سائۇل سامۇئەل بىلەن ئۇچرىشىدۇ
9
1 بەنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئابىئەلنىڭ ئوغلى ئىدى. ئابىئەل زېرورنىڭ ئوغلى، زېرور بېكوراتنىڭ ئوغلى، بېكورات ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ ئۆزى بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولۇپ، سالاپەتلىك دۆلەتمەن كىشى ئىدى. 2 ئۇنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى. بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭدىن چىرايلىق كىشى يوق ئىدى. ئۇنىڭ بويى ھەممە ئادەمدىن بىر باش ئېگىز ئىدى. 3 سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ ئېشەكلىرى يوقاپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن كىش ئوغلى سائۇلغا: «سەن خىزمەتكارلاردىن بىرىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ تاپقىن» دېدى. 4 ئۇلار بېرىپ، ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، شالىشانىڭ زېمىنىنى كېزىپ، ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شائالىمنىڭ زېمىنىنىمۇ كەزدى، لېكىن ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن ئۇلار بەنيامىننىڭ زېمىنىنى كېزىپمۇ ئۇلارنى تاپالمىدى. 5 ئۇلار زۇفنىڭ زېمىنىغا يەتكەندە سائۇل ئۆزى بىلەن كەلگەن خىزمەتكارىغا: «بولدى قىلايلى، ئۆيگە قايتايلى. بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەنسىرەشنى قويۇپ، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ» دېدى. 6 لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: «مانا قارا، بۇ شەھەردە خۇدانىڭ بىر ئادىمى بار. ئۇ مۆتىۋەر بىر ئادەم، ئۇ نېمە دېسە شەكسىز شۇنداق بولىدۇ. ھازىر ئۇ يەرگە بارايلى، بەلكى ئۇ بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرەر» دېدى. 7 سائۇل خىزمەتكارىغا: «لېكىن ئۇ يەرگە بارساق، ئۇ كىشىگە نېمە بېرەيلى؟ خۇرجۇنلىرىمىزدا نان قالمىدى. خۇدانىڭ ئادىمىگە بېرىدىغان سوۋغىتىمىز يوق. نېمىمىز باركى بىزنىڭ؟» دېدى. 8 خىزمەتكار سائۇلغا جاۋابەن: «مانا، قولۇمدا چارەك شېكەل كۈمۈش بار. خۇدانىڭ ئادىمىگە بۇنى بېرەي، ئۇ ماڭىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسەتسۇن» دېدى. 9 — بۇرۇنقى زاماندا ئىسرائىلدا بىر ئادەم خۇدادىن بىر نەرسە سورىماقچى بولسا: «يۈرۈڭلار، غەيىبنى كۆرگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى. چۈنكى ھازىر «پەيغەمبەر» ئاتالغان كىشىنى بۇرۇنقى زاماندا «غەيىبنى كۆرگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. — ■ 10 سائۇل خىزمەتكارىغا: «ياخشى مەسلىھەت بولدى. يۈر، ئۇنىڭ قېشىغا بارايلى» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار خۇدانىڭ ئادىمى تۇرغان شەھەرگە باردى. 11 ئۇلار شەھەرگە كىرىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، سۇ تارتقىلى چىققان بىرنەچچە قىزنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: «غەيىبنى كۆرگۈچى مۇشۇ يەردىمۇ؟» دەپ سورىدى. 12 قىزلار جاۋاب بېرىپ: «شۇنداق، مانا، ئۇ ئالدىڭلاردا كېتىۋاتىدۇ. تېز بولۇڭلار، ئۇ شەھەرگە بۈگۈن كەلدى، چۈنكى خەلق بۈگۈن تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھتا قۇربانلىق قىلىدۇ. 13 سىلەر شەھەرگە كىرىپ، ئۇ تاماق يېگىلى تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھقا چىقماستىن بۇرۇن، ئۇنى تېپىڭلار. خەلق ئۇ كەلمىگۈچە غىزا يېمەيدۇ. چۈنكى ئۇ قۇربانلىقنى مۇبارەكلەيدۇ، ئاندىن كېيىن چاقىرىلغانلار تاماق يەيدۇ. ھازىر چىقىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر» دېدى. 14 ئۇلار شەھەرگە چىقىپ، شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، مانا، سامۇئەل تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھقا چىقىش ئۈچۈن ئۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى.
