سامۇئەل سائۇلنى پادىشاھ بولۇشقا مەسىھلەيدۇ
10
1 سامۇئەل بىر ياغ كومزىكىنى ئېلىپ، ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار سېنى ئۆز مىراسىغا ئەمىر بولۇشقا تاللاپ مەسىھلىدى ئەمەسمۇ؟ 2 بۈگۈن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەنيامىن زېمىنىدىكى زەلزاھقا يېتىپ بارغىنىڭدا، راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئىككى كىشىنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلار ساڭا: ‹سەن ئىزدەپ بارغان ئېشەكلەر تېپىلدى. ئەمدى ئاتاڭ ئېشەكلەردىن ئەندىشە قىلماي، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئەنسىرەپ: «ئوغلۇمنى قانداق تاپىمەن؟» دەۋاتىدۇ› دەيدۇ. 3 سەن ئۇ يەردىن ئۇدۇل مېڭىپ تابوردىكى دۇب دەرىخىگە يەتكەندە، خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىش ئۈچۈن بەيتەلگە چىقىدىغان ئۈچ كىشىنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلاردىن بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شاراب كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. 4 ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ، ئىككى نان بېرىدۇ. سەن بولساڭ بەرگىنىنى قوللىرىدىن ئالىسەن. 5 ئاندىن كېيىن فىلىستىنلەرنىڭ بىر لەشكەرگاھى بار بولغان گىبېئا-ئەلوھىمغا يېتىپ بارىسەن. سەن شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھتىن چۈشكەن بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، سۇناي ۋە لىرا كۆتۈرۈپ، پەيغەمبەرلىك قىلىپ، نەغمە ناۋا قىلىدۇ. ■ 6 شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى سېنىڭ ئۈستۈڭگە چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلار بىلەن بىللە پەيغەمبەرلىك قىلىسەن ۋە ئۆزگىرىپ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىسەن. 7 بۇ ئالامەتلەرگە يولۇققىنىڭدە، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىلغىن، چۈنكى خۇدا سەن بىلەن بىللە بولىدۇ. 8 سەن مەندىن ئىلگىرى گىلگالغا چۈشۈپ بارىسەن. مانا، مەنمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېشىڭغا كېلىمەن. مەن كېلىپ نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ساڭا ئېيتىپ بەرگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن». 9 ئۇ سامۇئەلدىن ئايرىلىپ بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا باشقا بىر كۆڭۈل ئاتا قىلدى. بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى يۈز بەردى. 10 ئۇلار گىبېئاغا كەلگەندە، مانا، ئۇنىڭغا بىر توپ پەيغەمبەرلەر ئۇچرىدى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەرلىك قىلىشقا باشلىدى. 11 ئۇنى ئىلگىرى تونۇغانلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەرلىك قىلغىنىنى كۆرگەندە بىر-بىرىگە: «كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بولدى؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى بولدىمۇ نېمە؟» دېيىشتى. 12 ئەمما شۇ يەرلىك بىر ئادەم: «ئۇلارنىڭ ئاتىسى كىم ئىكەن؟» دېدى. بۇنىڭدىن: «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىن بىرىمۇ؟» دېگەن ماقال پەيدا بولدى. 13 ئۇ پەيغەمبەرلىك قىلىپ بولغاندا، تۆپىلىكتىكى سەجدىگاھقا چىقتى. 14 سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىدىن: «قەيەرگە بېرىپ كەلدىڭلار؟» دەپ سورىدى. «ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىقىپ، ئۇلارنى تاپالماي، سامۇئەلنىڭ قېشىغا باردۇق» دېدى سائۇل. 15 سائۇلنىڭ تاغىسى: «سامۇئەلنىڭ سىلەرگە نېمەلەرنى ئېيتقىنىنى ماڭا دەپ بەرگىن» دېدى. 16 سائۇل تاغىسىغا: «‹ئېشەكلەر تېپىلدى› دەپ خەۋەر بەردى» دېدى. لېكىن سامۇئەلنىڭ پادىشاھلىق ئىشى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئۇنىڭغا دېمىدى.
17 ئاندىن سامۇئەل خەلقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەم بولۇڭلار دەپ، مىسپاھقا چاقىردى. 18 ئۇ بەنى ئىسرائىلغا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىسرائىلنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن ۋە شۇنداقلا سىلەرگە زۇلۇم قىلغان ھەممە پادىشاھلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم›. 19 لېكىن ئەمدى ھەممە بالايىئاپەت ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن سىلەرنى قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن› دېدىڭلار. ئەمدى قەبىلە-قەبىلە، جەمەت-جەمەت تىزىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار». ■ 20 شۇنىڭ بىلەن سامۇئەل ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ئالدىغا يىغىپ، چەك تاشلىدى. چەك بەنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. 21 ئاندىن ئۇ بەنيامىن قەبىلىسىنى جەمەتلىرى بويىچە ئالدىغا كەلتۈرۈپ چەك تاشلىغاندا، چەك ماترىنىڭ جەمەتىگە چىقتى. ئاندىن كېيىن چەك كىشنىڭ ئوغلى سائۇلغا چىقتى. لېكىن ئۇلار ئۇنى ئىزدىگەندە، ئۇنى تاپالمىدى. 22 ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن: «ئۇ كىشى بۇ يەرگە كەلمىدىمۇ؟» دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار: «مانا، ئۇ يۈك-تاقلارنıڭ ئارىسىدا يوشۇرۇنۇۋالدى» دېدى. 23 ئۇلار يۈگۈرۈپ ئۇنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندا، ئۇنىڭ بويى ھەممە ئادەمدىن بىر باش ئېگىز ئىدى. 24 سامۇئەل خەلققە: «پەرۋەردىگار تاللىغان كىشىنى مانا كۆردۈڭلار، خەلقنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى: «ياشىسۇن پادىشاھئىمىز!» دەپ چۇقان سېلىشتى.
25 سامۇئەل پادىشاھلىقنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى خەلققە جاكارلاپ، ھەم بىر كىتابقا يېزىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن سامۇئەل خەلقنى ئۆز ئۆيلىرىگە كېتىشكە يولغا سالدى. 26 سائۇلمۇ گىبېئادىكى ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇدادىن كۆڭۈللىرى تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇر كىشىلەرمۇ كەلدى. 27 لېكىن بىرنەچچە يارىماس كىشى: «بۇ كىشى قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالىسۇن» دەپ ئۇنى مەنسىتمەي ئۇنىڭغا ھېچ سوۋغات بەرمىدى. ئەمما ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمىغانغا سالدى.