سامۇئەلنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە سۆزلىگەن خەيرلىشىش نۇتقى
12
‏1 سامۇئەل پۈتكۈل ئىسرائىلغا مۇنداق دېدى: «مانا، مەن سىلەرنىڭ ئېيتقىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ قۇلاق سېلىپ، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم. ‏2 بىلىڭلاركى، ئەمدى پادىشاھ سىلەرنى باشلاپ ماڭىدۇ. مەن بولسام، چاچلىرىم ئاقىرىپ قېرىپ قالدىم. ئوغۇللىرىممۇ ئاراڭلاردا. بالىلىقىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە سىلەرگە باشلامچى بولدۇم. ‏3 مانا بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋە ئۇنىڭ تاللاپ مەسىھلىگەن ئادىمى ئالدىدا ماڭا گۇۋاھلىق بېرىڭلار: كىمنىڭ كالىسىنى ئالدىم؟ كىمنىڭ ئېشىكىنى ئالدىم؟ كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم؟ كىمگە زۇلۇم قىلدىم؟ كۆزۈمنى يۇمۇش ئۈچۈن كىمدىن پارا ئالدىم؟ ئەگەر بولسا، مەن تۆلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن». ‏4 ئۇلار سامۇئەلگە: «سەن بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىدىڭ، ھېچكىمگىمۇ زۇلۇم قىلمىدىڭ ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسە ئالمىدىڭ» دېدى. ‏5 سامۇئەل ئۇلارغا: «مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا بۈگۈن پەرۋەردىگار ھەم ئۇنىڭ تاللاپ مەسىھلىگەن ئادىمى گۇۋاھ بولسۇن» دېدى. ئۇلار: «ئۇ گۇۋاھتۇر!» دېدى.
‏6 سامۇئەل خەلققە يەنە مۇنداق دېدى: «مۇسا ۋە ھارۇننى تىكلەپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر. ‏7 ئەمدى جايىڭلاردا جىم تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قىلغان ھەققانىي ئەمەللىرى توغرىسىدا سىلەرگە سۆزلەي. ‏8 ياقۇب مىسىرغا كەلگەندە، ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇردى. ‏9 ئەمما ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇغاندا، ئۇ ئۇلارنى خازورنىڭ سەردارى سىسېرانىڭ قولىغا، فىلىستىنلەرنىڭ قولىغا ۋە موئابنىڭ پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. بۇلار ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشتى. ‏10 لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىپ: ‹بىز گۇناھ قىلدۇق، پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشتاروت دېگەن بۇتلارغا ئىبادەت قىلدۇق. ئەمما ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن. بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز› دېدى.
‏11 شۇڭا پەرۋەردىگار يەرۇببائال، بېدان، يىپتاھ ۋە سامۇئەلنى ئەۋەتىپ، ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزدى ۋە سىلەر تىنچ-ئامان ياشىدىڭلار. ‏12 لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار ئۆزى پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئاممونىيلارنىڭ پادىشاھى ناخاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا سىلەر ماڭا: ‹ياق، زادى بىر پادىشاھ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن› دېدىڭلار. ‏13 مانا قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلار خالاپ تاللىغان پادىشاھ! مانا، پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بىر پادىشاھ تىكلەپ بەردى. ‏14 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئاسىيلىق قىلماي، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساڭلار، سىلەر ھەم ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگەشسەڭلار، ھەممىسى ياخشى بولىدۇ. ‏15 لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئاسىيلىق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قارشى بولغاندەك، سىلەرگە قارشى بولىدۇ. ‏16 ئەمدى تۇرۇڭلار. پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا قىلىدىغان ئۇلۇغ ئىشنى كۆرۈڭلار. ‏17 ھازىر بۇغداي ئورىدىغان ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي، ئۇ گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر پادىشاھ تىلەش بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە قانچە چوڭ يامانلىق قىلغىنىڭلارنى بىلىسىلەر» دېدى.
‏18 ئاندىن سامۇئەل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار گۈلدۈرماما بىلەن يامغۇر ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگاردىن ۋە سامۇئەلدىن قاتتىق قورقۇپ كەتتى. ‏19 خەلقنىڭ ھەممىسى سامۇئەلگە: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا بىز قۇللىرىڭنىڭ ئۆلۈمدىن ساقلىنىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغىن. چۈنكى بىز ئۆزىمىزگە بىر پادىشاھ تىلەش بىلەن گۇناھلىرىمىزغا گۇناھ قوشۇپتۇق» دېيىشتى.
‏20 سامۇئەل خەلققە مۇنداق دېدى: «قورقماڭلار، گەرچە سىلەر بۇ ھەممە يامانلىقنى قىلغان بولساڭلارمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن چەتنىمەڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. ‏21 ئېزىقىپ كەتمەڭلار. سىلەرگە پايدا بېرەلمەيدىغان ۋە سىلەرنى قۇتقۇزالمايدىغان قۇرۇق نەرسىلەرگە ئەگەشمەڭلەر. ئۇلار پەقەتلا پايدىسىز نەرسىلەردۇر خالاس. ‏22 پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشنى ئىرادە قىلغاندۇر. ‏23 ماڭا كەلسەك، ھۇدا مېنى، سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىشتىن توختاپ قېلىپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلىشىمدىن ساقلىسۇن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىمەن. ‏24 پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا قورقۇڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە ساداقىتىڭلار بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ ئاراڭلاردا قانچىلىك ئۇلۇغ ئىشلار قىلغانلىقىنى ئويلاڭلار. ‏25 لېكىن داۋاملىق يامانلىق قىلساڭلار، ھەم ئۆزۈڭلار، ھەم پادىشاھىڭلار ھالاك قىلىنىسىلەر».