بوئاز نائومىنىڭ يېرىنى ئېلىپ، رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالىدۇ
4
1 بوئاز بولسا دەرۋازىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. بۇ چاغدا بوئاز ئېيتقان قۇتۇلدۇرالايدىغان يېقىن تۇغقان بولغان كىشى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز: «ئەي دوستۇم، كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇرغىن» دېدى. ئۇ كېلىپ ئولتۇردى. 2 ئاندىن بوئاز شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون ئادەمنى چاقىرىپ: «بۇ يەردە ئولتۇرۇڭلار» دېدى. ئۇلار ئولتۇرغاندا، 3 ئۇ يېقىن تۇغقان بولغان كىشىگە: «موئابنىڭ زېمىنىدىن قايتىپ كەلگەن نائومى قېرىندىشىمىز ئەلىمېلەككە تەۋە بولغان بىر پارچە يەرنى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. 4 شۇنىڭ ئۈچۈن ساڭا خەۋەر بېرىپ: ‹بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىدا ۋە خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنى سېتىۋالغىن› دېمەكچى ئىدىم. يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقۇم بويىچە بۇ يەرنى ئالىمەن دېسەڭ، ئالغىن. لېكىن يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقۇم بويىچە ئالماي دېسەڭ، ماڭا ئېيتقىن. مەن بۇنى بىلەي، چۈنكى سەندىن باشقىسىنىڭ يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقى يوق، ئەمما سەندىن كېيىن مېنىڭ يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقۇم بار» دېدى. ئۇ كىشى: «يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقۇم بويىچە ئۇنى ئالاي» دەپ جاۋاب بەردى. 5 بوئاز ئۇنىڭغا: «يەرنى نائومىنىڭ قولىدىن ئالساڭ، مەرھۇمنىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئېلىپ، مەرھۇمنىڭ نامىنى مىراس يېرىدە ساقلاپ قېلىشىڭ كېرەك» دېدى. 6 يېقىن تۇغقان بولغان كىشى بولسا: «ئۇنداقتا، يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقۇمنى ئىشلىتەلمەيمەن، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۆز مىراسىمغا زىيان يەتكۈزگۈدەكمەن. مەن يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقۇم بويىچە ئالىدىغان يەرنى سەن ئالغىن. چۈنكى مەن ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىپ بۇ يەرنى ئالالمايمەن» دېدى.
7 قەدىمكى زاماندا ئىسرائىللاردا مۇنداق رەسىم-قائىدە بار ئىدى: يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقى بويىچە يەرنى سېتىش ياكى يەرنى باشقا بىرىگە ئۆتۈش ئىشى بولسا، ئىشنى كەسمەك ئۈچۈن بىر تەرەپ ئۆز كەشىنى سېلىپ، يەرنى ئالىدىغان تەرەپكە بېرەتتى. 8 يېقىن تۇغقان بولغان كىشى بوئازغا: «سەن ئۇنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن» دەپ ئۆز كەشىنى سالدى. 9 بوئاز ئاقساقاللارغا ۋە خەلقنىڭ ھەممىسىگە سۆز قىلىپ: «سىلەر بۈگۈن مېنىڭ ئەلىمېلەككە ۋە كىليون بىلەن ماخلونغا تەۋە ھەممىنى نائومىنىڭ قولىدىن سېتىۋالغىنىمغا گۇۋاھ بولدۇڭلار. 10 مەرھۇمنىڭ ئىسمى قېرىنداشلىرىنىڭ ئارىسىدىن ۋە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئۆچۈرۈلمەي، ئىسمىنىڭ مىراس يەرلىرىدە ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ماخلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنى خوتۇنلۇققا ئالدىم. بۈگۈن سىلەر بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇڭلار» دېدى.
بوئاز رۇتنى ئۆز ئەمرىگە ئىلىشى ئارقىلىق يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ («رۇت» 9:4)
13 ئاندىن بوئاز رۇتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. رۇت پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتى بىلەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. 14 بۇ چاغدا ئاياللار نائومىغا ئېيتتى: «سېنى قۇتۇلدۇرغۇچىسىز قويمىغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىللار ئارىسىدا ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن. ■ 15 ئۇ قېرىلىقىڭدا ھاياتىڭنى ياشنىتىپ سېنى ئەزىزلەيدۇ. چۈنكى سېنى سۆيىدىغان، ساڭا يەتتە ئوغۇلدىن ئەۋزەل بولغان كېلىنىڭ ئۇنى تۇغدى.
16 نائومى بالىنى قولىغا ئېلىپ، باغرىغا باستى ۋە ئۇنىڭ باققۇچىسى بولدى. 17 قوشنا ئاياللار ئۇنىڭغا ئىسىم بەردى. ئۇلار: «نائومى بىر ئوغۇل تاپتى» دېيىشىپ، ئۇنىڭغا ئوبەد دەپ ئات قويدى. ئۇ يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي بولسا داۋۇدنىڭ ئاتىسى ئىدى. ■
داۋۇدنىڭ نەسەبنامىسى
18 پەرەزنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەر: پەرەستىن خەزرون تۆرەلدى، 19 خەزروندىن رام تۆرەلدى ۋە رامدىن ئامىناداب تۆرەلدى،
20 ئامىنادابتىن ناھشون تۆرەلدى ۋە ناھشوندىن سالمون تۆرەلدى،
21 سالموندىن بوئاز تۆرەلدى ۋە بوئازدىن ئوبەد تۆرەلدى،
22 ئوبەدتىن يىشاي تۆرەلدى ۋە يىشايدىن داۋۇد تۆرەلدى.