سائۇلنىڭ ئىتائەتسىزلىكى
13
1 سائۇل پادىشاھ بولغاندا ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ ئىسرائىلغا قىرىق ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ■ 2 سائۇل ئۆزىگە ئىسرائىلدىن ئۈچ مىڭ ئادەمنى تاللىۋالدى. ئىككى مىڭى سائۇلنىڭ قېشىدا مىكماستا ۋە بەيتەلنىڭ تاغلىرىدا، بىر مىڭى يوناتاننىڭ قېشىدا بەنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئادا تۇردى. قالغان خەلقنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى.
3 يوناتان فىلىستىنلەرنىڭ گېبادىكى بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. فىلىستىنلەر بۇنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ چاغدا سائۇل: «ئىبرانىيلار بۇنى ئاڭلىسۇن» دەپ پۈتۈن زېمىنىدا بۇرغا چالدۇردى. ■ 4 پۈتۈن ئىسرائىل سائۇلنىڭ فىلىستىنلەرنىڭ بارگاھىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن فىلىستىنلەرنىڭ ئىسرائىلدىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلىدى. خەلق گىلگالغا چاقىرتىلىپ، سائۇلنىڭ كەينىدىن گىلگالغا بېرىپ يىغىلدى.
5 فىلىستىنلەر ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلغىلى يىغىلىپ، ئوتتۇز مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئاتلىق ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە ئەسكەر توپلاپ، بەيت-ئاۋەننىڭ شەرق تەرىپىدىكى مىكماستا چېدىر-بارگاھ تىكتى. 6 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەھۋالدا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، چاتقاللىقلارغا، قىيا تاشلارنىڭ ئارىسىغا، ئېگىز جايلارغا ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى. 7 بەزى ئىبرانىيلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلېئادنىڭ زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن سائۇل گىلگالدا قالدى، ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى لاغىلداپ تىترەپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. 8 سائۇل سامۇئەل بەلگىلىگەن ۋاقىت بويىچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇردى. لېكىن سامۇئەل گىلگالغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خەلق ئۇنىڭ يېنىدىن تارىلىپ كېتىشكە باشلىدى. 9 سائۇل: «كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. 10 لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقى ئاياغلىشىشى بىلەن تەڭ سامۇئەل كەلدى. سائۇل ئۇنىڭغا سالام قىلغىلى ئالدىغا چىقتى. 11 سامۇئەل: «نېمە قىلدىڭ؟» دەپ سورىدى. سائۇل: «خەلقنىڭ يېنىمدىن تارىلىپ كەتكىنىنى، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېنىڭ كەلمىگىنىڭنى ۋە فىلىستىنلەرنىڭ مىكماستا يىغىلغىنىنى كۆرگىنىمدە: 12 ‹ئەمدى فىلىستىنلەر گىلگالغا كېلىپ ئۈستۈمگە چۈشىدۇ، مەن بولسام، تېخى پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلمىدىم› دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنى زورلاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدىم» دەپ جاۋاب بەردى.
13 سامۇئەل سائۇلغا: «سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىنى ئورۇنلىمىدىڭ. ئورۇنلىغان بولساڭ ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىڭ ئەبەدكىچە مەزمۇت تۇرار ئىدى. 14 ئەمدى سېنىڭ سەلتەنىتىڭ مەزمۇت تۇرمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىدىكىدەك بىر ئادەمنى تاپتى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ باشلامچىسى قىلدى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بۇيرۇغىنىنى قىلمىدىڭ» دېدى.
15 ئاندىن سامۇئەل گىلگالدىن قوزغىلىپ، بەنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئاغا باردى. سائۇل ئۆزى بىلەن بىللە بولغان ئادەملەرنى سانىغاندا، ئۇلارنىڭ سانى ئالتە يۈزچە چىقتى. 16 سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ئادەملىرى بەنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئادا تۇراتتى. فىلىستىنلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى. 17 ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن ھۇجۇمچىلار فىلىستىنلەرنىڭ بارگاھىدىن چىقتى. بىر بۆلەك شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراغا بارىدىغان يولغا، 18 بىر بۆلەك بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا، يەنە بىر بۆلەك چۆلنىڭ چېتىدىكى زېبويىم ۋادىسى تەرەپكە بارىدىغان يولغا ماڭدى.
19 ئۇ چاغلاردا، پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچبىر تۆمۈرچى يوق ئىدى. چۈنكى فىلىستىنلەر «ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ ياكى نەيزە ياسىۋالمىسۇن» دەيتتى. 20 شۇ سەۋەبتىن ھەممە ئىسرائىللار ئورغاق، كەتمەن، پالتا ۋە قوش چىشلىرىنى بىلەش ئۈچۈن فىلىستىنلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. 21 ئورغاق، قوش چىشلىرى، كەتمەن، ئارا ۋە پالتىلار گال بولغاندا ياكى زىخلارنى تۈزىتىش لازىم بولغاندا، ئۇلارغا بېرىشقا كېرەك بولاتتى. ■ 22 شۇڭا ئۇرۇش ۋاقتىدا، سائۇل بىلەن يوناتاندىلا قىلىچ ۋە نەيزە بار ئىدى، باشقا خەلقنىڭ ھېچبىرىدە نە قىلىچ، نە نەيزە تېپىلمايتتى. 23 ئۇ ۋاقىتتا فىلىستىنلەرنىڭ بىر قاراۋۇل قىسمى مىكماستىكى داۋانغا چىققانىدى.