يوناتاننىڭ باتۇرانە ھەرىكىتى
14
‏1 بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: «كەل، قارشى تەرەپتىكى فىلىستىنلەرنىڭ قاراۋۇل قىسمى جايلاشقان جايغا بارايلى» دېدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىغا ئېيتمىغان ئىدى.
‏2 سائۇل گىبېئانىڭ چېگرىسىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ قېشىدىكى ئادەملەرنىڭ سانى ئالتە يۈز ئەتراپىدا ئىدى. ‏3 ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئېفودنى كىيىپ كاھىنلىق خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلوھتا پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنى بولغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. خەلق بولسا يوناتاننىڭ كەتكىنىنى بىلمىگەنىدى.
‏4 يوناتاننىڭ فىلىستىنلەرنىڭ قاراۋۇل قىسمى جايلاشقان جايغا بېرىشى ئۈچۈن داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. داۋاننىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن تىك قىيا تاش بار ئىدى. بىرىنىڭ ئېتى بوزەز ۋە يەنە بىرىنىڭ ئېتى سەنە ئىدى. ‏5 بىرى شىمال تەرەپتە مىكماسنىڭ ئۇدۇلىدا، يەنە بىرى جەنۇب تەرەپتە گېبانىڭ ئۇدۇلىدا ئىدى.
‏6 يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: «يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل قىسمى بار تەرەپكە ئۆتەيلى. بەلكى پەرۋەردىگار بىزگە ياردەمگە كېلەر، چۈنكى مەيلى ئادەملەر ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىغا ھېچ نەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ» دېدى. ‏7 ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئۇنىڭغا: «كۆڭلۈڭدە نېمە بولسا شۇنى قىلغىن. شۇنى بىلگىنكى، مەن سەن خالىغان ھەر يەرگە سەن بىلەن بىللە بارىمەن» دېدى. ‏8 يوناتان: «مانا، بىز ئۇ ئادەملەر بار تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۆزىمىزنى ئۇلارغا كۆرسىتەيلى. ‏9 ئەگەر ئۇلار بىزگە: ‹بىز يېنىڭلارغا كەلگۈچە جايىڭلاردا جىم تۇرۇپ تۇرۇڭلار› دېسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقماي ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى. ‏10 لېكىن ئۇلار: ‹بىزنىڭ يېنىمىزغا چىقىڭلار› دېسە، چىقايلى. چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرگىنىنىڭ بېشارىتى بولىدۇ» دېدى.
‏11 ئۇلار فىلىستىنلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا ئۆزلىرىنى كۆرسەتكىنىدە، فىلىستىنلەر: «مانا قاراڭلار، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرۇۋالغان تۆشۈكلەردىن چىقىشتى» دېيىشتى. ‏12 قاراۋۇللار يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: «بىزنىڭ يېنىمىزغا چىقىڭلار، سىلەرگە بىر نەرسە كۆرسىتىپ قويايلى!» دېدى. يوناتان ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: «ماڭا ئەگەشكىن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى» دېدى. ‏13 يوناتان قول-پۇتلىرى بىلەن ئۆمىلەپ چىقتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى كەينىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشتى. يوناتان فىلىستىنلەرنى ئۇرۇپ يىقىتتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسى بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈردى. ‏14 شۇ تۇنجى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يېرىم قوشلۇق كېلىدىغان يەردە يىگىرمىدەك ئادەمنى ئۆلتۈردى. ‏15 شۇنىڭ بىلەن، دالادىكى بارگاھتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى تىترەك باستى. قاراۋۇللار ۋە ھۇجۇمچىلارمۇ قورقۇپ تىترەپ كەتتى. يەرمۇ تەۋرىنىپ كەتتى. بۇ خۇدا تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىمىلىك تىترەش ئىدى.
