نۇسرەت نەزمىسى
5
1 ئۇ كۈنى دېبورا ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق مۇنداق نەزمە ئوقۇشتى: 2 «ئىسرائىلدا يول باشلايدىغان سەردارلار تېپىلغىنى،
خەلق كۆڭۈل خۇشى بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكىنى ئۈچۈن
پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار.
3 ئەي پادىشاھلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئەمىرلەر، قۇلاق سېلىڭلار!
مەن پەرۋەردىگارنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىمەن.
مەن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن.
4 ئەي پەرۋەردىگار، سەن سېئىردىن چىققىنىڭدا،
ئېدوم سەھراسىدىن ئۆتۈپ كەتكىنىڭدا
يەر تەۋرىنىپ كەتتى،
ئاسمان تىترەپ، بۇلۇتلار يامغۇر ياغدۇردى.
5 تاغلار بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تەۋرەندى،
سىناي تېغى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلكىنىپ كەتتى.
6 ئاناتنىڭ ئوغلى شامگارنىڭ كۈنلىرىدە،
يائەلنىڭ كۈنلىرىدە
خان يوللىرى تاشلىنىپ كەتكەچكە،
يولۇچىلار چىغىر يوللاردا ماڭاتتى.
7 مەن دېبورا ئىسرائىلدا بىر ئانا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماستا
ئىسرائىلدا سەردارلار تېپىلمايتتى.
8 خەلق بولسا يېڭى ئىلاھلار تاللىۋالدى.
بۇ سەۋەبتىن دەرۋازىلىرىغا جەڭ يېتىپ كەلدى.
ئەمما قىرىق مىڭچە ئىسرائىل لەشكەرنىڭ ئارىسىدا
بىرمۇ قالقان ياكى نەيزە تېپىلمىدى.
9 كۆڭلۈم ئىسرائىلنىڭ ھاكىملىرى ئۈچۈن سېلىپ،
خەلق ئىچىدىن خۇشاللىق بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە مايىلدۇر.
ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا.
10 ئەي سىلەر، ئاق ئېشەكلەرگە مىنگەنلەر!
ئەي نەپىس زىلچىلەرنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغانلار!
ئەي يولدا ماڭغانلار، مەدھىيە ئوقۇڭلار!
11 كېچىكلەرنىڭ لېۋىدىكى ئوقياچىلارنىڭ چۇقىنىنى ئاڭلاڭلار.
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھەققانىيلىقىنى داڭلاپ،
ئۇنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە كۆرسەتكەن ئادىل ئەمەللىرىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى چۈشۈپ، دەرۋازىلارغا يېتىپ كەلدى.
12 ئەمدى سەن، ئەي دېبورا، ئويغانغىن! ئويغىنىپ ناخشا ئېيتقىن!
ئەي باراق، ئورنۇڭدىن تۇرغىن!
ئەي ئابىنوئامنىڭ ئوغلى، ئەسىرلىرىڭنى باغلاپ ئېلىپ كەتكىن.
13 مانا، ئاز قالغان خەلق رەھبەرلىرىگە ئەگىشىش ئۈچۈن چۈشتى.
پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى باتۇر پالۋانلار بىلەن مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى.
14 ئەفرائىمدىن ئامالەكنى يەڭگەن كىشىلەر كەلدى.
بەنيامىنمۇ ساڭا ئەگىشىپ ماڭدى.
ماكىردىن سەردەرلەر چۈشۈپ كەلدى،
زەبۇلۇندىنمۇ سەردارلىق ھاسىسىنى تۇتقانلار يېتىپ كەلدى.
15 ئىسساكارنىڭ باشلىقلىرى دېبوراغا قوشۇلدى.
ئىسساكار باراق بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ۋادىغا چۈشتى.
لېكىن رۇبەن جەمەتلىرى كۆپ مەسلىھەت قىلىشىپ ئولتۇردى. ج
16 سىلەر نېمىشقا قوتانلار ئىچىدە ئولتۇردۇڭلار؟
قويلار ئۈچۈن چېلىنغان يالغۇزەكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالىدىڭلارمۇ؟
مانا، رۇبەن جەمەتلىرى كۆپ مەسلىھەت قىلىشىپ ئولتۇردى.
