داۋۇد ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىدۇ
6
‏1 داۋۇد ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدىن ھەممە تاللانغان ئادەملەرنى يىغدى. ئۇلار ئوتتۇز مىڭ چىقتى. ‏2 ئاندىن داۋۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بائالا-يەھۇداغا چىقتى، چۈنكى ئۇ يەردىن خۇدانىڭ ساندۇقىنى ئېلىپ چىقماقچى ئىدى. ئۇ ئەھدە ساندۇقى كېرۇبلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغاندۇر.    ‏3 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېڭى بىر ھارۋىغا سېلىپ، ئابىنادابنىڭ تۆپىلىكتىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كەتتى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى ئۇززا ۋە ئاخىيو ئۇ يېڭى ھارۋىنى ھەيدىدى. ‏4 ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ تۆپىلىكتىكى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ بىللە بارغاندا، ئاخىيو ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ‏5 داۋۇد ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان نەغمىلەر، يەنى لىرا، چىلتار، داپ، جىڭگىرلىما ۋە جاڭ چېلىپ تەنتەنە قىلىشتى.
‏6 لېكىن ئۇلار ناكون خامىنىغا كەلگەندە ئۆكۈزلەر پۇتلاشقىنى ئۈچۈن ئۇززا قولىنى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا ئۇزىتىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. ‏7 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۇززاغا قوزغالدى. خۇدا ئۇززانى بۇ قىلغان خاتالىقى ئۈچۈن شۇ يەردىلا ئۇردى. ئۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدا ئۆلۈپ كەتتى. ‏8 داۋۇد پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى ئۇرغىنى ئۈچۈن خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى پەرەز-ئۇززا دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر بۈگۈنكى كۈنگىچە شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە. ‏9 ئۇ كۈنى داۋۇد پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزۈمنىڭكىگە قانداق قىلىپ ئېلىپ كېلەلەيمەن؟» دېدى. ‏10 شۇنىڭ ئۈچۈن داۋۇد پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇد شەھىرىگە ئۆزىنىڭكىگە يۆتكەشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ قويدى.
‏11 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتلىق ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى. پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدوم ۋە ھەممە ئۆيىدىكىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلدى. ‏12 «پەرۋەردىگار ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىكىلەر ۋە ھەممە بارىغا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى جەھەتىدىن بەرىكەت ئاتا قىلغاندۇر» دەپ داۋۇد پادىشاھقا خەۋەر بېرىلگەندە، داۋۇد خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئوبەد-ئېدومنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ، خۇشاللىق بىلەن داۋۇدنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. ‏13 پەرۋەردىگارنىڭ ساندۇقىنى كۆتۈرگەن ئادەملەر ئالتە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، ئۇ بىر بۇقا ۋە بىر بوردالغان موزاينى قۇربانلىق قىلدى. ‏14 داۋۇد كەندىردىن توقۇلغان ئېفودنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇسسۇل ئوينىدى.   
‏15 داۋۇد ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى تەنتەنە قىلىپ توۋلىشىپ، بۇرغا چېلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىۋاتاتتى. ‏16 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇدنىڭ شەھىرىگە كەلگەندە سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن قاراپ، داۋۇد پادىشاھنىڭ سەكرەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇل ئوينىگىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى.
‏17 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كىرىپ، داۋۇد ئۇنىڭ ئۈچۈن تىكتۈرگەن چېدىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدى. ئاندىن داۋۇد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. ‏18 داۋۇد كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنغاندىن كېيىن ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا خەلققە بەرىكەت تىلەپ خەيرلىك دۇئا قىلدى. ‏19 ئاندىن كېيىن ھەممە خەلققە، پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىدىكى ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ھەربىرىگە بىر نان، بىر پارچە گۆش ۋە بىر كىشمىش پوشكىلىنى بەردى. ئاندىن خەلقنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قايتتى.
‏20 داۋۇد ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرىكەت تىلەپ سالام بېرىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «بۈگۈن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى پەسكەش ئادەم ئۆزىنى يالىڭاچلىغىنىدەك، ئۆزىنى خىزمەتكارلىرىنىڭ ۋە دېدەكلىرىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا يالىڭاچلاپ، ئۆزىنى قانچە شەرەپلىك كۆرسەتتى!» دەپ تەنە قىلدى. ‏21 داۋۇد مىكالغا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، يەنى مېنى ئاتاڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ ئورنىغا تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئىسرائىلغا ئەمىر قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىدىم. ‏22 لېكىن مەن تېخىمۇ شەرەپسىز ھالىتىگە چۈشۈپ، ئۆز نەزىرىمدە كىچىك بولۇپ قالساممۇ رازىمەن. ئەمما سەن سۆزلىگەن دېدەكلەر بولسا ئۇلاردىن داڭلىنىمەن» دېدى. ‏23 سائۇلنىڭ قىزى مىكال بولسا ۋاپات كۈنىگىچە پەرزەنت كۆرمىدى.