فىلىستىنلەرنىڭ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېتىشى
4
‏1 ئۇ چاغلاردا ئىسرائىللار فىلىستىنلەر بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقتى ۋە ئەبەن-ئېزەرنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇردى. فىلىستىنلەر بولسا ئافېق دېگەن جايدا بارگاھ قۇردى. ‏2 فىلىستىنلەر ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشقىلى سەپ تۈزۈپ تۇردى. جەڭ كېڭەيگەندە، ئىسرائىل فىلىستىنلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولدى. ئۇلار جەڭ مەيدانىدا ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىدىن تۆت مىڭچە ئادەمنى ئۆلتۈردى. ‏3 خەلق بارگاھقا قايتىپ كەلگەندە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنى فىلىستىنلەر ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى؟ شىلوھتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قېشىمىزغا ئېلىپ كېلەيلى. ئۇ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى. ‏4 شۇنىڭ بىلەن خەلق شىلوھقا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى.    ‏5 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا كەلتۈرۈلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يەرنى تەۋرەتكۈدەك قاتتىق چۇقان سالدى.
‏6 فىلىستىنلەر چۇقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ: «ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدىن ئاڭلانغان بۇ كۈچلۈك چۇقان ئاۋازى نېمە ئىشتۇ؟» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا كەلتۈرۈلگىنىنى بىلىپ قالدى. ‏7 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىنلەر: «ئىلاھلار بارگاھقا كەپتۇ» دەپ قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار: «ۋاي ھالىمىزغا! مۇنداق ئىش بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ بولۇپ باقمىغانىدۇق. ‏8 ۋاي بىزگە! بىزنى بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلاردىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟ چۆل-باياۋاندا مىسىرلىقلارنى خىلمۇخىل بالايىئاپەتلەر بىلەن ئۇرغان ئىلاھلار شۇ ئەمەسمۇ؟ ‏9 ئەي فىلىستىنلەر، كۈچلۈك بولۇپ ئەركەكتەك تۇرۇڭلار. ئىبرانىيلار بىزگە قۇل بولغاندەك، بىز ئۇلارغا قۇل بولمايلى. ئەركەك بولايلى ۋە جەڭ قىلايلى» دېيىشتى. ‏10 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىنلەر ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىسرائىلنى مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىللار ئۆز چېدىرىغا قېچىپ كەتتى. جەڭدە شۇنچىلىك قاتتىق قىرغىنچىلىق بولدىكى، ئىسرائىلدىن ئوتتۇز مىڭ پىيادە ئەسكەر ئۆلتۈرۈلدى. ‏11 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ ئېلىپ كېتىلدى ۋە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.
‏12 شۇ كۈنى بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ، يۈگۈرگەن پېتى شىلوھقا يېتىپ باردى. ئۇنىڭ كىيىمى يىرتىلغان، بېشىنى توپا-چاڭ قاپلىغان ئىدى. ‏13 ئۇ يېتىپ بارغاندا، ئەلى يولنىڭ چېتىدىكى بىر ئورۇندۇقتا تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئولتۇراتتى. چۈنكى خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان ئىدى. ئۇ كىشى شەھەرگە كىرىپ خەۋەر بەرگەندە، پۈتۈن شەھەردە پەرياد كۆتۈرۈلدى. ‏14 ئەلى پەرياد ئاۋازىنى ئاڭلاپ: «بۇ نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىكەن؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى ئالدىراپ كېلىپ، ئەلىگە خەۋەر بەردى. ‏15 ئەلى ئۇ چاغدا توقسان سەككىز ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ قالغان بولۇپ، كۆرەلمەيتتى.
‏16 ئۇ كىشى ئەلىگە: «مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلگەن كىشىمەن. مەن بۈگۈن جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كەلدىم» دېدى. ئەلى: «ئەي ئوغلۇم، نېمە ئىش يۈز بەردى؟» دەپ سورىدى. ‏17 خەۋەرچى جاۋاب بېرىپ: «ئىسرائىل فىلىستىنلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى، شۇنداقلا خەلقتىنمۇ كۆپ كىشىلەر ئۆلتۈرۈلدى. سېنىڭ ئىككى ئوغلۇڭ خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ ئولجىغا چۈشۈپ كەتتى» دېدى. ‏18 ئۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا ئەلى دەرۋازىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئورۇندۇقتىن كەينىگە يىقىلىپ، بوينى سۇنۇپ ئۆلدى، چۈنكى ئۇ قېرىپ، ئېغىرلىشىپ قالغان ئادەم ئىدى. ئۇ قىرىق يىل ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلغانىدى. ‏19 ئۇنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، ئاي-كۈنى توشۇشقا ئاز قالغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا ئېلىنغانلىق ۋە قېيناتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، قاتتىق تولغاق تۇتۇپ، پۈكۈلۈپ بالىنى تۇغدى. ‏20 ئۇ ئۆلەي دەپ قالغاندا چۆرىسىدە تۇرغان ئاياللار: «قورقمىغىن! بىر ئوغۇل تۇغدۇڭ» دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بەرمىدى، كۆڭۈلمۇ بۆلمىدى. ‏21 خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئولجا ئېلىنىپ كەتكەنلىكى، شۇنداقلا قېيناتىسى ۋە ئېرى سەۋەبلىك ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى» دەپ بالىغا ئىكابود دەپ ئىسىم قويدى.    ‏22 ئۇ يەنە: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئېلىپ كېتىلىشى بىلەن شان-شەرەپ ئىسرائىلدىن كەتتى» دېدى.