رۇت بوئازنىڭ ئېتىزلىقىدا باشاق تېرىدۇ
2
1 نائومىنىڭ ئېرىگە تۇغقان كېلىدىغان بوئاز ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەلىمېلەكنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، ئابرۇيلۇق دۆلەتمەن كىشى ئىدى. 2 موئابلىق رۇت نائومىغا: «مەن ئېتىزلىقلارغا بېرىپ، بىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپسام، ئۇنىڭ كەينىدىن ئارپا باشاقلىرىنى تېرەي» دېدى. نائومى ئۇنىڭغا: «بارغىن، ئەي قىزىم» دېدى. 3 شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ، بىر ئېتىزلىققا كېلىپ، ئۇ يەردە ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. ئۇنىڭ بەختىگە بۇ ئېتىزلىق دەل ئەلىمېلەككە تۇغقان بولغان بوئازنىڭكى ئىدى. 4 بۇ ۋاقىتتا بەيتلەھەمدىن كەلگەن بوئاز ئورمىچىلارغا: «پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي!» دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: «پەرۋەردىگار ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلغاي!» دېيىشتى. 5 ئاندىن بوئاز ئورمىچىلارنىڭ بېشىدا تۇرغان چاكىرىدىن: «ئاۋۇ كىمنىڭ قىزى بولىدۇ؟» دەپ سورىدى. 6 ئورمىچىلارنىڭ بېشىدا تۇرغان يىگىت جاۋاب بېرىپ: «ئۇ نائومى بىلەن بىللە موئاب زېمىنىدىن كەلگەن موئابلىق قىز. 7 ئۇ: ‹رۇخسەت قىلساڭ ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن باغلاملارنىڭ ئارىسىدا باشاق تەرسەم› دەپ تەلەپ قىلدى. ئۇ ئەتىگەندىن بۇ ۋاقىتقىچە ئىشلەۋاتىدۇ، پەقەتلا كەپىدە ئازراق ئارام ئالدى» دېدى.
8 بوئاز رۇتقا: «ئەي قىزىم، ئاڭلاۋاتامسەن؟ سەن باشاق تېرىش ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنىڭ ئېتىزلىقىغا بارمىغىن، بۇ يەردىنمۇ كەتمىگىن. مېنىڭ دېدەكلىرىم بىلەن مۇشۇ يەردە يۈرۈپ باشاق تەرگىن. 9 ئورمىچىلار ئىشلىگەن يەردىن كۆزۈڭنى ئايرىماي، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارغىن. مەن يىگىتلەرگە سېنى بوزەك قىلماسلىقنى تاپىلىدىم. ئۇسساپ قالساڭ، كوزىلاردىن، يىگىتلىرىم تارتقان سۇدىن ئىچكىن» دېدى. 10 رۇت ئۆزىنى يەرگە تاشلىدى. ئۇ بېشىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ: «مەن بىر مۇساپىر تۇرسام، نېمىشقا ماڭا شۇنچە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن؟» دېدى. 11 بوئاز ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئېرىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆز قېيناناڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئاتاڭ بىلەن ئاناڭنى ۋە ئۆز ۋەتىنىڭنى تاشلاپ، ئىلگىرى تونۇمىغان خەلققە كەلگىنىڭنى ئاڭلىدىم. 12 پەرۋەردىگار قىلغىنىڭغا يارىشا ساڭا ياندۇرسۇن. سەن قاناتلىرى ئاستىدا پاناھ ئىزدىگەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سېنى سېخىيلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن» دېدى. 13 شۇنىڭ بىلەن رۇت: «ئەي خوجام، كۆزلىرىڭدە ئىلتىپات تاپقايمەن. مەن سېنىڭ دېدىكىڭ بولمىساممۇ، ماڭا ئۆز دېدىكىڭدەك مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلەپ تەسەللى بەردىڭ» دېدى.
14 تاماق ۋاقتىدا بوئاز ئۇنىڭغا: «بۇ تەرەپكە كېلىپ ناندىن يېگىن، نېنىڭنى سىركىگە چىلىغىن» دېدى. رۇت ئورمىچىلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىدا، بوئاز ئۇنىڭغا قوماچ ئۇزىتىپ بەردى. ئۇ ئۇنىڭدىن تويغۇچە يېدى ۋە يەنە ئېشىپ قالدى. 15 ئۇ باشاق تېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا بوئاز ئۆز يىگىتلىرىگە: «ئۇنىڭغا خاپىلىق سالماي، باغلاملارنىڭ ئارىسىدىمۇ باشاق تېرىشىگە رۇخسەت قىلىڭلار. 16 سىلەر يەنە باغلاملاردىن باشاقلارنى ئايرىپ، ئۇنىڭ تېرىۋېلىشى ئۈچۈن چۈشۈرۈپ قويۇڭلار. ئۇنى ھېچ ئازارلىماڭلار» دېدى.
17 ئۇ ئاخشامغىچە ئېتىزلىقتا باشاق تەردى. ئۇ تەرگەن باشاقلارنى سوققاندا تەخمىنەن بىر ئېفا ئارپا چىقتى. ■ 18 ئاندىن ئۇ يۈكنى ئېلىپ، شەھەرگە كىردى. قېينانىسى ئۇنىڭ تېرىۋالغان ئارپىسىنى كۆردى. رۇت ھەم يەپ تويغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان تامىقىنى چىقىرىپ قېينانىسىغا بەردى. 19 قېينانىسى ئۇنىڭغا: «سەن بۈگۈن قەيەردە باشاق تەردىڭ، قەيەردە ئىشلىدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان كىشى بەرىكەت تاپسۇن» دېدى. ئۇ ئۆز قېينانىسىغا كىمنىڭكىدە ئىش قىلغىنىنى ئېيتىپ: «مەن بۈگۈن بوئاز دېگەن ئادەمنىڭ ئېتىزلىقىدا ئىشلىدىم» دېدى. 20 نائومى كېلىنىگە: «تىرىكلەرگىمۇ ۋە مەرھۇملارغىمۇ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىشتىن باش تارتمىغان كىشى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەت تاپسۇن» دېدى. ئاندىن نائومى ئۇنىڭغا يەنە: «ئۇ ئادەم بىزگە يېقىن تۇغقاندۇر. ئۇ بىزنى قۇتۇلدۇرالايدىغان تۇغقانلاردىن بىرىدۇر» دېدى. ■ 21 موئابلىق رۇت ئېيتتى: «ئۇ ماڭا يەنە: ‹مېنىڭ يىگىتلىرىم ھەممە ھوسۇلۇمنى يىغىپ بولغۇچە ئۇلار بىلەن بىرگە بولغىن› دېدى». 22 نائومى كېلىنى رۇتقا: «ئەي قىزىم، باشقىسىنىڭ ئېتىزلىقىدا بىراۋنىڭ ساڭا ئەسكىلىك قىلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دېدەكلىرى بىلەن چىققىنىڭ ياخشىدۇر» دېدى. 23 شۇنداق قىلىپ رۇت ئارپا ۋە بۇغداي ھوسۇلى يىغىلىپ بولغۇچە بوئازنىڭ دېدەكلىرى بىلەن يۈرۈپ باشاق تەردى. لېكىن ئۇ قېينانىسى بىلەن بىللە تۇردى.