‏16 سائۇلنىڭ بەنيامىن زېمىنىدىكى گىبېئادا قويۇپ قويغان كۆزەتچىلىرى شۇنى كۆردىكى، لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پاراكەندە بولۇشۇپ، ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈشتى. ‏17 سائۇل قېشىدىكى ئادەملەرگە: «تەكشۈرۈپ بېقىڭلار، كىمنىڭ بىزدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېنىقلاڭلار» دېدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىپ، يوناتان ۋە ئۇنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسىنىڭ ئۇ يەردە يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ‏18 سائۇل ئاخىياغا: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلگىن» دېدى. ئۇ مەزگىلدە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا ئىدى.    ‏19 سائۇل كاھىنغا سۆز قىلىپ تۇرغىنىدا فىلىستىنلەرنىڭ بارگاھىدىن كۆتۈرۈلگەن غەلۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. شۇڭا سائۇل كاھىنغا: «قولۇڭنى تارت» دېدى. ‏20 ئاندىن سائۇل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە ئادەملەر يىغىلىپ جەڭگە چىقتى. ئۇلار جەڭگاھقا كەلگىنىدە، شۇنى كۆردىكى، فىلىستىنلەرنىڭ ھەربىرى ئۆز سەپدىشىغا قارشى قىلىچ كۆتۈرۈشكەن بولۇپ، چوڭ قالايمىقانچىلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ‏21 ئۇ يەردە، ئىلگىرى فىلىستىنلەرگە قوشۇلغان، ھەم ئۇلار بىلەن بىللە بارگاھتا تۇرۇۋاتقان ئىبرانىيلار بار ئىدى. ئەمدى ئۇلارمۇ سائۇل ۋە يوناتان بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىللارغا قوشۇلۇۋالدى. ‏22 شۇنىڭدەك ئەفرائىمنىڭ تاغلىرىدا ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغان ئىسرائىللارمۇ، فىلىستىنلەرنىڭ قاچقىنىنى ئاڭلىغاندا جەڭگە چىقىپ، ئۇلارنى قوغلىدى. ‏23 ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىلغا چوڭ نۇسرەت بەردى. جەڭ بەيت-ئاۋەننىڭ ئۇ تەرىپىگىچە يېيىلدى.
 
سائۇل ئادەملىرىنى قىلدۇرغان قەسەم
‏24 ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇ كۈنى بەك قىينالدى، چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە، ئاخشامدىن بۇرۇن تاماق يېگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن» دېگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن خەلقتىن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىگەن ئىدى. ‏25 ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورمانلىققا يېتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدە ھەسەل تۇراتتى. ‏26 خەلق ئورمانلىققا كىرىپ، شۇنى كۆردىكى، ھەسەللەر تېمىپ تۇراتتى. لېكىن ھېچكىم قولى بىلەن ھەسەل ئېلىپ ئاغزىغا سالمىدى، چۈنكى خەلق قەسەمدىن قورقاتتى.
‏27 لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ، ئۇچىنى ھەسەل كۆنىكىگە تىقىپ، قولى بىلەن ھەسەل ئېلىپ ئاغزىغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن كۆزلىرى روشەنلەشتى. ‏28 شۇئان خەلقتىن بىرى: «سېنىڭ ئاتاڭ خەلققە قەسەم ئىچكۈزۈپ: ‹بۈگۈن بىرەر نەرسە يېگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن› دەپ ئېيتقانىدى. شۇ سەۋەبتىن خەلق ھېرىپ ھالىدىن كەتتى» دېدى. ‏29 يوناتان: «مېنىڭ ئاتام خەلققە زۇلۇم سالدى. قاراڭلار، كىچىككىنە ھەسەل يېگىنىم بىلەن كۆزۈم شۇنچە روشەن بولۇپ كەتتى. ‏30 ناۋادا خەلق بۈگۈن دۈشمەنلەردىن ئالغان ئولجىدىن خالىغىنىچە يېگەن بولسا، فىلىستىنلەرنى تېخىمۇ زور كۆلەمدە قىرغىن قىلماسمىدى؟» دېدى.
‏31 شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىنلەرنى مىكماستىن تارتىپ ئايالونغىچە قوغلاپ قىر-چاپ قىلدى. ئەمما خەلق تېخىمۇ ھالسىزلىنىپ كەتكەنىدى. ‏32 شۇڭا خەلق ئولجىغا ئۆزلىرىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى تۇتۇپ، شۇ يەردە سويۇپ، گۆشنى قانسىراتمايلا يېدى. ‏33 سائۇلغا: «خەلق قانسىرىتىلمىغان گۆشنى يەپ پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر كەلگەندە، ئۇ: «پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار! دەرھال بۇ يەرگە بىر چوڭ تاشنى دومىلىتىپ ئېلىپ كېلىڭلار» دېدى. ‏34 سائۇل يەنە: «خەلقنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارغا دەڭلار: ‹ھەربىر كىشى ئۆز كالىسىنى، ھەربىر كىشى ئۆز قويىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن. لېكىن قانسىرىتىلمىغان گۆشنى يەپ پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلمىسۇن›». شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق ئۇ كېچىسى ھەربىرى ئۆز كالىسىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇ يەردە سويدى. ‏35 سائۇل ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان تۇنجى قۇربانلىق سۇپىسى ئىدى.
