گىدېئون دۇشمەنلەرنى زېمىندىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ
7
1 يەرۇببائال دەپ ئاتالغان گىدېئون ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە خەلق بىلەن چىقىپ، خارود دېگەن بۇلاقنىڭ يېنىغا بارگاھ قۇردى. مىدىيانىيلارنىڭ بارگاھى ئۇنىڭ شىمال تەرىپىدە، مورەھ ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى ۋادىدا ئىدى. 2 پەرۋەردىگار گىدېئونغا: «ساڭا ئەگەشكەن خەلقنىڭ سانى بەك كۆپ بولغىنى ئۈچۈن، مەن مىدىيانىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمەيمەن. بولمىسا ئىسرائىل مېنى ئۇلۇغلىماي: ‹ئۆز قولىمىز بىزنى قۇتقۇزدى› دەپ ماختىنىدۇ. 3 شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئەمدى خەلققە: ‹كىمكى قورقۇپ، يۈرىكى تىترىسە، گىلېئاد تېغىدىن قايتىپ كەتسۇن› دەپ ئېلان قىلغىن» دېدى. ئۇ شۇنداق قىلغىنىدا، خەلقنىڭ ئارىسىدىن يىگىرمە ئىككى مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، پەقەت ئون مىڭىلا قېلىپ قالدى. 4 پەرۋەردىگار گىدېئونغا يەنە: «خەلق يەنىلا زىيادە كۆپ. ئەمدى سەن بۇلارنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلگىن. ئۇ يەردە مەن ئۇلاردىن سەن ئۈچۈن بەزىسىنى تاللاپ، ئۆزۈم كىم توغرىسىدا: ‹ئۇ سەن بىلەن بارسۇن› دېسەم، ئۇ سەن بىلەن بارسۇن. لېكىن كىم توغرىسىدا: ‹ئۇ سەن بىلەن بارمىسۇن› دېسەم، ئۇ بارمىسۇن» دېدى. 5 شۇنىڭ بىلەن گىدېئون خەلقنى سۇنىڭ لېۋىگە ئېلىپ كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئىت سۇ ئىچكەندەك تىلى بىلەن يالاپ سۇ ئىچكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپكە، دۈم يېتىپ تۇرۇپ سۇ ئىچكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يەنە بىر تەرەپكە ئايرىپ قويغىن» دېدى. 6 شۇنداق قىلسا، قولىنى ئاغزىغا تەگكۈزۈپ يالاپ، سۇ ئىچكەنلەرنىڭ سانى ئاران ئۈچ يۈز چىقتى. قالغان خەلقنىڭ ھەممىسى يۈكۈنۈۋېلىپ سۇ ئىچتى. 7 پەرۋەردىگار گىدېئونغا: «مەن يالاپ سۇ ئىچكەن بۇ ئۈچ يۈز كىشىنىڭ قولى بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىدىيانىيلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. لېكىن قالغانلار بولسا ھەربىرى ئۆز جايىغا قايتىپ كەتسۇن» دېدى. 8 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەممە خەلقنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە بۇرغىلىرىنى ئالدى. گىدېئون ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئەر كىشىلىرىنى ئۆز چېدىرىغا قايتۇرۇۋېتىپ، پەقەت بۇ ئۈچ يۈز كىشىنىلا ئېلىپ قالدى. مىدىيانىيلارنىڭ بارگاھى بولسا ئۇنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ۋادىدا ئىدى. 9 ئۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدېئونغا: «سەن تۇرۇپ، بارگاھقا چۈشكىن، چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم. 10 ئەگەر سەن چۈشكىلى قورقساڭ، ئۆز چاكىرىڭ پۇرانى بىللە ئېلىپ، بارگاھقا چۈشكىن. 11 چۈشسەڭ، ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، بارگاھقا كىرگىلى جۈرئەت تاپىسەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدېئون چاكىرى پۇرانى بىللە ئېلىپ، بارگاھنىڭ بىر چېتىدا تۇرغان ئەسكەرلەرنىڭ يېنىغا باردى. 12 مىدىيانىيلار، ئامالەكىيلەر ۋە شەرقتىكىلەر ۋادىنىڭ ئىچىدە چېكەتكىدەك تارالغان، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھېسابسىز ئىدى. 13 گىدېئون يېتىپ بارغىنىدا، مانا، ئۇ يەردە بىر كىشى ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى: «مانا، مەن چۈشۈمدە كۆردۈمكى، بىر ئارپا توقىچى مىدىيانىيلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، يۇمىلاپ كېلىپ چېدىرغا سوقۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چېدىر ئۆرۈلۈپ، ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتىپتۇ» دېدى. 14 ئۇنىڭ ھەمراھى ئۇنىڭغا تەبىر بېرىپ: «بۇنىڭ مەنىسى ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئوننىڭ قىلىچىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر. خۇدا مىدىيانىيلارنى ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى بىلەن قوشۇپ، ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى» دېدى. 15 گىدېئون چۈشى ۋە تەبىرى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى ئاڭلىغاندا سەجدە قىلدى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىلنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ: «قوزغىلىڭلار، پەرۋەردىگار مىدىيانىيلارنىڭ قوشۇنىنى قولۇڭلارغا بەردى» دېدى.
