داۋۇدنىڭ ئاممون ۋە ئارام بىلەن جەڭ قىلىشى
10
1 بىرنەچچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى ۋاپات بولدى. خانۇن دېگەن ئوغلى ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقتى. 2 داۋۇد: «ئۇنىڭ ئاتىسى ماڭا مېھىر-شەپكەت كۆرسەتكەندەك، مەن ناخاشنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپكەت كۆرسىتەي» دېدى. داۋۇد ئۇنىڭغا ئاتىسى ئۈچۈن تەسەللى بەرگىلى ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن بىرنەچچىنى ئەۋەتتى. داۋۇدنىڭ خىزمەتكارلىرى ئاممونىيلارنىڭ زېمىنىغا كەلگەندە، 3 ئاممونىيلارنىڭ سەردارلىرى ئۆز غوجىسى خانۇنغا: «داۋۇد ئاتاڭغا ئىززەت قىلىش ئۈچۈن ساڭا تەسەللى بەرگۈچىلەر ئەۋەتتى دەپ خىيال قىلامسەن؟ ئۇنداق ئەمەس، داۋۇد خىزمەتكارلىرىنى شەھەرنى كۆرۈپ پايلاش ئۈچۈن ئەۋەتىپ، ئاندىن ئۇنى ۋەيران قىلماقچى» دېدى. 4 شۇنىڭ بىلەن خانۇن داۋۇدنىڭ خىزمەتكارلىرىنى تۇتۇپ، ساقاللىرىنىڭ يېرىمىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يانپاشلىرىغىچە كەستۈرۈپ، ئاندىن ئۇلارنى كەتكۈزۈۋەتتى. 5 بۇ خەۋەر داۋۇدقا يەتكەندە، بۇ ئادەملەر تولىمۇ خىجالەت بولغاچقا، پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىشى ئەۋەتىپ: «ساقاللىرىڭلار ئۆسكۈچە يېرىخو شەھىرىدە تۇرۇپ، ئاندىن قايتىپ كېلىڭلار» دېدى.
6 ئاممونىيلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇدنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى بىلىپ، كىشى ئەۋەتىپ بەيت-رەخوبتىكى ۋە زوبادىكى ئارامىيلاردىن يىگىرمە مىڭ پىيادە ئەسكەر، مائاكانىڭ پادىشاھىدىن بىر مىڭ لەشكەر ۋە توبدىكى ئادەملەردىن ئون ئىككى مىڭ لەشكەر ياللاپ ئالدى. 7 داۋۇد بۇنى ئاڭلىغاندا، يوئاب بىلەن پالۋانلاردىن تەركىب تاپقان پۈتۈن قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. 8 ئاممونىيلار چىقىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزدى. زوبا ۋە رەخوبدىن كەلگەن ئارامىيلار، توبنىڭ ئادەملىرى ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى بولسا دالادا ئايرىم سەپ تۈزدى. 9 يوئاب ئالدى ھەم كەينىدىن ھۇجۇم بولىدىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىسرائىلدىن بىر قىسىم خىل ئادەملەرنى تاللاپ، ئارامىيلارغا قارشى سەپ تۈزدى. 10 ئۇ قالغان ئادەملەرنى ئۇكىسى ئابىشاينىڭ قولىغا، تاپشۇردى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونىيلارغا قارشى سەپكە تىزىپ جەڭگە تەييار قىلدى. 11 يوئاب ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئارامىيلار مەندىن كۈچلۈك كەلسە، سەن ياردەمگە كېلىسەن. ئەمما ئاممونىيلار سەندىن كۈچلۈك كەلسە، مەن بېرىپ ساڭا ياردەم بېرەي. 12 جۈرئەتلىك بولغىن. ئۆز خەلقىمىز ئۈچۈن ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن باتۇر جەڭ قىلايلى. پەرۋەردىگار ئۆزى توغرا كۆرگەننى قىلسۇن» دېدى. 13 يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئادەملەر ئارامىيلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چىقىپ يېقىنلاشقاندا، ئارامىيلار ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچتى. 14 ئاممونىيلار ئارامىيلارنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەندە، ئۇلارمۇ ئابىشاينىڭ ئالدىدىن قېچىپ شەھەرگە كىرىۋالدى. ئۇ ۋاقىتتا يوئاب ئاممونىيلارنى قويۇپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
15 ئارامىيلار ئۆزىنىڭ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە، يەنە جەم بولۇپ يىغىلىشتى. 16 ھادادەزەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئارامىيلارغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى چاقىردى. ئۇلار ھادادەزەرنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباكنىڭ قول ئاستىدا يۈرۈپ خېلام شەھىرىگە كەلدى. 17 بۇ خەۋەر داۋۇدقا يەتكەندە ئۇ پۈتۈن ئىسرائىلنى يىغدۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلامغا باردى. ئارامىيلار داۋۇدقا قارشى سەپ تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. 18 لېكىن ئارامىيلار يەنە ئىسرائىلنىڭ ئالدىدىن قاچتى. داۋۇد جەڭ ھارۋىسى ھەيدەيدىغان يەتتە يۈز ئادەم ۋە قىرىق مىڭ ئاتلىق كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە يەنە قوشۇنىنىڭ سەردارى شوباكنىمۇ يەرگە يىقىتتى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. 19 ھادادەزەرنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇنغان ھەممە پادىشاھلار ئۆزىنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا مەغلۇپ بولغىنىنى كۆرگەندە ئىسرائىل بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئىسرائىلنىڭ ئىتائىتىگە بويسۇندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارامىيلار ئاممونىيلارغا ياردەم بېرىشتىن قورقاتتى.