فىلىستىنلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئىسرائىلغا قايتۇرىدۇ
6
1 پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىنلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن، 2 فىلىستىنلەر كاھىنلار بىلەن پالچىلارنى چاقىرىپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداك قىلايلى، قانداق قىلىپ ئۇنى ئۆز جايىغا قايتۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىزگە بىلدۈرۈڭلار» دېدى. 3 ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «ئەگەر ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەرسەڭلار، قۇرۇق قايتۇرماڭلار، بەلكى ئۇنىڭغا بىر ئەيىب قۇربانلىقى قوشۇپ بېرىشىڭلار زۆرۈردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، شىپا تاپىسىلەر. ئۇنىڭ قولى نېمە سەۋەبتىن سىلەردىن كۆتۈرۈلمىگەنلىكى سىلەرگە مەلۇم بولىدۇ» دېدى. 4 فىلىستىنلەر: «بىز نېمىنى ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېرىمىز؟» دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرىنىڭ سانى بويىچە ئالتۇندىن بەش ھۈررەك ۋە يەنە ئالتۇندىن بەش چاشقان ياساپ بېرىڭلار. چۈنكى ھەممىڭلارغا ۋە شۇنداقلا بەگلىرىڭلارغا تەگكەن ۋابا بىردۇر. 5 ھۈررەكلەرنىڭ سۈرىتىدە ۋە زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلىدىغان چاشقانلارنىڭ سۈرىتىدە شەكىللەرنى ياساپ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسىغا ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ بىلەن بەلكىم ئۇ ئېغىر قولىنى سىلەردىن، ئىلاھلىرىڭلاردىن ۋە زېمىنىڭلاردىن يېنىكلىتىشى مۇمكىن. 6 نېمە ئۈچۈن سىلەر كۆڭۈللىرىڭلارنى قاتتىق قىلىسىلەر، خۇددى مىسىرلىقلار ۋە فىرئەۋن كۆڭۈللىرىنى قاتتىق قىلغاندەك؟ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇلار بەنى ئىسرائىلنى قويۇپ بەرگەن، ئاندىن ئۇلار چىقىپ كەتكەن ئەمەسمۇ؟ 7 ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا تەييارلاپ، تېخى بويۇنتۇرۇققا كۆندۈرۈلمىگەن موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇڭلار. ئەمما موزايلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىپ، ئۆيگە قايتۇرۇڭلار. 8 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، ھارۋىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنىدىغان ئالتۇن بۇيۇملارنى بىر ساندۇققا سېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قويۇڭلار، ئاندىن ئۇنى شۇ پېتى öز يولىغا سېلىڭلار. 9 ئاندىن قاراپ بېقىڭلار. ئەگەر ساندۇق ئۆز زېمىنىدىكى بەيت-شەمەشنىڭ يولى بىلەن ماڭسا، بىزگە بۇ ئېغىر بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۆزى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بولمىسا دەمەككى، بىزنى ئۇرغان ئۇنىڭ قولى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئۇچرىغان بىر تاسادىپىيلىق بولىدۇ خالاس». 10 شۇنىڭ بىلەن فىلىستىنلەر شۇنداق قىلىشتى. ئۇلار موزايلىق ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قوشۇپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى. 11 ئاندىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا سېلىپ، ئالتۇن چاشقانلار ۋە ھۈررەكلەر سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇشتى. 12 ئىنەكلەر ئۇدۇل بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مۆرىگەن ھالدا يا ئوڭ تەرەپكە، يا سول تەرەپكە بۇرۇلماي چوڭ يول بىلەن ماڭدى. فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بەيت-شەمەش چېگرىسىغىچە باردى.
13 بەيت-شەمەش ئاھالىسى ۋادىدا بۇغداي ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ خۇش بولۇشۇپ كەتتى. 14 ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر چوڭ تاشنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. ئۇلار ھارۋىنىڭ ياغىچىنى كېسىپ، ئىككى ئىنەكنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 15 لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن بۇيۇملار قويۇلغان ساندۇقنى چۈشۈرۈپ، چوڭ تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇ كۈنى بەيت-شەمەشلىكلەر پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە سويۇم قۇربانلىقلار كەلتۈردى.
16 فىلىستىنلەرنىڭ بەش بېگى بۇنى كۆرۈپ، شۇ كۈنى ئەقرونغا قايتىپ كەتتى.
17 فىلىستىنلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بەرگەن ئالتۇن ھۈررەكلەر بولسا بىرى ئاشدود ئۈچۈن، بىرى گازا ئۈچۈن، بىرى ئاشقېلون ئۈچۈن، بىرى گات ئۈچۈن ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى. 18 ئالتۇن چاشقانلار بولسا فىلىستىنلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە زېمىندىكى ھەممە شەھەرنىڭ سانى بويىچە ئىدى. بۇ زېمىن سېپىللىق شەھەرلەر ۋە دالادىكى كەنتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چوڭ تاشقىچە يېتىپ باراتتى. ئۇ تاش بۈگۈنكى كۈنگىچە بەيت-شەمەشلىك يەشۇئانىڭ ئېتىزلىقىدا تۇرۇپتۇ.
19 ئەمما بەيت-شەمەشلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىغىنى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار خەلقنى مۇنداق قاتتىق ئۇرغانلىقى سەۋەبلىك خەلق ماتەم تۇتتى. ■ 20 بەيت-شەمەشلىكلەر: «بۇ مۇقەددەس پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا كىم تۇرالايدۇ؟ ئەمدى ئەھدە ساندۇقى بىزدىن كېتىپ كىمگە بارىدۇ؟» دېدى. 21 ئاندىن ئۇلار قىريات-يېئارىمدىكىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «فىلىستىنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئۆزۈڭلارنىڭكىگە ئېلىپ كېتىڭلار» دېدى.