ھاننانىڭ پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان مەدھىيەسى
2
‏1 ھاننا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى:
 
«مېنىڭ كۆڭلۈم پەرۋەردىگار بىلەن خۇشاللىق تاپتى.
مۈڭگۈزۈم پەرۋەردىگار بىلەن ئېگىز كۆتۈرۈلدى.
ئاغزىم دۈشمەنلىرىمگە چوڭ ئېچىلدى،
چۈنكى سېنىڭ نىجاتلىقىڭدىن شادلانماقتىمەن.
‏2 ھېچكىم پەرۋەردىگاردەك مۇقەددەس ئەمەستۇر،
چۈنكى سەندىن باشقىسى يوقتۇر.
خۇدايىمىزدەك ھېچ قورام تاش يوقتۇر.
‏3 تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلەۋەرمەڭلار،
ئاغزىڭلاردىن يوغان گەپلەر چىقمىسۇن،
چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلىدىغان خۇدادۇر،
ئۇ ھەممە ئەمەللەرنى تارازىدا تارتىدۇ.
‏4 پالۋانلارنىڭ يالىرى سۇنار،
لېكىن پۇتلىشىپ يىقىلغانلارنىڭ بەللىرى قۇدرەت بىلەن باغلىنار.
‏5 توق بولغانلار نان ئۈچۈن ئۆزىنى قۇللۇققا بېرەر،
لېكىن ئاچ قالغانلار ئەمدى ئاچ قالماس.
تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار،
ئەمما كۆپ بالىسى بار ئايال ئاجىزلىشىپ كېتەر.
‏6 پەرۋەردىگار ھەم ئۆلتۈرەر، ھەم تىرىلدۈرەر.
ئۇ ئۆلۈكلەر دىيارىغا چۈشۈرەر، ھەم ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقار.
‏7 پەرۋەردىگار ھەم كەمبەغەل قىلار، ھەم باي قىلار.
پەرۋەردىگار ھەم پەس قىلار، ھەم ئېگىز كۆتۈرەر.
‏8 ئۇ بىچارىلەرنى توپىدىن دەس تۇرغۇزار،
مىسكىنلەرنى قىغلىقتىن تارتىپ چىقىرار.
ئۇ ئۇلارنى ئېسىلزادىلەر بىلەن ئولتۇرغۇزار،
ئۇلارنى شان-شەرەپ تەختىسىگە ئىگە قىلار.
چۈنكى يەرنىڭ تۈۋرۈكلىرى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر.
ئۇ دۇنيانى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرغاندۇر.
‏9 ئۇ ئۆز تەقۋادار بەندىلىرىنىڭ قەدەملىرىنى قوغدار،
ئەمما يامانلار قاراڭغۇدا جىمىقتۇرۇلار،
چۈنكى ھېچكىم ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن نۇسرەت تاپماس.
‏10 پەرۋەردىگارغا قارشى چىققانلار پارە-پارە قىلىنار.
ئۇ ئاسماندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە گۈلدۈرلەر.
پەرۋەردىگار يەرنىڭ ئەڭ چەتلىرىگىچە ھۆكۈم چىقىرار.
ئۇ ئۆز پادىشاھىغا قۇدرەت بېرەر،
ئۆزى تاللاپ مەسىھلىگىنىنىڭ مۈڭگۈزىنى ئېگىز كۆتۈرەر».
 
ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى
‏11 ئەلقانا رامادىكى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى، لېكىن بالا ئەلىنىڭ قېشىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ قالدى. ‏12 ئەمما ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى يارىماس كىشىلەر ئىدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. ‏13 كاھىنلار خەلققە مۇنداق ئىش قىلاتتى: بىر كىشى سويۇم قۇربانلىقنى كەلتۈرسە، كاھىنلارنىڭ خىزمەتكارى گۆش قايناپ پىشىۋاتقاندا كېلىپ، ئۈچ تىغلىق بىر ئارىنى قولىدا تۇتۇپ، ‏14 ئارىنى داش، قازان، داڭقان ياكى كورىنىڭ ئىچىگە سانجىپ، ئارىغا نېمە ئېلىنسا، شۇنى كاھىن ئۆزىگە ئالاتتى. ئۇلار شىلوھقا كەلگەن ھەممە ئىسرائىللارغا شۇنداق قىلاتتى. ‏15 ھەتتا ياغ كۆيدۈرۈلمەستە كاھىننىڭ خىزمەتكارى كېلىپ، قۇربانلىق قىلىۋاتقان ئادەمگە: «كاھىنغا كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن گۆش بەرگىن، چۈنكى ئۇ سەندىن پىشقان گۆشنى ئەمەس، بەلكى خام گۆشنى قوبۇل قىلىدۇ» دەيتتى. ‏16 ئەگەر بىرى ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال ياغنى كۆيدۈرمەك لازىمدۇر. ئاندىن نېمىنى خالىساڭ ئالغىن» دېسە، ئۇ: «ياق، دەرھال بەر. بولمىسا زورلاپ ئالىمەن» دەيتتى. ‏17 بۇ يىگىتلەرنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىقىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدى.
 