‏36 سائۇل: «بۇ كېچە فىلىستىنلەرنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈپ قوغلاپ، تاڭ ئاتقۇچە ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلىپ ھېچبىرىنى تىرىك قويمايلى» دېدى. ئۇلار سائۇلغا: «نېمىنى ياخشى دەپ ئويلىساڭ، شۇنى قىلغىن» دېدى. ئەمما كاھىن: «قېنى، ئالدى بىلەن بۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىغا كېلەيلى» دېدى.    ‏37 سائۇل خۇدادىن: «فىلىستىنلەرنىڭ كەينىگە چۈشەيمۇ؟ ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟» دەپ سورىدى. لېكىن ئۇ كۈنى خۇدا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. ‏38 سائۇل: «ئەي خەلقنىڭ ھەممە باشلىقلىرى، بۇ يەرگە يىغىلىڭلار. بۈگۈن ئارىمىزدا نېمە گۇناھ سادىر قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار. ‏39 مەن ئىسرائىلغا نۇسرەت بەرگەن تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر بۇ گۇناھ ھەتتا ئۆز ئوغلۇم يوناتاندا بولسىمۇ، ئۇ جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دېدى. لېكىن خەلقتىن ھېچبىرى ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى.
‏40 ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىللارغا: «سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتان يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى» دېدى. خەلق سائۇلغا: «قانداق قىلىشنى ياخشى دەپ ئويلىساڭ، شۇنداق قىلغىن» دېدى. ‏41 سائۇل ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا: «ھەقىقەتنى ئاشكارا قىلغايسەن» دېدى. چەك بولسا سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن خەلق قۇتۇلدى. ‏42 سائۇل: «مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەك تاشلاڭلار» دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى. ‏43 سائۇل يوناتانغا: «نېمە قىلغىنىڭنى ماڭا ئېيتقىن» دېدى. يوناتان ئۇنىڭغا: «قولۇمدىكى ھاسىنىڭ ئۇچى بىلەن كىچىككىنا ھەسەل ئېلىپ يېدىم. مەن ئۆلۈشۈم كېرەك» دېدى. ‏44 سائۇل: «سەن چوقۇم ئۆلىسەن، ئەي يوناتان. بولمىسا خۇدا مېنى قوشلاپ جازالىغاي!» دېدى. ‏45 لېكىن خەلق سائۇلغا: «ئىسرائىلنى بۇ چوڭ نۇسرەتكە ئېرىشتۈرگەن يوناتان ئۆلتۈرۈلسۇنمۇ؟ خۇدا ساقلىسۇن! تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بېشىدىن بىر تال چاچمۇ يەرگە چۈشمىسۇن. چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈنكى ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇردى.
‏46 ئاندىن سائۇل فىلىستىنلەرنى قوغلاشتىن ۋاز كەچتى، فىلىستىنلەرمۇ ئۆز ماكانلىرىغا قايتىپ كېتىشتى.
 
سائۇلنىڭ غەلىبىلىرى
‏47 سائۇل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىكى سەلتەنىتىنى تىكلىگەندىن كېيىن، چۆرىسىدىكى دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئاب، بەنى ئاممون، ئېدوم، زوبانىڭ پادىشاھلىرى ۋە فىلىستىنلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى تەرەپكە يۈزلەنسە، غەلىبە قىلدى. ‏48 ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئامالەكىيلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىلنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.
‏49 سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مەلكىشۇئا ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى بولسا، چوڭىنىڭ ئىسمى مېراب، كىچىكىنىڭ ئىسمى مىكال ئىدى. ‏50 سائۇلنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ئاخىنوئام ئىدى. ئۇ ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارىنىڭ ئىسمى ئابنەر ئىدى. ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ‏51 سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش ۋە ئابنەرنىڭ ئاتىسى نەر ئابىئەلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
‏52 سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىنلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. سائۇل ھەر دائىم پالۋان ياكى باتۇر بىر ئادەمنى ئۇچراتسا، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.