داۋۇد ۋە مېفىبوشەت
9
‏1 داۋۇد: «سائۇلنىڭ جەمەتىدىن تىرىك قالغان بىرى بارمۇ؟ مەن يوناتاننىڭ ھۆرمىتىدە ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەي» دېدى. ‏2 ئەمدى سائۇلنىڭ جەمەتىنىڭ خىزمىتىدە بولغان زىبا ئىسىملىك بىر خىزمەتكار بار ئىدى. ئۇلار زىبانى داۋۇدنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «سەن زىبامۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «شۇنداق، سېنىڭ قۇلۇڭمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏3 پادىشاھ: «سائۇلنىڭ جەمەتىدىن بىرى قالدىمۇ؟ ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتەي» دېدى. زىبا پادىشاھقا: «يوناتاننىڭ بىر ئوغلى قالدى. ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى ئاقساق» دېدى. ‏4 پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «ئۇ قەيەردە ئىكەن؟» دەپ سورىدى. زىبا پادىشاھقا: «ئۇ لودىباردا ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ» دېدى.
‏5 شۇنىڭ بىلەن داۋۇد پادىشاھ ئۇنى لودىباردىن ئاممىئەلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كېلىشكە كىشى ئەۋەتتى. ‏6 سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يوناتاننىڭ ئوغلى مېفىبوشەت داۋۇدنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلدى. داۋۇد: «مېفىبوشەت!» دېدى. «مانا، قۇلۇڭ» دېدى ئۇ. ‏7 داۋۇد ئۇنىڭغا: «قورقمىغىن. سېنىڭ ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھۆرمىتىدە ساڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئاتاڭ سائۇلنىڭ ھەممە يەر-زېمىنلىرىنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرەي. ئەمدى سەن ھەمىشە مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىسەن» دېدى. ‏8 مېفىبوشەت تەزىم قىلىپ: «قۇلۇڭ نېمە ئىدى؟ مەندەك بىر ئۆلۈك ئىت سەن قارىغۇدەك كىم ئىدىم؟» دېدى. ‏9 ئاندىن پادىشاھ سائۇلنىڭ خىزمەتكارى زىبانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مەن سائۇل ۋە پۈتۈن جەمەتىنىڭ ھەممە تەئەللۇقاتىنى خوجايىنىڭنىڭ ئوغلىنىڭ قولىغا بەردىم.    ‏10 سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە خىزمەتكارلىرىڭ يەرنى ئۇنىڭغا ھەيدەپ تېرىپ، خوجايىنىڭنىڭ ئوغلىغا يېگىلى ئوزۇق بولسۇن دەپ ھوسۇلنى يىغىسىلەر. لېكىن خوجايىنىڭنىڭ ئوغلى مېفىبوشەت ھەمىشە مېنىڭ داستىخىنىمدىن غىزالىنىدۇ» دېدى. زىبانىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە بەش خىزمەتكارى بار ئىدى.
‏11 زىبا پادىشاھقا: «غوجام پادىشاھ قۇلىغا بۇيرۇغىنى بويىچە قۇلۇڭ قىلىدۇ» دېدى. شۇنداق قىلىپ، مېفىبوشەت پادىشاھنىڭ بىر ئوغلىدەك پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تاماق يەيدىغان بولدى. ‏12 مېفىبوشەتنىڭ مىكا ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. ‏13 مېفىبوشەت ھەمىشە پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تاماق يەپ تۇرغىنى ئۈچۈن يېرۇسالېمدا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى ئاقساق ئىدى.