15 سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن ئىلگىرى پەرۋەردىگار سامۇئەلگە: 16 «ئەتە بۇ ۋاقىتتا بەنيامىننىڭ زېمىنىدىن بىر ئادەمنى ساڭا ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنى مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىلغا ئەمىر قىلىپ مەسىھلىگىن. ئۇ مېنىڭ خەلقىمنى فىلىستىنلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. چۈنكى مەن خەلقىمگە نەزىرىمنى سالدىم، ئۇلارنىڭ پەريادى ماڭا يەتتى» دېدى.
17 سامۇئەل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «مانا، مەن ساڭا سۆزىنى قىلغان ئادەم! ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» دېدى. 18 سائۇل دەرۋازىدا تۇرغان سامۇئەلنىڭ يېنىغا بېرىپ: «كەچۈرۈڭ، غەيىبنى كۆرگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردە، ئېيتىپ بېرەمسىز؟» دەپ سورىدى. 19 سامۇئەل سائۇلغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «غەيىبنى كۆرگۈچى مەن بولىمەن. مېنىڭ ئالدىمدا تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھقا چىققىن. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن غىزالىنىسىلەر. ئاندىن ئەتە ساڭا كېتىشكە رۇخسەت بېرەي. مەن كۆڭلۈڭدە ئويلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئىزاھلاپ بېرەي. 20 ئۈچ كۈن ئاۋۋال يوقاپ كەتكەن ئېشەكلەردىن ئەندىشە قىلمىغىن. ئۇلار تېپىلدى. ئەمما پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى كىمگە مايىل؟ سەن ۋە ئاتاڭنىڭ پۈتۈن جەمەتىگە ئەمەسمۇ؟» دېدى. 21 سائۇل: «مەن بەنيامىن قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىنىڭ ئادىمى تۇرسام، جەمەتىم بولسا بەنيامىن قەبىلىسىنىڭ ئەڭ كىچىك جەمەتىدىن تۇرسا، سېن نېمە ئۈچۈن ماڭا مۇنداق گەپلەرنى دەيسەن؟» دەپ جاۋاب قايتۇردى. 22 لېكىن سامۇئەل سائۇلنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىنى مېھمانخانىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى چاقىرىلغان ئوتتۇزچە ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى.
23 ئاندىن سامۇئەل ئاشپەزگە: «مەن ساڭا ساقلاپ قويغىن دەپ بەرگەن پارچىنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. 24 ئاشپەز ئارقا پۇتىنى ئۈستىدىكى قىسىملىرى بىلەن ئېلىپ كېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. سامۇئەل: «مانا، ساقلاپ قويۇلغان پارچە بۇدۇر. ئۇنى ئالدىڭغا ئېلىپ يېگىن، چۈنكى مەن خەلقنى چاقىراي دېگىنىمدىن تارتىپ بۇ ۋاقىتقىچە سەن ئۈچۈن ساقلاندى» دېدى. ئۇ كۈنى سائۇل سامۇئەل بىلەن بىللە غىزالاندى. 25 ئاندىن ئۇلار تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ، شەھەرگە كىردى. سامۇئەل ئۆگزىدە سائۇل بىلەن پاراڭلىشىپ تۇردى.
26 ئەتىسى سەھەر، تاڭ ئاتقاندا سامۇئەل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ: «ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مەن سېنى ئۇزىتىپ قوياي» دېدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئەل بىلەن بىللە چىقىپ كەتتى. 27 ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە يېتىپ بارغىنىدا سامۇئەل سائۇلغا: «خىزمەتكارىڭغا: ‹ئالدىمىزدا كەتكىن› دەپ بۇيرۇغىن» دېدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن، سامۇئەل سائۇلغا: «سەن توختاپ تۇرغىن، خۇدانىڭ ئېيتقىنىنى ساڭا يەتكۈزۈپ قوياي» دېدى.