داۋۇدنىڭ نۇسرەتلىرى
8
‏1 ئاندىن كېيىن داۋۇد فىلىستىنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ بويسۇندۇردى. داۋۇد فىلىستىنلەرنىڭ پايتەخت شەھىرىنى تارتىۋالدى. ‏2 ئۇ موئابىيلارنىمۇ مەغلۇپ قىلىدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە يانداپ ياتقۇزۇپ، تانا بىلەن ئۆلچەپ، ئۆلتۈرۈلىدىغانلارنى بېكىتىشكە ئىككى تانا، تىرىك قالدۇرۇلىدىغانلارنى بېكىتىشكە بىر تانا ئۆلچىدى. موئابىيلار داۋۇدنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.
‏3 زوبانىڭ پادىشاھى رەھوبنىڭ ئوغلى ھادادەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى يەرلەرنى قايتىدىن ئۆزىگە قارىتىۋېلىش مەقسىتىدە جەڭ قىلىشقا چىققاندا، داۋۇد ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. ‏4 داۋۇد ئۇنىڭ قوشۇنىدىن بىر مىڭ يەتتە يۈز ئاتلىق ئەسكەر ۋە يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەرنى ئەسىر قىلدى. داۋۇد ئۆزىگە قالدۇرغان يۈز ئاتتىن بۆلەك ھەممە ھارۋا ئاتلىرىنىڭ پەيلىرىنى كەستۈردى. ‏5 دەمەشقتىكى ئارامىيلار زوبانىڭ پادىشاھى ھادادەزەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن چىققاندا، داۋۇد ئارامىيلاردىن يىگىرمە ئىككى مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. ‏6 ئاندىن داۋۇد دەمەشقتىكى ئارامىيلارنىڭ زېمىنىدا لەشكەر تۇرغۇزدى. بۇ تەرىقىدە ئارامىيلار داۋۇدنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇد قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى. ‏7 داۋۇد ھادادەزەرنىڭ غۇلاملىرى كۆتۈرگەن ئالتۇن قالقانلارنى ئولجا ئېلىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ‏8 داۋۇد پادىشاھ ھادادەزەرنىڭ شەھەرلىرى بولغان بەتاھ ۋە بېروتادىنمۇ ناھايىتى كۆپ مىس ئولجا ئالدى.
‏9 خاماتنىڭ پادىشاھى توئى: «داۋۇد ھادادەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى» دەپ ئاڭلىغاندا، ‏10 توئى ئۆز ئوغلى يورامنى داۋۇدنىڭ ھالىنى سوراپ، ئۇنىڭ ھادادەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغىنى ئۈچۈن داۋۇدنى تەبرىكلەشكە ئەۋەتتى. چۈنكى ھادادەزەر ھەمىشە توئى بىلەن جەڭ قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇدقا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە مىس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى. ‏11 شۇ بۇيۇملارنى داۋۇد پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئۆزى مەغلۇپ قىلغان ھەممە خەلقلەردىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە قوشۇپ قويدى، ‏12 يەنى ئارام، موئاب، بەنى ئاممون، فىلىستىنلەر، ئامالەك ۋە زوبانىڭ پادىشاھى رەخوبنىڭ ئوغلى ھادادەزەردىن ئالغان ئولجىغا قوشۇپ قويدى.
‏13 داۋۇد ئارامىيلارنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇز ۋادىسىدا ئون سەككىز مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، داڭلىق بولۇپ كەتتى. ‏14 ئۇ پۈتۈن ئېدومدا لەشكەر تۇرغۇزدى. بۇ تەرىقىدە ئېدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇدنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندى. داۋۇد قەيەرگە بارسا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نۇسرەت بېرەتتى.   
 
داۋۇدنىڭ ئەمەلدارلىرى
‏15 داۋۇد پۈتۈن ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغاندا، داۋۇد ئادىل ھۆكۈملەر چىقىرىپ، ھەممە خەلقى ئۈستىدىن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم سۈردى.
‏16 زېرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇننىڭ باش سەردارى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات تەزكىرىچى ئىدى. ‏17 ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى سادوق ۋە ئابياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك كاھىن ئىدى، سەرايا كاتىپ ئىدى. ‏18 يەھويادانىڭ ئوغلى بەنايا مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن چاپارمەنلەرنىڭ سەردارى ئىدى. داۋۇدنىڭ ئوغۇللىرى ۋەزىر ئىدى.