داۋۇد خېبروندا پۈتۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مەسىھلىنىدۇ
5
1 ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرى خېبرونغا داۋۇدنىڭ قېشىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «مانا، بىز سېنىڭ سۆڭىكىڭ ۋە ئېتىڭدۇرمىز. 2 ئۆتكەن ۋاقىتتا سائۇل بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا چىقىش-كىرىشتە ئىسرائىلنىڭ باشلامچىسى سەن ئىدىڭ ۋە پەرۋەردىگار ساڭا: ‹مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى ۋە ئىسرائىلنىڭ ئەمىرى بولىسەن› دېگەنىدى». 3 ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى خېبرونغا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە، داۋۇد پادىشاھ خېبروندا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. ئاندىن كېيىن ئۇلار داۋۇدنى ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلىدى.
4 داۋۇد پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 5 خېبروندا يەھۇداغا يەتتە يىل ئالتە ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىل بىلەن يەھۇداغا ئوتتۇز ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
داۋۇد يېرۇسالېمنى ئالىدۇ
6 پادىشاھ ئۆز ئادەملىرى بىلەن يېرۇسالېمغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرغان يەبۇسىيلار بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇلار داۋۇدنىڭ ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا: «سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن. ھەتتا قور ۋە ئاقساقلارمۇ سېنى توسالايدۇ» دېدى. 7 لېكىن داۋۇد سىئون قورغىنىنى ئالدى. بۇ قورغان «داۋۇدنىڭ شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. 8 داۋۇد ئۇ كۈنى: «كىمكى يەبۇسىيلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، سۈڭگۈچ بىلەن چىقىپ، داۋۇد يامان كۆرگەن بۇ كور ۋە ئاقساقلارنى ئۆلتۈرسۇن» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن: «كور ۋە ئاقساق ئۆيگە كىرمىسۇن» دېگەن گەپ پەيدا بولغان.
9 ئاندىن داۋۇد قورغاندا تۇرۇپ، ئۇنى داۋۇدنىڭ شەھىرى دەپ ئاتاپ، چۆرىسىدە مىللو قەلەئسىدىن تارتىپ ئىچ تەرىپىگىچە ئىمارەت سالدى. ■ 10 داۋۇد بارغانسېرى كۈچەيدى ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ بىلەن ئىدى.
11 تىرنىڭ پادىشاھى خىرام داۋۇدنىڭ يېنىغا ئەلچىلەرنى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. بۇلار داۋۇدقا بىر ئوردا ياساپ بەردى. 12 داۋۇد: «پەرۋەردىگار مېنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن مېنىڭ پادىشاھلىقىمنى ئۇلۇغلاندۇردى» دەپ ئۇقتى.
13 داۋۇد خېبروندىن كەلگەندىن كېيىن يېرۇسالېمدا يەنە كېنىزەكلەر ۋە خوتۇنلار ئالدى ۋە ئۇ يەردە داۋۇد يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنت كۆردى. 14 ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شامۇئا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، 15 يىبخار، ئەلىشۇئا، نېفەگ، يافىيا، 16 ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفېلەت ئىدى.
داۋۇد فىلىستىنلەرنى مەغلۇپ قىلىدۇ
17 فىلىستىنلەر داۋۇدنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەنگىنىنى ئاڭلىغاندا فىلىستىنلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇدنى تۇتقىلى چىقتى. داۋۇد بۇنى ئاڭلىغاندا تاغدىكى پاناھگاھقا چۈشتى. 18 فىلىستىنلەر كېلىپ، رېفائىم ۋادىسىغا يېيىلدى. 19 داۋۇد پەرۋەردىگاردىن: «فىلىستىنلەرگە قارشى چىقايمۇ؟ ئۇلارنى قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار داۋۇدقا: «چىققىن! فىلىستىنلەرنى چوقۇم سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن» دېدى. 20 شۇنىڭ بىلەن داۋۇد بائال-پەرازىمغا باردى. ئۇ يەردە داۋۇد ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ: «مانا، پەرۋەردىگار ئالدىمدا كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتۈپ دۈشمەنلىرىمنى باستى» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن داۋۇد ئۇ يەرنى بائال-پەرازىم دەپ ئاتىدى. ■ 21 فىلىستىنلەر ئۇ يەردە ئۆز بۇتلىرىنى تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى.
22 لېكىن فىلىستىنلەر يەنە چىقىپ، رېفائىم ۋادىسىغا يېيىلدى. 23 داۋۇد پەرۋەردىگاردىن سورىغاندا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇ يەرگە چىقماي، بەلكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يەردىن ھۇجۇم قىلغىن. 24 ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ تۆپىسىدىن ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىغىنىڭدا ئۇدۇل ماڭغىن، چۈنكى شۇ چاغدا پەرۋەردىگار فىلىستىنلەرنىڭ قوشۇنىنى ئۇرغىلى ئالدىڭدا ماڭىدۇ» دېدى. 25 داۋۇد پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك قىلىپ، فىلىستىنلەرنى گېبادىن گېزەرگىچە قوغلاپ قىر-چاپ قىلدى.