16 ئۇ بۇ ئۈچ يۈز كىشىنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىردىن بۇرغا بىلەن ئىچىگە چىراغ قويۇلغان خالىي كوزىنى بېرىپ، 17 ئۇلارغا: «ماڭا قاراپ، مەن قىلغاندەك قىلىڭلار. مانا، مەن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا نېمە قىلسام سىلەرمۇ شۇنداق قىلىپ، 18 مەن ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر بۇرغا چالساق، سىلەرمۇ پۈتۈن بارگاھنىڭ چۆرىسىدە تۇرۇپ، بۇرغا چېلىپ: ‹پەرۋەردىگار ئۈچۈن ۋە گىدېئون ئۈچۈن› دەپ ۋارقىراڭلار» دېدى. 19 يېرىم كېچە بولاي دېگەندە كۆزەتچىلەر ئەمدىلا ئالماشقاندىن كېيىن، گىدېئون ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان يۈز كىشى بارگاھنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ، قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى. 20 شۇ ھامان ئۈچكە بۆلۈنگەنلەرمۇ بۇرغا چېلىپ، كوزىلارنى چېقىۋەتتى. ئۇلار سول قوللىرىدا چىراغلارنى، ئوڭ قوللىرىدا بۇرغىلىرىنى تۇتۇپ: «پەرۋەردىگار ئۈچۈن ۋە گىدېئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى!» دەپ ۋارقىراشتى. 21 ئۇلارنىڭ ھەربىرى بارگاھنىڭ چۆرىسىدە ئۆز جايىدا تۇرۇشتى. دۈشمەننىڭ ھەممە قوشۇنى تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ، چۇقۇرۇشۇپ قاچقىلى تۇردى. 22 بۇ ئۈچ يۈز كىشى بۇرغا چالغاندا، پەرۋەردىگار بارگاھتىكى ھەممە لەشكەرلەرنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىچنى كۆتۈرۈشكە سالدى. بۇ تەرىقىدە دۈشمەن قوشۇنى زېرەرات تەرەپكە بەيت-شىتتاغىچە ۋە تابباتتىن ئۆتۈپ ئابەل-مېخولانىڭ چېگرىسىغىچە قېچىپ كەتتى. 23 ئاندىن نافتالى، ئاشەر ۋە ھەممە ماناسسەدىكى ئىسرائىللار يىغىلىپ، مىدىيانىيلارنى قوغلىدى. 24 گىدېئون ئەفرائىمنىڭ ھەممە تاغلىرىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «چۈشۈپ مىدىيانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار ۋە بەيت-باراغىچە سۇ ئېقىنلىرى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى ئىلكىڭلارغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمنىڭ ھەممە ئادەملىرى يىغىلىپ كېلىپ، بەيت-باراغىچە سۇ ئېقىنلىرىنى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكلىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. 25 ئۇلار مىدىيانىيلارنىڭ ئورەب ۋە زەئەب دېگەن ئىككى بېگىنى تۇتۇۋېلىپ، ئورەبنى ئورەب قورام تېشىدا، زەئەبنى زەئەبنىڭ شاراب كۆلچىكىدە ئۆلتۈردى ۋە مىدىيانىيلارنى قوغلاپ باردى. ئۇلار ئورەب ۋە زەئەبنىڭ كاللىلىرىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە گىدېئوننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.