داۋۇدنىڭ ئوغلىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنى ياسىشى توغرىسىدىكى ۋەدە
7
‏1 پەرۋەردىگار پادىشاھقا ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئارام بەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۆز ئوردىسىدا تۇرۇپ، ‏2 ناتان پەيغەمبەرگە: «مانا، كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىر چېدىرنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى. ‏3 ناتان پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: «كۆڭلۈڭدە نېمە بولسا قىلغىن، چۈنكى پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر» دېدى.
‏4 لېكىن كېچىدە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ناتانغا كەلدى. ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ‏5 «بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇدقا ئېيتقىنكى: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ماڭا بىر ئولتۇرىدىغان ئۆينى ياسىماقچىمۇ؟ ‏6 مەن بەنى ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە بىر ئۆيدە تۇرماي، بەلكى بىر چېدىردا تۇرۇپ كۆچۈپ يۈردۈم. ‏7 مەن بەنى ئىسرائىل بىلەن يۈرگەن بارچە يەرلەرنىڭ بىرىدە، مەن خەلقىم ئىسرائىلغا پادىچى بولۇپ بېقىشقا تەيىنلىگەن ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرىگە: «نېمىشقا ماڭا كېدىر ياغىچىدىن بىر ئۆي ياسىمايسىلەر؟» دەپ ئېيتقانىدىممۇ؟› ‏8 ئەمدى خىزمەتكارىم داۋۇدقا مۇنداق دېگىن: ‹ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قويلارنىڭ كەينىدىن يۈرگىنىڭدە يايلاقتىن سېنى ئېلىپ، خەلقىم ئىسرائىلغا ئەمىر قىلدىم. ‏9 ھەممە يوللىرىڭدا مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، بارچە دۈشمەنلىرىڭنى ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ ناملىرىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن. ‏10 مەن خەلقىم ئىسرائىلغا بىر جاي بېكىتىپ، ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆچەتتەك تىكىپ تۇرغۇزىمەن. ئۇلار يەنە قوزغالماي، ئۆز ماكانىدا تۇرىدۇ. رەزىللەر ئۇلارغا بۇرۇنقىدەك زۇلۇم قىلمايدۇ. ‏11 ئۇلار مەن خەلقىم ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە ھاكىملار قويغاندىن تارتىپ قىلغىنىدەك، خەلقىمگە يەنە زۇلۇم سالمايدۇ. مانا، ھەممە دۈشمەنلىرىڭدىن ساڭا ئارام بېرىمەن. ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا شۇنى بىلدۈرىدۇكى، پەرۋەردىگار ئۆزى ساڭا بىر خانىدان قۇرۇپ بېرىدۇ›.    ‏12 كۈنلىرىڭ تامام بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا راھەت تاپقىنىڭدا، مەن ئۆز پۇشتۇڭدىن كەلگەن نەسلىڭنىڭ بىرىنى سېنىڭ ئورنۇڭغا تۇرغۇزۇپ، پادىشاھلىقىنى مۇقىم قىلىمەن. ‏13 ئۇ مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياسايدۇ. مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدكىچە مۇستەھكەم قىلىمەن. ‏14 مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولۇپ، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۇ خاتا قىلسا، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ تايىقى بىلەن تۈزەيمەن، ئادەم بالىلىرىنىڭ زەربىسى بىلەن تەربىيىلەيمەن. ‏15 لېكىن مەن سېنىڭ ئالدىڭدا تاشلىۋەتكەن سائۇلدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلغىنىمدەك ئۇنىڭدىن مېھىر-شەپقىتىمنى جۇدا قىلمايمەن. ‏16 سېنىڭ خانىدانىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ ئالدىڭدا ھەمىشە مۇستەھكەم تۇرۇپ، تەختىڭ ئەبەدكىچە مەزمۇت تۇرىدۇ›». ‏17 ناتان بۇ ھەممە سۆزلەر ۋە ۋەھىينى داۋۇدقا يەتكۈزدى.
 
‏18 داۋۇد پادىشاھ كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ جەمەتىم نېمە ئىدى، سەن مېنى بۇ يەرگىچە باشلاپ كەلگۈدەك؟ ‏19 لېكىن، ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ نەزىرىڭدە تېخى كىچىك بىر ئىش سانالدى. سەن ھەتتا خىزمەتكارىڭنىڭ خانىدانىنىڭ يىراق كەلگۈسى توغرىسىدا سۆز قىلدىڭ. ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، بەندەڭگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشىڭ ئاجايىپتە!    ‏20 ئەمدى داۋۇد ساڭا يەنە نېمە دېسۇن؟ ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خىزمەتكارىڭنى تونۇيسەن. ‏21 سەن ئۆز سۆزۈڭ ۋە خاھىشىڭ بويىچە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى بېكىتىپ، خىزمەتكارىڭغا ئايان قىلدىڭ.
‏22 ئەي پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئۇلۇغدۇرسەن. قۇلاقلىرىمىز ئاڭلىغىنىنىڭ ھەممىسىگە مۇۋاپىق ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوق، سەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ‏23 يەر يۈزىدە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلدەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ مانا، سەن ئىسرائىلنى ئۆزۈڭگە خاس خەلق قىلىپ قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز شان-شۆھرىتىڭنى ئۇلار ئۈچۈن قىلغان ئاجايىپ ئىشلار ئارقىلىق نامايان قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى مىسىردىن، يات ئەللەردىن ۋە شۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قۇتقۇزدۇڭ ۋە خەلكىڭنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا زېمىنىڭ ئۈچۈن ھەيۋەتلىك ئىشلار قىلدىڭ. ئەمدى ئىلاھى ئوخشاش ئىشلار قىلغان يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ ‏24 سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن خەلقىڭ ئىسرائىلنى ئەبەدكىچە ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ. سەن، ئەي پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ.
‏25 ئەمدى، ئەي پەرۋەردىگار خۇدا، ئۆز خىزمەتكارىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىدانى توغرىسىدا قىلغان سۆزۈڭدە ئەبەدكىچە تۇرۇپ، ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن. ‏26 سېنىڭ نامىڭ ئەبەدكىچە ئۇلۇغ بولغاي. ‹ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىدۇر› دەپ ئېيتىلسۇن ۋە ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ خانىدانى سېنىڭ ئالدىڭدا مەزمۇت تۇرسۇن. ‏27 چۈنكى سەن، ئەي ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ئۆز خىزمەتكارىڭغا: ‹مەن ساڭا بىر خانىدان قۇرۇپ بېرىمەن› دەپ ئايان قىلدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ بۇ دۇئانى ساڭا قىلىشقا جۈرئەت قىلدى. ‏28 ئەمدى، ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، سەن خۇدادۇرسەن، سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقتۇر. سەن بۇ ياخشىلىقنى ئۆز خىزمەتكارىڭغا ۋەدە قىلدىڭ. ‏29 ئەمدى ئىلتىپات قىلىپ خىزمەتكارىڭنىڭ خانىدانىغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ تۇرۇشقا نېسىپ قىلغايسەن. سەن، ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، بۇنى ئېيتقانسەن. سېنىڭ بەرىكىتىڭ بىلەن خىزمەتكارىڭنىڭ خانىدانى ئەبەدكىچە بەرىكەتلىك بولىدۇ».