فىلىستىنلەر مىسپاھتا مەغلۇپ قىلىنىدۇ
7
1 قىريات-يېئارىمنىڭ ئادەملىرى كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېتىپ، ئابىنادابنىڭ تۆپىلىكتىكى ئۆيىگە قويۇپ قويدى. ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ ئوغلى ئەلىئازارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پاكلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراشقا تەيىنلىدى. 2 ئەھدە ساندۇقى قىريات-يېئارىمدا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇزۇن ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا ھەسرەت چېكىپ ئاھ ئۇراتتى. 3 سامۇئەل پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر چىن دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ تەرىپىگە قايتىپ، غەيرىي ئىلاھلار ۋە ئاشتاروت دېگەن بۇتلارنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ، كۆڭۈللىرىڭلارنى پەرۋەردىگارغا باغلاپ، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ». 4 شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل بائال ۋە ئاشتاروت دېگەن بۇتلارنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلىشنى باشلىدى. 5 سامۇئەل: «پۈتۈن ئىسرائىلنى مىسپاھقا يىغىڭلار، ئاندىن مەن سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي» دېدى. 6 ئۇلار مىسپاھتا يىغىلىپ، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تۆكتى. ئۇ كۈنى ئۇلار روزا تۇتۇپ: «بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق» دېيىشتى. سامۇئەل بولسا مىسپاھتا بەنى ئىسرائىلنىڭ دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. 7 فىلىستىنلەر بەنى ئىسرائىلنىڭ مىسپاھتا جەم بولغىنىنى ئاڭلىغاندا، فىلىستىنلەرنىڭ بەگلىرى ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. بەنى ئىسرائىل بۇنى ئاڭلىغاندا فىلىستىنلەردىن قورقۇپ كەتتى. 8 بەنى ئىسرائىل سامۇئەلگە: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ بىزنى فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەرياد قىلىشنى توختاتمىغىن» دېدى. 9 سامۇئەل بىر ئېمىدىغان قوزىنى ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ پۈتۈن قۇربانلىق قىلدى. ئاندىن سامۇئەل ئىسرائىل ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى، ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلىدى.
10 سامۇئەل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا، فىلىستىنلەر ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلغىلى يېقىنلىشىپ كەلدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇ كۈنى فىلىستىنلەرنىڭ ئۈستىدە بىر قاتتىق گۈلدۈرماما بىلەن گۈلدۈرلەپ، ئۇلارنى شۇنداق پەرىشان قىلدىكى، ئۇلار بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولدى. 11 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى مىسپاھتىن چىقىپ، فىلىسىنىيلەرنى بەيت-كارنىڭ تۆۋىنىگىچە قوغلاپ، قىر-چاپ قىلدى.
12 شۇ چاغدا سامۇئەل بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى مىسپاھ بىلەن شەننىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەپ، «ھازىرغىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم بېرىپ كەلدى» دەپ ئۇنى ئەبەن-ئېزەر دەپ ئاتىدى. ■ 13 مەغلۇپ قىلىنغان فىلىستىنلەر ئىسرائىلنىڭ زېمىنىغا قايتا كىرمىدى. سامۇئەل ھايات كۈنلەردە پەرۋەردىگارنىڭ قولى فىلىستىنلەرگە قارشى ئىدى. 14 ئەقروندىن تارتىپ گاتقىچە فىلىستىنلەر ئىسرائىلدىن ئېلىۋالغان شەھەرلەر ئىسرائىلغا قايتۇرۇلدى. بۇلارغا تەۋە يەرلەرنىمۇ ئىسرائىل فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىل بىلەن ئامورىيلارنىڭ ئارىسىدا تىنچلىق بار ئىدى.
15 سامۇئەل پۈتۈن ئۆمرىدە ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلدى. 16 ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال ۋە مىسپاھنى ئايلىنىپ، بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىراتتى. 17 ئاندىن ئۇ راماغا قايتىپ باراتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيى شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلاتتى. ئۇ يەردىمۇ ئۇ پەرۋەردىگارغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانىدى.