پەرۋەردىگار سامۇئەلنى چاقىرىدۇ
3
1 بالا سامۇئەل ئەلىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى نادىر ئىدى ۋە ۋەھىيلەرمۇ كەمدىن-كەم كېلەتتى. 2 بىر كۈنى، كۆزلىرى كۆرەلمىگۈدەك ئاجىزلاشقان ئەلى ئورنىدا يېتىۋاتاتتى. 3 خۇدانىڭ چىرىغى تېخى ئۆچمىگەنىدى. سامۇئەل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يېتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ شۇ يەردە ئىدى. 4 شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سامۇئەلنى چاقىردى. «مانا مەن» دېدى سامۇئەل. 5 ئۇ ئەلىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: «مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ» دېدى. لېكىن ئەلى: «مەن سېنى چاقىرمىدىم. قايتىپ بېرىپ ياتقىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ بېرىپ ياتتى.
6 پەرۋەردىگار سامۇئەلنى يەنە چاقىردى. سامۇئەل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ» دېدى. لېكىن ئەلى: «مەن چاقىرمىدىم، ئەي ئوغلۇم، يەنە بېرىپ ياتقىن» دېدى. 7 سامۇئەل تېخى پەرۋەردىگارنى تونۇمىغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىمۇ ئۇنىڭغا تېخى ئايان قىلىنمىغانىدى.
8 لېكىن پەرۋەردىگار يەنە ئۈچىنچى قېتىم سامۇئەلنى چاقىردى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «مانا مەن، مېنى چاقىردىڭ ئەمەسمۇ؟» دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئەلى بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقىنىنى چۈشەندى. 9 ئەلى سامۇئەلگە: «بېرىپ ياتقىن. ئەگەر ئۇ سېنى يەنە چاقىرسا: ‹ئەي پەرۋەردىگار، سۆزلىگىن. قۇلۇڭ ئانگلايدۇ› دېگىن» دېدى. سامۇئەل بېرىپ ئورنىدا ياتتى.
10 پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ، ئىلگىرىكىدەك: «ئەي سامۇئەل، ئەي سامۇئەل» دەپ چاقىردى. سامۇئەل: «سۆزلىگىن، قۇلۇڭ ئانگلايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. 11 پەرۋەردىگار سامۇئەلگە مۇنداق دېدى: «مانا، مەن ئىسرائىلدا شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ھەر ئاڭلىغاننىڭ ئىككى قۇلىقى زىڭىلداپ كەتكۈسى. 12 ئۇ كۈنى ئەلىگە قارشى، ئۇنىڭ ئائىلسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى باشتىن ئاخىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. 13 مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ جەمەتى ئۈستىدىن مەڭگۈلۈك ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىمنى جاكارلىغان ئىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قىلىپ ئۆزلىرىگە لەنەت كەلتۈردى ۋە ئۇ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىدى. ■ 14 شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلىنىڭ ئۆيى توغرىسىدا قەسەم قىلدىمكى، ئەلى جەمەتىنىڭ گۇناھى ئەبەدكىچە قۇربانلىق ياكى ھەدىيە بىلەنمۇ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ».
15 سامۇئەل سەھەرگىچە يېتىپ، ئاندىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ بەيتىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئەمما سامۇئەل بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. 16 لېكىن ئەلى سامۇئەلنى چاقىرىپ: «ئەي سامۇئەل ئوغلۇم» دېدى. «مانا، مەن» دەپ جاۋاب بەردى سامۇئەل. 17 ئەلى: «پەرۋەردىگار ساڭا نېمە سۆز ئېيتتى؟ سەندىن ئۆتۈنەيكى، ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغىن. ئەگەر ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقانلىرىدىن بىر سۆزىنى مەندىن يوشۇرساڭ، خۇدا سېنى قوشلاپ جازالىغاي!» دېدى. 18 شۇنىڭ بىلەن سامۇئەل ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى يوشۇرماي ھەممىنى ئېيتىپ بەردى. ئەلى بولسا: «ئۇ پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ قانداق قىلىشنى ياخشى دەپ قارىسا، شۇنداق قىلسۇن» دېدى.
19 سامۇئەل ئۆسۈپ چوڭ بولدى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇنىڭ بېشارەتلىك سۆزلىرىنىڭ ھېچبىرىنىڭ يەردە قېلىشىغا يول قويمىدى. 20 شۇنىڭ بىلەن داندىن تارتىپ بەئەرشېباغىچە پۈتۈن ئىسرائىل، سامۇئەلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تىكلىگەن بىر پەيغەمبىرى بولغىنىنى بىلدى. 21 شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ پەرۋەردىگار شىلوھتا ئۆزىنى ئايان قىلىپ تۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگار شىلوھتا ئۆز سۆزى بىلەن ئۆزىنى سامۇئەلگە ئايان قىلاتتى. سامۇئەل بولسا ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتۈن ئىسرائىلغا يەتكۈزدى.