دېبورا ۋە باراق
4
‏1 لېكىن ئېھۇد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. ‏2 پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كەنئاننىڭ پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇنىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرا خاروشەت-ھاگگويىم دېگەن شەھەردە تۇراتتى. ‏3 ئەمما بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، بەنى ئىسرائىلغا يىگىرمە يىل داۋامىدا تولىمۇ زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى. ‏4 ئۇ ۋاقىتتا لاپپىدوتنىڭ ئايالى دېبورا ئىسىملىك ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقىگە ھاكىملىق قىلاتتى. ‏5 ئۇ ئەفرائىم تاغلىقىدىكى راما بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان دېبورا دەرىخى دېگەن خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى. بەنى ئىسرائىل، ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا دەۋاسىنى ئېلىپ كېلەتتى.
‏6 ئۇ نافتالىنىڭ زېمىنىدىكى قادەش دېگەن جايدىن ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: «مانا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا: ‹سەن بېرىپ، نافتالى قەبىلىسى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن ئون مىڭ كىشىنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ، تابور تېغىغا چىققىن. ‏7 مەن يابىننىڭ قوشۇن سەردارى سىسېرانى ئۆز جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قىشون دېگەن ئېقىننىڭ بويىغا سېنىڭ قېشىڭغا ئېلىپ كېلىپ، قولۇڭغا تاپشۇرىمەن› دەپ بۇيرۇق بەردى» دېدى. ‏8 باراق ئۇنىڭغا: «ئەگەر سەن مەن بىلەن بارساڭ، مەنمۇ باراي. سەن مەن بىلەن بارمىساڭ، مەنمۇ بارمايمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ‏9 دېبورا ئۇنىڭغا: «ماقۇل، ئۆزۈم سەن بىلەن بارىمەن، لېكىن ئۇنداق بولسا، بارىدىغان يولۇڭدا ساڭا ھېچ شان-شەرەپ تەگمەيدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسېرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن دېبورا ئورنىدىن تۇرۇپ، باراق بىلەن بىللە قادەشكە ماڭدى. ‏10 باراق زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىنى قادەشكە چاقىرىپ، ئون مىڭ ئادەمنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى، دېبورامۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقتى.   
‏11 قېنىيلاردىن بولغان خېبەر بولسا مۇسانىڭ قېيناكىسى بولغان خوبابنىڭ نەسلىدىن كەلگەن باشقا قېنىيلاردىن ئۆزىنى ئايرىپ، قادەشنىڭ يېنىدا بولغان زائانانىم دېگەن جايدىكى دۇب دەرىخىنىڭ يېنىدا چېدىر تىككەنىدى.
تابور تېغىنىڭ مەنزىرىسى (يىزرەئەل تۈزلەڭلىكىدىن قارايدىغان) («ھاك.» 12:4)
‏12 «مانا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق تابور تېغىغا چىقتى» دېگەن خەۋەر سىسېراغا يەتكىنىدە، ‏13 سىسېرا توققۇز يۈز تۆمۈر جەڭ ھارۋىسىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، پۈتۈن قوشۇنىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن چاقىرتىپ، قىشون ئېقىنىنىڭ بويىغا توپلىدى.
‏14 دېبورا باراققا: «قېنى تۇر، بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسېرانى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان كۈندۇر. مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىڭدا بولۇپ يول باشلاۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن باراق ئون مىڭ ئادەمنى كەينىگە سېلىپ، تاغدىن چۈشتى. ‏15 پەرۋەردىگار سىسېرانى، ئۇنىڭ ھەممە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى باراقنىڭ ئالدىدا قىلىچ بىسى بىلەن تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. سىسېرا جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، پىيادە قېچىپ كەتتى. ‏16 باراق بولسا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇننى قوغلاپ باردى. بۇ تەرىقىدە سىسېرانىڭ ھەممە قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ، بىرىمۇ قۇتۇلالمىدى.
‏17 لېكىن سىسېرا پىيادە قېچىپ كېتىپ، قېنىيلاردىن بولغان خېبەرنىڭ ئايالى يائەلنىڭ چېدىرىغا بېرىۋالدى. چۈنكى خازورنىڭ پادىشاھى يابىن بىلەن قېنىيلاردىن بولغان خېبەرنىڭ جەمەتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا دوستانە مۇناسىبەت بار ئىدى. ‏18 يائەل سىسېرانى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا: «ئەي خوجام، قورقماي مېنىڭكىگە كىرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۇنىڭ چېدىرىغا كىردى، ئايال ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يوتقان يېپىپ قويدى. ‏19 سىسېرا ئۇنىڭغا: «مەن ئۇسساپ قالدىم، ئىچكىلى بىرئاز سۇ بەرسەڭ» دېدى. ئايال بىر سۈت تۇلۇمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا ئىچۈردى، ئاندىن ئۇنى يەنە يېپىپ قويدى. ‏20 ئاندىن سىسېرا ئۇنىڭغا: «سەن چېدىرنىڭ ئىشىكىدە ساقلاپ تۇرغىن. بىرى كېلىپ: ‹بۇ يەردە بىر كىشى بارمۇ؟› دەپ سەندىن سورىسا: ‹يوق› دەپ جاۋاب بەرگىن» دېدى. ‏21 لېكىن ئۇ ھېرىپ كېتىپ قاتتىق ئۇخلاپ ياتقاندا، خېبەرنىڭ ئايالى يائەل چېدىرنىڭ بىر قوزۇقىنى ئېلىپ، بىر بولقىنى قولىدا تۇتۇپ، شەپە چىقارماي ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ چېكىسىگە قوزۇقنى قاقتى. قوزۇق چېكىسىدىن ئۆتۈپ، يەرگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن سىسېرا ئۆلدى.
‏22 باراق سىسېرانى قوغلاپ كەلسە، يائەل ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: «كەلگىن، سەن ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى ساڭا كۆرسىتەي» دېدى. ئۇ ئۇنىڭ چېدىرىگە كىرىپ، سىسېرانىڭ ئۆلۈك ياتقىنىنى ۋە چېكىسىگە قوزۇق قېقىلغانلىقىنى كۆردى.
‏23 بۇ تەرىقىدە خۇدا ئۇ كۈنى كەنئان پادىشاھى يابىننى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلدى. ‏24 ئۇ ۋاقىتتىن تارتىپ بەنى ئىسرائىل كۈچىيىپ، كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە باشلىدى. ئاخىردا ئۇلار كەنئان پادىشاھى يابىننى يوقىتىۋەتتى.