سائۇل يابەشتىكىلەرنى ئاممونىيلاردىن قۇتقۇزىدۇ
11
‏1 ئاندىن كېيىن ئاممونىيلاردىن بولغان ناخاش كېلىپ گىلېئادتىكى يابەشنى قورشىۋالدى. يابەشنىڭ پۈتۈن ئادەملىرى ناخاشقا: «ئەگەر بىز بىلەن ئەھدە تۈزسەڭ، ساڭا بويسۇنىمىز» دېدى. ‏2 لېكىن ئاممونىيلاردىن بولغان ناخاش ئۇلارغا: «ئۇنداقتا ئۇشبۇ شەرت بىلەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن: پۈتۈن İسراىلنى شەرمەندە قىلىش ئۈچۈن ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇپ چىقىرىمەن» دېدى ‏3 يابەشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: «بىزگە يەتتە كۈن مۆھلەت بەرگەيسەن، بىز ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن زېمىنىغا ئەلچىلەر ئەۋەتەيلى، ئەگەر بىزگە ياردەم بېرىدىغان ئادەم چىقمىسا، ساڭا تەسلىم بولايلى» دېدى.
‏4 ئەلچىلەر سائۇلنىڭ شەھىرى گىبېئاغا كېلىپ، بۇ خەۋەرنى خەلققە يەتكۈزگەندە، پۈتۈن خەلق ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى. ‏5 سائۇل ئېتىزلىقتىن ئۆكۈزلىرىنى ئالدىغا سالغان ھالدا كېلىپ: «خەلققە نېمە بولدى، نېمىشقا يىغلايدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار يابەشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى. ‏6 سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق قوزغالدى. ‏7 ئۇ ئىككى ئۆكۈز سويۇپ پارچىلاپ، پارچىلىرىنى ئەلچىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «كىمكى سائۇل ۋە سامۇئەلنىڭ كەينىدىن ئەگەشمىسە، ئۇنىڭ ئۆكۈزلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ» دەپ ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغا ئەۋەتتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قورقۇنچى خەلقنىڭ ئۈستىگە كەلدى. ئۇلار يىغىلىپ، بىر تەن بولۇپ جەڭگە چىقتى. ‏8 ئۇ ئۇلارنى بېزەكتە سانىغاندا بەنى ئىسرائىل ئۈچ يۈز مىڭ كىشى، يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سانى بولسا ئوتتۇز مىڭ چىقتى. ‏9 ئۇلار كەلگەن ئەلچىلەرگە: «گىلېئادتىكى يابەشنىڭ ئادەملىرىگە مۇنداق دەڭلار: ‹ئەتە كۈن چۈش بولغاندا سىلەرگە ياردەم كېلىدۇ›» دېدى. ئەلچىلەر بېرىپ، بۇ خەۋەرنى يابەشلىكلەرگە يەتكۈزگەندە، ئۇلار خۇشال بولۇپ كېتىشتى. ‏10 شۇنىڭ بىلەن يابەشلىكلەر ئاممونىيلارغا: «ئەتە سىلەرگە كېلىپ تەسلىم بولىمىز، بىزگە نېمە قىلىشنى خالىساڭلار، شۇنى قىلىڭلار» دېدى.
‏11 ئەتىسى سائۇل خەلقنى ئۈچ بۆلەك قىلدى ۋە ئۇلار تاڭ ئاتقاندا بارگاھقا كىرىپ، ئاممونىيلارنى كۈن چۈش بولغۇچە قىرىپ تاشلىدى. ھايات قالغانلار شۇنداق پاراكەندە بولدىكى، ئىككىسى بىر يەرگە كېلەلمەي قېچىشتى.
‏12 خەلق سامۇئەلگە: «‹سائۇل بىزگە پادىشاھ بولمىسۇن› دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇ كىشىلەرنى كەلتۈرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيلى» دېدى. ‏13 لېكىن سائۇل: «بۈگۈن ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمىسۇن، چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا نۇسرەت بەردى» دېدى.
‏14 سامۇئەل خەلققە: «يۈرۈڭلار، گىلگالغا بېرىپ، ئۇ يەردە پادىشاھلىقنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى» دېدى. ‏15 شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق گىلگالغا بېرىپ، گىلگالدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سائۇلنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلىشتى. سائۇل بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل شادلىققا چۆمدى.