17 گىلېئاد ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە تۇرۇپ قالدى.
دان نېمىشقا كېمىلەرنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى؟
ئاشەر بولسا دېڭىز بويىدا توختاپ، دېڭىز قولتۇقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى.
18 لېكىن زەبۇلۇن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تەۋەككۇل قىلدى،
نافتالىمۇ جەڭ مەيدانلىرىدا شۇنداق قىلدى.
19 پادىشاھلار كېلىپ جەڭ قىلىشتى،
كەنئاننىڭ پادىشاھلىرى تائاناكتىكى مەگىددونىڭ سۇ بويلىرىدا جەڭ قىلىشتى.
لېكىن ھېچ كۈمۈشنى ئولجا ئالالمىدى.
20 ئاسمان تەرىپىدىنمۇ جەڭ قىلىندى،
يۇلتۇزلار ئۆز جايىدىن سىسېراغا قارشى جەڭگە قاتناشتى.
21 قىشون دەرياسى ئۇلارنى ئېقىتىپ كەتتى،
قەدىمىي دەريا بولغان قىشون دەرياسى ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كەتتى!
ئەي جېنىم، كۈچ بىلەن ئالغا باسقىن!
22 تۇلپارلار تېز-تېز چاپقاندا
ئاتلارنىڭ تۇياقلىرى تاراسلىدى.
23 ‹سىلەر مېروزغا لەنەت ئوقۇڭلار.
ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىگە كەلمىگىنى ئۈچۈن،
زالىملارغا قارشى پەرۋەردىگارنىڭ جەڭىگە قاتناشمىغىنى ئۈچۈن
مېروزدا ياشاۋاتقانلارغا قاتتىق لەنەت ئوقۇڭلار› دەيدۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى.
24 قېنىيلاردىن بولغان خېبەرنىڭ ئايالى يائەل
ھەممە ئاياللار ئارىسىدا بەرىكەتكە ئەڭ لايىقى.
ئۇ چېدىردا ئولتۇرغان ئاياللار ئىچىدە ئەڭ ئېسىل بەرىكەتكە ئېرىشسۇن.
25 سىسېرا سۇ سورىسا، ئۇ ئۇنىڭغا سۈت بەردى،
ئېسىلزادىلارچە بىر قاچىدا قايماق تەڭلىدى.
26 ئۇ بىر قولىنى قوزۇققا ئۇزاتتى،
ئوڭ قولىدا ھۈنەرۋەننىڭ بولقىسىنى تۇتتى.
ئۇ سىسېرانى ئۇرۇپ، بېشىنى يانجىدى،
قوزۇقنى چېكىسىدىن ئۆتكۈزۈپ يەرگە قاقتى.
27 سىسېرا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئېڭىشىپ يىقىلىپ ياتتى.
ئۇ ئۇنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ چۈشكەن يەردە ئۆلۈپ قالدى.
28 سىسېرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ ۋارقىرىدى:
‹ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسى نېمىشقا كەلمەيدۇ؟
جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرىنىڭ تاراسلىشى
نېمىشقا ھازىرغىچە ئاڭلانمايدۇ›.
29 ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئارىسىدىكى دانالار جاۋاب بەردى،
ئۇمۇ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
30 ‹جەزمەن ئۇلار ئولجا ئېلىپ بۆلۈشۈۋاتىدۇ، ھەربىر ئەر كىشىگە ئىككىدىن قىز،
سىسېراغا تەگكەن ئولجا رەڭمۇ-رەڭ رەختلەر،
رەڭمۇ-رەڭ گۈل توقۇلغان رەختلەردۇر،
بوينىمىزغا ئىككى يۈزلۈك گۈل كەشتىلەنگەن ياغلىقلارمۇ ئولجا ئېلىنغاندۇر›.
31 ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھەممە دۈشمەنلىرىڭ شۇنداق تەرىقىدە يوقالغاي،
سېنى سۆيگەنلەر قۇدرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدىغان قۇياشتەك بولغاي».
شۇنىڭ بىلەن زېمىن قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامان تۇردى.