‏18 شۇ مەزگىللەردە، سامۇئەل پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ كەندىردىن توقۇلغان ئېفودنى كىيەتتى.    ‏19 ئۇنىڭ ئانىسى ھەر يىلى ئۇنىڭغا بىر كىچىك تون تىكىپ، يىللىق سويۇم قۇربانلىقنى سۇنۇش ئۈچۈن ئېرى بىلەن چىققاندا ئۇنىڭغا ئالغاچ كېلەتتى. ‏20 ئەلى بولسا ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا خەيرلىك دۇئا قىلىپ: «پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا، پەرۋەردىگار ساڭا بۇ ئايالدىن يەنە ئۇرۇق-ئەۋلاد بەرگەي» دەيتتى. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئۆز ئۆيىگە قايتاتتى. ‏21 پەرۋەردىگار ھاننانى ياد ئېتىپ شاپائەت قىلغاچقا، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، يەنە ئۈچ ئوغۇل ۋە ئىككى قىز تۇغدى. كىچىك سامۇئەل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆسۈۋاتاتتى.
‏22 ئەلى قېرىپ قالغانىدى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە قىلمىشلىرىنى ۋە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن ياتقىنىنى ئاڭلاپ،    ‏23 ئۇلارغا: «سىلەر نېمىشقا بۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ پۈتۈن خەلقتىن سىلەرنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. ‏24 ياق، ئەي ئوغۇللىرىم! مېنىڭ ئاڭلىغىنىم ياخشى خەۋەر ئەمەس. سىلەر بۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئازدۇرىسىلەر. ‏25 ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە قارشى گۇناھ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. لېكىن بىر ئادەم پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلسا، كىم ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىدۇ؟» دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغانىدى. ‏26 بالا سامۇئەل چوڭ بولۇۋاتاتتى، شۇنداقلا ئۇ پەرۋەردىگار ۋە ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات قازىنىۋاتاتتى.
 
ئەلىگە يەتكۈزۈلگەن بېشارەت
‏27 خۇدانىڭ بىر ئادىمى ئەلىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاتاڭنىڭ جەمەتى مىسىردا فىرئەۋننىڭكىدە تۇرغاندا ئۆزۈمنى ئۇلارغا ئايان قىلمىدىممۇ؟
‏28 مەن ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئىچىدىن ئۆزۈمگە كاھىن بولۇشقا، ئۆز قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلىشقا، خۇشبۇي ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا ئېفودنى كىيىپ خىزمەت قىلىشقا تاللىمىغانمىدىم؟ ئاتاڭنىڭ جەمەتىگە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغان ھەممە قۇربانلىقلىرىنى بەرمىگەنمىدىم؟ ‏29 شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا مەن ئۆز ماكانىمدا سۇنۇشقا بۇيرۇغان سويۇم قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ نېمىشقا بەنى ئىسرائىل كەلتۈرگەن ھەدىيەلەرنىڭ ئەۋزىلىدىن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭنى مەندىن بەكرەك ئەزىزلەيسەن؟› ‏30 ئەمدى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سېنىڭ جەمەتىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتى مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ خىزمەت قىلسۇن دەپ ئېيتقانىدىم›. لېكىن پەرۋەردىگار ئەمدى شۇنى ئېيتىدۇكى: ‹ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ماڭا ھۆرمەت قىلغانلارغا مەن ئىززەت قىلىمەن، لېكىن مېنى مەنسىتمىگەنلەر كۆزگە ئىلىنمايدۇ. ‏31 بىلىپ قالغىنكى، مەن سېنىڭ كۈچۈڭنى ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىنىڭ كۈچىنى سۇندۇرىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ جەمەتىڭدە بىرمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم بولمايدۇ.    ‏32 ئىسرائىلغا بەرىكەت ئاتا قىلىنغان بولسىمۇ، سەن ماكانىمدا بىر ئازاب كۆرىسەن ۋە سېنىڭ جەمەتىڭدە ئەبەدكىچە بىرمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم بولمايدۇ. ‏33 ناۋادا، مەن قۇربانلىق سۇپامدىن كېسىپ ئاتمىغان ئادىمىڭ بولسا، ئۇ سېنىڭ كۆزلىرىڭنىڭ خىرەلىشىشىگە ۋە جېنىڭنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆز ئۇرۇق-پۇشتۇڭدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسى ھاياتىنىڭ گۈلدەك ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.
‏34 ئىككى ئوغلۇڭ خوفنى بىلەن پىنىخاسنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ۋەقە ساڭا بىر ئالامەت بولىدۇ: ئۇلار ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ. ‏35 ئەمما مەن ئۆزۈمگە كۆڭلۈم ۋە ئىرادەم بويىچە ئىش قىلىدىغان ئىشەنچلىك بىر كاھىننى تىكلەيمەن. مەن ئۇنىڭغا مەزمۇت تۇرىدىغان بىر جەمەت قۇرىمەن. ئۇ ھەمىشە مېنىڭ تاللاپ مەسىھلىگىنىمنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىدۇ. ‏36 شۇنداق بولىدۇكى، سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردىن ھايات قالغانلارنىڭ ھەربىرى كېلىپ، بىر كۈمۈش تەڭگە ۋە بىر لوقما نان ئۈچۈن ئۇنىڭغا تازىم قىلىپ: «مېنى كاھىنلىقنىڭ بىرەر خىزمىتىگە قويساڭ، يېگىلى بىر چىشلەم نان تاپسام» دەپ ئۆتۈنۈپ سورايدىغان بولىدۇ›».