خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدا
5
‏1 فىلىستىنلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەبەن-ئېزەردىن ئاشدودقا ئېلىپ باردى. ‏2 ئاندىن فىلىستىنلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داگون بۇتخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، داگون ھەيكىلىنىڭ يېنىغا قويدى. ‏3 ئەتىسى ئاشدودلىقلار سەھەر تۇرغىنىدا، شۇنى كۆردىكى، داگون بۇتى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يۈزىچىلاپ يەرگە دۈم چۈشكەن ھالدا ياتاتتى. ئۇلار داگون بۇتىنى ئېلىپ، ئۆز ئورنىغا يەنە تۇرغۇزۇپ قويدى. ‏4 لېكىن ئۇلار ئەتىسى يەنە سەھەر تۇرۇپ كەلگىنىدە، كۆردىكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا داگون بۇتى يەنە يۈزىچىلاپ يەرگە دۈم چۈشكەن ھالدا ياتاتتى ۋە داگوننىڭ بېشى بىلەن قوللىرى چېقىلىپ ئاجراپ بوسۇغىدا چېچىلىپ ياتاتتى. ئۇنىڭ پەقەتلا گەۋدىسى ساق قالغانىدى. ‏5 شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈنگىچە، داگوننىڭ كاھىنلىرى ۋە داگوننىڭ بۇتخانىسىغا كەلگەنلەر ئاشدودتىكى داگوننىڭ بوسۇغىسىغا دەسسىمەيدۇ.
‏6 پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاشدودلىقلارنىڭ ئۈستىگە ئېغىر بېسىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشدود بىلەن ئەتراپىدىكى جايلاردا تۇرغانلارنى ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇردى. ‏7 ئاشدودلىقلار بۇنى كۆرگەندە: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزنىڭكىدە قالمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ قولى بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق باسماقتا» دېيىشتى. ‏8 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ، فىلىستىنلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلايلى؟» دېيىشتى. ئۇلار: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى گاتقا يۆتكەلسۇن» دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شۇ يەرگە يۆتكىدى.
‏9 ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇ شەھەرگە قارشى بولۇپ، ئۇ يەردە ناھايىتى ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە شەھەرنىڭ پۈتۈن ئاھالىسىنى ئۇردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھۈررەك كېسىلى پەيدا بولدى. ‏10 شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرونغا ئەۋەتتى. لېكىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئەقرونغا كەلگەندە ئەقرونلۇقلار: «ئۇلار بىزنى ۋە پۈتۈن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بىزگە ئېلىپ كەلدى!» دەپ پەرياد قىلدى. ‏11 ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ، فىلىستىنلەرنىڭ پۈتۈن بەگلىرىنى چاقىرتىپ، جەم قىلىپ: «بىز ۋە خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئېلىپ، ئۆز جايىغا ئەۋەتىڭلار» دېدى. چۈنكى خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن ئېغىر باسقاچقا، شەھەرنى ئۆلۈم ۋەھىمىسى قاپلىغانىدى. ‏12 ئۆلمەي قالغانلار ھۈررەك كېسىلى بىلەن ئۇرۇلدى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يىغا-زارى ئاسمان-پەلەككە كۆتۈرۈلدى.