قولى بوشىشىپ كەتتى ۋە پۈتۈن ئىسرائىل پەرىشان بولدى. ‏2 لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلىنىڭ قاراقچى قوشۇنلىرىنىڭ ئىككى سەردارى بار ئىدى، بىرىنىڭ ئىسمى بائانا ۋە يەنە بىرىنىڭ ئىسمى رېكاب ئىدى. ئۇلار بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بەئەروت بەنيامىنغا تەۋە زېمىن بولۇپ ھېسابلاندى. ‏3 بەئەروت ئەسلى ئاھالىسى گىتتايىمغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە بۈگۈنكى كۈنگىچە مۇساپىر بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە.
 
‏4 سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى ئاقساق بىر ئوغلى بار ئىدى. «سائۇل بىلەن يوناتان ئۆلدى» دەپ يىزرەئەلگە خەۋەر يەتكەندە ئۇ بالا بەش ياشتا ئىدى. بالىنى باقىدىغان ئايال ئۇنى ئېلىپ قاچتى. ئۇ ئالدىراپ قاچقاندا، بۇ بالا ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، ئاقساق بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى مېفىبوشەت ئىدى.
 
‏5 بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رېكاب ۋە بائانا بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا ئىشبوشەت چۈش راھىتىدە ياتقاندا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردى. ‏6 ئۇلار بۇغداي ئېلىپ چىقماقچى بولغاندەك قىلىپ، ئۆينىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر سانجىدى. ئاندىن رېكاب ۋە بائانا قېچىپ كەتتى. ‏7 ئۇلار ئىشبوشەت ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا ئورنىدا ياتقاندا ئۇلار ئۆيگە كىرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى كەسكەنىدى. ئۇلار بېشىنى ئېلىپ، ئارابا تۈزلەڭلىكىنى كېزىپ، كېچىچە ماڭدى. ‏8 ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ بېشىنى خېبرونغا داۋۇدنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، پادىشاھقا: «مانا، جېنىڭنىڭ دۈشمىنى سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ بېشى بۇدۇر! پەرۋەردىگار بۈگۈن غوجام پادىشاھقا سائۇل بىلەن ئەۋلادىدىن ئىنتىقام ئالدى» دېدى. ‏9 داۋۇد بەئەروتلۇق رىمموننىڭ ئوغۇللىرى رېكاب بىلەن ئۇكىسى بائاناغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مېنى ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلدۇرغان تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ‏10 ماڭا ‹سائۇل ئۆلدى› دەپ خەۋەر ئېلىپ كېلىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم دەپ خىيال قىلغان كىشىنى زىقلاغدا تۇتۇپ ئۆلتۈردۈم. مانا، شۇنداق قىلىپ، خەۋەرچىنىڭ ‹مۇكاپاتىنى› بەردىم! ‏11 ئەمدى يامان ئادەملەر بىر ھەققانىي كىشىنى ئۆز ئۆيىدە، ياتقان ئورنىدا ئۆلتۈرگەن بولسا، مەن ئۇنىڭ قېنىنى قوللىرىڭلاردىن تەلەپ قىلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقاتمايمەنمۇ؟».
‏12 داۋۇدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قول-پۇتلىرىنى كېسىپ، خېبروندىكى كۆلنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويدى. لېكىن ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ بېشىنى ئېلىپ، خېبروندىكى ئابنەرنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى.