گىدېئوننىڭ ھاكىملىققا چاقىرىلىشى
6
‏1 لېكىن بەنى ئىسرائىل يەنە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىلغىچە مىدىيانلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى. ‏2 ئۇ ۋاقىتتا مىدىيانلارنىڭ قولى ئىسرائىلنى شۇنداق بېسىۋالدىكى، بەنى ئىسرائىل مىدىيانلار سەۋەبىدىن تاغلاردىكى ئۆڭكۈرلەردە ۋە قورغانلاردا ئۆزلىرىگە پاناھ جايلارنى ياسىدى. ‏3 ھەر قېتىم ئىسرائىللار ئۇرۇق تېرىپ بولغاندا، مىدىيانىيلار، ئامالەكىيلەر ۋە شەرقتىكىلەر كېلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. ‏4 ئۇلار ئىسرائىللارغا قارشى بارگاھ قۇرۇپ، گازاغىچە يەرنىڭ ھوسۇلىنى ۋەيران قىلىپ، ئىسرائىل زېمىنىدا ھېچ ئاشلىق قالدۇرمايتتى، ئۇلارنىڭ قوي، كالا، ئېشەكلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتەتتى. ‏5 چۈنكى ئۇلار مال-چارۋىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى ئالغاچ كېلىپ، چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ زېمىنغا بېسىپ كىرەتتى. ئۆزلىرى ۋە تۆگىلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، زېمىننى ۋەيران قىلىۋېتەتتى. ‏6 بۇ تەرىقىدە مىدىياننىڭ دەستىدىن بەنى ئىسرائىل تولىمۇ تەس كۈندە قالدى. ئاندىن بەنى ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىشقا باشلىدى.
‏7 بەنى ئىسرائىل مىدىيانىيلارنىڭ دەستىدىن قىينىلىپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلغاندا، ‏8 پەرۋەردىگار بەنى ئىسرائىلغا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرنى مىسىردىن، قۇللۇق ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، ‏9 مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن ۋە بارلىق سىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئالدىڭلاردىن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم. ‏10 مەن سىلەرگە: «مانا، مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگار بولغاچقا، سىلەر زېمىنىدا تۇرغان ئامورىيلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قورقماڭلار» دېدىم، لېكىن سىلەر مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار›».
‏11 كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى كېلىپ، ئوفرا دېگەن جايىدا ئابىئېزەر جەمەتىدىن بولغان يوئاشقا تەئەللۇق بولغان دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتا يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون بۇغداينى مىدىيانىيلارنىڭ بۇلاڭچىلىقىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى شاراب ئازگىلىنىڭ ئىچىدە تېپىۋاتاتتى.
‏12 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: «ئەي باتۇر پالۋان، پەرۋەردىگار سەن بىلەن بىللىدۇر» دېدى. ‏13 گىدېئون ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئەي خوجام، پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە بولسا، بۇ بالا-قازا نېمىشقا ئۈستىمىزگە كەلدى؟ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزگە سۆزلىگەن ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمدى قېنى؟ بۇلار توغرىسىدا ئۇلار: ‹دەرۋەقە پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى› دېيىشەتتى. لېكىن بۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار بىزنى تاشلىۋېتىپ، مىدىيانىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ قويدى» دېدى. ‏14 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نەزەر قىلىپ: «سەن بار كۈچۈڭ بىلەن بېرىپ، ئىسرائىلنى مىدىيانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋال. مانا، مەن سېنى ئەۋەتتىم ئەمەسمۇ؟» دېدى. ‏15 گىدېئون ئۇنىڭغا: «ئەي ئىگەم، مەن ئىسرائىلنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمەن؟ جەمەتىم ماناسسە قەبىلىسى ئىچىدە ھەممىدىن پەس، ئۆزۈم ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن كىچىكى تۇرسام؟» دېدى. ‏16 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «مەن ئۆزۈم سەن بىلەن بىللە بولىمەن. شۇڭا سەن مىدىيانىيلارنى بىر ئادەمنى ئۇرغاندەك ئۇرىسەن» دېدى. ‏17 لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىپ: «مەن نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، مەن بىلەن سۆزلەشكۈچىنىڭ سەن ئۆزۈڭ ئىكەنلىكىگە دائىر ماڭا بىر ئالامەت كۆرسىتكەيسەن. ‏18 ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن ساڭا قايتىپ كېلىپ، ئۆز ھەدىيەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئالدىڭغا قويمىغۇچە بۇ يەردىن كەتمىگىن» دېدى. پەرۋەردىگار: «سەن قايتىپ كەلگۈچە كۈتىمەن» دېدى.
‏19 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون بېرىپ، بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئېفا ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، شورپىنى بىر قازانغا قۇيۇپ، دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.    ‏20 لېكىن خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: «بۇ گۆش بىلەن پېتىر ناننى ئېلىپ، بۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى بۇلارنىڭ ئۈستىگە تۆككىن» دېدى. گىدېئون شۇنداق قىلدى. ‏21 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزىتىپ، ئۇچىنى گۆش بىلەن پېتىر نېنىغا تەگكۈزسە، قورام تاشتىن بىر ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن پېتىر نېنىنى يەپ كەتتى. شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى.
