ئىسرائىل خەلقى ئۆزلىرىگە بىر پادىشاھ ئارزۇلايدۇ
8
1 ئەمما سامۇئەل قېرىغاندا، ئىسرائىل ئۈستىگە ئۆز ئوغۇللىرىنى ھاكىم قىلىپ قويدى. 2 ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوئەل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى. ئۇلار بەئەرشېبادا ھاكىملىق قىلاتتى. 3 لېكىن ئوغۇللىرى ئۇنىڭ يولىدا ماڭماي، بەلكى ناھەق پايدىنى ئىزدەپ، پارا يەپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلاتتى. 4 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى جەم بولۇپ، راماغا سامۇئەلنىڭ قېشىغا كەلدى. 5 ئۇلار ئۇنىڭغا: «مانا، سەن قېرىپ قالدىڭ. ئوغۇللىرىڭ بولسا سېنىڭ يوللىرىڭدا ماڭمايدۇ. باشقا بارلىق ئەللەردە بولغاندەك، ئەمدى بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلىگىن» دېدى. 6 لېكىن ئۇلارنىڭ: «بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرگىن» دېگىنى سامۇئەلنىڭ كۆڭلىگە ياقمىدى. سامۇئەل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغاندا، 7 پەرۋەردىگار سامۇئەلگە مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ ساڭا ئېيتقىنىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سالغىن، چۈنكى ئۇلار سېنى رەت قىلمىدى، بەلكى مېنىڭ ئۇلارغا پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىماي، مېنى رەت قىلدى. 8 مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇلار شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار مېنى تاشلاپ باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلدى. ئەمدى ساڭىمۇ شۇنداق قىلدى. 9 شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئۇنىغىن. لېكىن ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنىڭ باشقۇرۇشى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن».
10 سامۇئەل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى سورىغان خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەردى: 11 «ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنىڭ تۈزۈمى مۇنداق بولىدۇ: ئۇ ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا تۇتۇۋېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە سالىدۇ. 12 بەزىلىرىنى مىڭبېشى ۋە ئەللىكبېشى قىلىپ قويىدۇ، بەزىلىرىنى يېرىنى ھەيدەپ ھوسۇلىنى ئورۇشقا ۋە قورال-ياراق، شۇنداقلا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا سالىدۇ. 13 قىزلىرىڭلارنى ئەتىرچى، ئاشپەز ۋە ناۋاي قىلىپ قويىدۇ. 14 ياخشى زېمىنلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇقلىرىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىغا بېرىدۇ. 15 ئېتىزلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىڭلارنىڭ ھوسۇلىدىن ئوندىن بىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرىغا بېرىدۇ. 16 خىزمەتكارلىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، ئەڭ ياخشى يىگىتلىرىڭلارنى ۋە ئېشەكلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. 17 قويلىرىڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئالىدۇ. ئۆزۈڭلارمۇ ئۇنىڭغا قۇل بولىسىلەر. 18 ئۇ كۈندە سىلەر ئۆزۈڭلار تاللىغان پادىشاھنىڭ دەستىدىن ئاھ-پەرياد قىلىسىلەر، لېكىن ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ». 19 لېكىن خەلق سامۇئەلنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي: «ياق، قانداقلا بولمىسۇن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ بولسۇن. 20 بىز باشقا ئەللەرگە ئوخشاش ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، جەڭلىرىمىزدە بىزنى باشلاپ جەڭ قىلىدىغان پادىشاھنى خالايمىز» دېدى. 21 سامۇئەل خەلقنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. 22 پەرۋەردىگار سامۇئەلگە: «سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھنى تەيىنلەپ بەرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئەل ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىگە: «ھەربىرىڭلار ئۆز شەھىرىڭلارغا قايتىڭلار» دېدى.