رۇت ۋە بوئاز خاماندا
3
‏1 قېينانىسى نائومى ئۇنىڭغا سۆزلەپ: «ئەي قىزىم، سېنىڭ ئاراملىقىڭ ئۈچۈن ئۆي-ئوچاقلىق بولۇشۇڭنى ئىزدىمەيمەنمۇ؟ ‏2 سەن بىزنىڭ تۇغقىنىمىز بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن ئىشلەپ يۈردۈڭ شۇنداقمۇ؟ مانا قارا، ئۇ بۇ كېچە خامىنىدا ئارپا سورۇيدۇ. ‏3 ئەمدى سەن يۇيۇنۇپ-تارىنىپ، ئەتىر سۈرۈپ، كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئېھتىيات قىلىپ، ئۇ كىشى تاماق يەپ بولغۇچە ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمىگىن. ‏4 ئۇ ياتقاندا ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان يېرىنى ئېنىق كۆرۈۋال. ئاندىن سەن بېرىپ، ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ، شۇ يەردە يېتىۋالساڭ، ئۇ ئۆزى ساڭا نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېدى. ‏5 ئۇ ئۇنىڭغا: «سەن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلىمەن» دېدى.
‏6 ئۇ خامانغا چۈشۈپ، قېينانىسى ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. ‏7 بوئاز يەپ-ئىچىپ، كۆڭلىنى خۇش قىلىپ، ئارپا دۆۋىسىنىڭ ئارقىسىغا بېرىپ ياتتى. رۇت كېلىپ، تۇيدۇرماي ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ ياتتى. ‏8 يېرىم كېچىدە بوئاز چۆچۈپ ئالدىغا ئېڭىشكەندە، مانا ئايىغىدا بىر ئايال يېتىپتۇ. ‏9 ئۇ: «كىمسەن؟» دەپ سورىدى. ئايال: «مەن دېدىكىڭ رۇت بولىمەن. سەن مېنى قۇتۇلدۇرالايدىغان يېقىن تۇغقان بولغاندىن كېيىن، دېدىكىڭنى قانىتىڭنى ئاستىغا ئالغايسەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏10 بوئاز ئۇنىڭغا: «ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! ئاخىردا ئاۋۋالقىدىنمۇ چوڭ سەمىمىي-ساداقەتلىك كۆرسەتتىڭ. ياش يىگىتلەر مەيلى كەمبەغەل، مەيلى باي بولسۇن، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىڭ. ‏11 ئەي قىزىم، ئەمدى قورقمىغىن. ھەرنېمە سورىساڭ ساڭا ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھىرىمدىكى ھەممە خەلق سېنى ياخشى ئايال دەپ بىلىدۇ. ‏12 قۇتۇلدۇرالايدىغان يېقىن تۇغقىنىڭ بولغىنىم راست، لېكىن سېنى قۇتۇلدۇرالايدىغان مەندىن يېقىنراق تۇغقىنىڭ بار. ‏13 ئەمدى بۇ كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەگەر ئەتە ئۇ كىشى يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقى بويىچە سېنى ئېلىشنى خالىسا، ئالسۇن. لېكىن ئۇ يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالمىسا، تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن يېقىن تۇغقانلىق ھوقۇقى بويىچە سېنى ئالىمەن. ئەمدى سەھەرگىچە بۇ يەردە يېتىپ تۇرغىن».
‏14 رۇت سەھەرگىچە ئۇنىڭ ئايىغىدا يېتىپ، بىرى يەنە بىرىنى تونۇغۇدەك ئايدىڭ بولماستا تۇرۇپ كەتتى. چۈنكى بوئاز: «بىر ئايالنىڭ بۇ خامانغا كەلگىنىنى ھېچكىم بىلمىسۇن» دەپ ئېيتقانىدى. ‏15 بوئاز ئۇنىڭغا: «سەن كىيگەن يېپىنچىنى ئېچىپ تۇتۇپ تۇرغىن» دېدى. ئۇ ئۇنى تۇتۇپ تۇرغاندا بوئاز ئارپىدىن ئالتە كەمچەن كەملەپ تۆكۈپ بېرىپ، ئۇنى ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىپ قويدى. ئاندىن ئۇ شەھەرگە كېتتى.
‏16 رۇت قېينانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، قېينانىسى: «ئەي قىزىم، ئىشىڭ قانداق بولدى؟» دەپ سورىدى. رۇت بۇ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا قىلغىنىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، ‏17 «ئۇ بۇ ئالتە كەمچەن ئارپىنى: ‹ئۆز قېيناناڭغا قۇرۇق قايتمىغىن› دەپ بەردى» دېدى. ‏18 نائومى ئۇنىڭغا: «ئەي قىزىم، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى كۆرگۈچە سەۋر قىلغىن. ئۇ ئادەم بۈگۈن بۇ ئىشنى پۈتكۈزمەي ئارام ئالمايدۇ» دېدى.