‏22 بۇنىڭ بىلەن گىدېئون ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: «ئاپلا، ئەي رەببىم پەرۋەردىگار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى يۈزمۇ-يۈز كۆردۈم...!» دېدى. ‏23 لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «خاتىرجەم بولغىن. قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن» دېدى. ‏24 گىدېئون پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «پەرۋەردىگار ئامانلىقتۇر» دەپ قويدى. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئابىئېزەر جەمەتىنىڭ ئوفرا دېگەن جايىدا تۇرماقتا.   
 
‏25 ئۇ كېچىسى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئاتاڭنىڭ ياش بۇقىسى ۋە يەتتە ياشلىق باشقا بىر بۇقىنى ئېلىپ، ئاتاڭغا تەئەللۇق بولغان بائال قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنى كېسىپ ئۆرۈۋېتىپ،    ‏26 قورام تاشنىڭ چوققىسىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۈچۈن تەرتىپ بىلەن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىككىنچى بۇقىنى ئېلىپ، ئۆزۈڭ كېسىپ ئۆرۈۋەتكەن ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنىڭ پارچىلىرىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن» دېدى.
‏27 گىدېئون پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، چاكارلىرىدىن ئون كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ئۆز ئاتىسىنىڭ جەمەتى ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن قورققىنى ئۈچۈن بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلماي، كېچىسى قىلدى. ‏28 ئەتىسى سەھەردە شەھەر ئاھالىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، بائال قۇربانلىق سۇپىسى چېقىۋېتلىلىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنى كېسىپ ئۆرۈۋېتىلگەنلىكىنى ۋە يېڭى ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە ئىككىنچى بۇقا قۇربانلىق قىلىنغانلىقىنى كۆردى. ‏29 ئۇلار بىر-بىرىگە: «بۇ ئىشنى كىم قىلدى؟» دەپ سوراپ تەكشۈرسە، بۇ ئىشنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلغانلىقى ئۇلارغا مەلۇم بولدى. ‏30 شۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ ئادەملىرى يوئاشقا: «ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەرگىن. ئۇ بائال قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايال ئىلاھ ئاشېرا بۇتىنى كېسىپ ئۆرۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن» دېدى. ‏31 يوئاش ئۆز ئالدىدا تۇرغانلارغا: «راستتىنلا سىلەر بائال ئۈچۈن دەۋالىشامسىلەر ياكى ئۇنى قوغدامسىلەر؟ كىمكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلسا، بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئۆلتۈرۈلسۇن. ئەگەر ئۇ ئىلاھ بولسا، ئۇنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆرىگەن بۇ كىشى بىلەن ئۆزى ئۇرۇشسۇن» دەپ جاۋاب قايتۇردى. ‏32 بۇ سەۋەبتىن ئۇلار گىدېئوننىڭ ئىسمىنى يەرۇببائال دەپ ئاتاپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆرۈۋەتكەن بۇ كىشى بىلەن بائال ئۆزى دەۋالاشسۇن» دېيىشتى.   
 
‏33 مىدىيانىيلار ۋە ئامالەكىيلەر شەرقتىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، ھەممىسى يىغىلىپ، دەريادىن ئۆتۈپ، يىزرەئەلنىڭ ۋادىسىدا چېدىر-بارگاھ تىكىشتى. ‏34 ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدېئوننىڭ ئۈستىگە كەلگەچ، ئۇ بۇرغا چالغىنىدا، ئابىئېزەر جەمەتى يىغىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. ‏35 ئاندىن كېيىن ئۇ ماناسسەنىڭ زېمىنىنى كېزىشكە ئەلچىلەر ئەۋەتىپ، ماناسسەلەرنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىردى. ئۇ ئاشەر، زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىسىگىمۇ ئەلچىلەر ئەۋەتتى، ئۇلارمۇ چىقىپ، ئۇلارغا قوشۇلدى.
‏36 گىدېئون خۇداغا: «ئەگەر سەن ئېيتقىنىڭدەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، ‏37 مانا، مەن خاماندا قوي يۇڭىنى قويۇپ قويىمەن. ئەگەر شەبنەم پەقەت يۇڭنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق تۇرسا، بۇنىڭ بىلەن سەن ئېيتقاندەك مېنىڭ قولۇم بىلەن ئىسرائىلنى قۇتقۇزماقچى بولغىنىڭنى بىلىمەن» دېدى. ‏38 ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولدى. ئۇ ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، يۇڭنى بېسىپ شەبنەمنى سىقىپ كۆرسە، بىر قاچا شەبنەم بىلەن تولدى. ‏39 لېكىن گىدېئون خۇداغا يەنە: «ماڭا ئاچچىقلانمىغايسەن، پەقەت يەنە بىر قېتىملا سۆز قىلغۇم بار. مۇمكىن بولسا، بۇ نۆۋەت يۇڭنى يەنە سىناپ باقاي. ئەمدى بۇ قېتىم پەقەت يۇڭلا قۇرۇق تۇرۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشسۇن» دېدى. ‏40 شۇ كېچىسى خۇدا شۇنداق قىلدىكى، پەقەت يۇڭلا قۇرۇق تۇرۇپ، چۆرىسىدىكى يەرنىڭ ھەممىسىگە شەبنەم چۈشتى.