پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن قويۇپ قويغان خەلقلەر
3
1 پەرۋەردىگار ئىسرائىلنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يەنى كەنئان زېمىنىدىكى خەلقلەر بىلەن بولغان جەڭلىرىنى باشتىن كەچۈرمىگەنلەرنى سىناش ئۈچۈن، 2 ھەمدە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەڭ قىلىپ باقمىغانلارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن قالدۇرغان خەلقلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى: 3 فىلىستىنلەرنىڭ بەش بەگلىكى، كەنئانلارنىڭ ھەممىسى، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن تارتىپ خاماتنىڭ ئاغزىغىچە لىۋان تېغىدا ياشايدىغان خىۋۋىيلار. 4 بۇلار بەنى ئىسرائىلنى سىناپ، پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا بەرگەن ئەمرلەرنى تۇتامدۇ-تۇتمامدۇ دەپ، ئۇلارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغانىدى. 5 شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل كەنئانلار، ھېتىتلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، خىۋۋىيلار ۋە يەبۇسىيلار ئارىسىدا تۇرۇپ قېلىپ، 6 ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، ئۆز قىزلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى.
قانائان زىمىنىنىڭ تەقسىم قىلىنىشى (ھاك.)
ئوتنىيەل
7 بۇ تەرىقىدە بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، بائال بۇتلىرى ۋە ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتلىرىغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. ■ 8 شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قوزغىلىپ، ئۇلارنى ئارام-ناھارايىمنىڭ پادىشاھى بولغان كۇشان-رىشاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. بەنى ئىسرائىل سەككىز يىلغىچە كۇشان-رىشاتايىمنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. 9 ئەمما بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىل ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇلارنى قۇتقۇزغان بۇ كىشى كالەبنىڭ ئۇكىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئەل ئىدى. 10 پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇ ئىسرائىلنىڭ ھاكىمى بولۇپ جەڭگە چىققاندا، پەرۋەردىگار ئارام پادىشاھى كۇشان-رىشاتايىمنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كۇشان-رىشاتايىمنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. 11 شۇنىڭدىن كېيىن قىرىق يىلغىچە زېمىندا تىنچ-ئامانلىق بولۇپ، ئاخىردا قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئەل ئالەمدىن ئۆتتى.
ئېھۇد ۋە شامگار
12 لېكىن بەنى ئىسرائىل يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئابنىڭ پادىشاھى ئېگلوننى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلدى. چۈنكى بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغانىدى. 13 پادىشاھ ئېگلون ئاممونىيلار ۋە ئامالەكىيلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئىسرائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، خورمىلىق شەھەرنى ئىگىلىۋالدى. ■ 14 بۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل ئون سەككىز يىلغىچە موئابنىڭ پادىشاھى ئېگلونغا خىزمەت قىلدى.
15 لېكىن بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلار ئۈچۈن بەنيامىن قەبىلىسىدىن گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد سولخاينى قۇتقۇزغۇچى قىلىپ تىكلىدى. بەنى ئىسرائىل ئۇنى موئابنىڭ پادىشاھى ئېگلونغا ئولپان تاپشۇرۇشقا ئەۋەتتى. 16 ئېھۇد بولسا ئۆزىگە بىر گەز ئۇزۇنلۇقتا ئىككى بىسلىق بىر قىلىچنى ياساپ، ئۇنى كىيىمنىڭ ئىچىگە ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قىستۇرۇپ، 17 ئولپاننى موئابنىڭ پادىشاھى ئېگلوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئېگلون تولىمۇ سېمىز بىر كىشى ئىدى. 18 ئېھۇد ئولپاننى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئولپاننى كۆتۈرۈپ كەلگەن كىشىلەرنى يولغا سېلىۋەتتى. 19 لېكىن ئۇ ئۆزى گىلگالنىڭ يېنىدىكى ئويما تاش ھەيكەللەر بار جايدىن قايتىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەي پادىشاھ، مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغان مەخپىي گېپىم بار» دېدى. پادىشاھ: «جىم تۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن چۆرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى.
20 ئاندىن ئېھۇد ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. پادىشاھ سۆرۈن بالىخانىسىدا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئېھۇد ئۇنىڭغا: «مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ساڭا ئېيتىدىغان بىر سۆزۈم بار» دېۋىدى، پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى. 21 بۇ چاغدا ئېھۇد سول قولىنى ئۇزىتىپ، ئوڭ يوتىسىدىن قىلىچنى سۇغۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقتى. 22 قىلىچنىڭ دەستىسىمۇ، تىغى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتتى. ئېھۇد قىلىچنى قورسىقىدىن تارتىۋەتمىگىنى ئۈچۈن، سېمىز ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ، دەستىسىگە يۆگىشىپ قالدى ۋە ئۈچەي-پوقى ئارقىدىن چىقتى. ■ 23 ئاندىن ئېھۇد دالان ئارقىلىق چىقتى. ئۇ بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنى كەينىدىن يېپىپ، قۇلۇپلىغانىدى. ■
24 ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ خىزمەتچىلىرى كېلىپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ قۇلۇپلاقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پادىشاھ سۆرۈن ئۆيدە تەرەتكە ئولتۇرسا كېرەك دەپ ئويلىدى. 25 لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ساقلاپ تۇرۇپ، بالىخانىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلمىغىنىنى كۆرۈپ، ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئاچسا، خوجىسىنىڭ يەرگە يىقىلىپ، ئۆلۈك ياتقىنىنى كۆرۈشتى.
26 ئەمما ئۇلار ساقلاپ تۇرغاندا ئېھۇد قېچىپ چىقىپ، ئويما تاش ھەيكەللىرى بار جايدىن ئۆتۈپ، سېئىراغا يېتىۋېلىپ قۇتۇلدى. 27 ئۇ شۇ يەرگە كېلىپ، ئەفرائىم تاغلىقلىرىدا بۇرغا چالدى. بەنى ئىسرائىل ئۇنىڭ بىلەن تاغلىق زېمىندىن چۈشتى ۋە ئۇ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ■ 28 ئۇ ئۇلارغا: «ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابىيلارنى قوللىرىڭلارغا بەردى» دېگىنىدە، ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى توسۇۋېلىپ، ھېچكىمنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى. 29 ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار موئابىيلاردىن ئون مىڭچە كۈچلۈك باتۇر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ھېچبىرىنىڭ قېچىشىغا يول قويمىدى. 30 شۇ كۈنى موئاب ئىسرائىلنىڭ قولى ئاستىدا بېسىلدى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن سەكسەن يىل تىنچ-ئامان تۇردى.
31 ئېھۇدتىن كېيىن ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار ئوتتۇرىغا چىقىپ، فىلىستىنلەردىن ئالتە يۈز كىشىنى ئۆكۈز سانجىغۇچى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىلنى قۇتقۇزدى.