ئەفرائىمنىڭ خاپا بولۇشى
8
‏1 لېكىن ئەفرائىمنىڭ ئادەملىرى گىدېئونغا: «سەن مىدىيانىيلار بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقىپ، بىزنى چاقىرمىدىڭ. نېمىشقا شۇنداق قىلدىڭ؟» دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق مۇنازىرىلەشتى. ‏2 گىدېئون ئۇلارغا: «سىلەرگە سېلىشتۇرغاندا مەن تېخى نېمە قىلىپتىمەن؟ ئابىئېزەرنىڭ تۇنجى ئۈزۈم ھوسۇلىغا قارىغاندا، ئەفرائىمنىڭ ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەرنىڭ ھوسۇلى ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ‏3 خۇدا مىدىيانىيلارنىڭ بەگلىرى ئورەب ۋە زەئەبنى قوللىرىڭلارغا بەردىغۇ. ئەمدى سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا سېلىشتۇرغاندا، مەن نېمە قىلالىدىم؟» دېدى. ئۇ شۇنداق دېگەندە، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى.
 
گىدېئوننىڭ مىدىيان ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى
‏4 گىدېئون ئىئوردان دەرياسىغا كەلگەندە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز كىشى بىلەن بىللە دەريادىن ئۆتكەنىدى. ئۇلار ھارغىن بولسىمۇ، مىدىيانلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باردى. ‏5 گىدېئون سۇككوتقا كەلگەندە شەھەردىكىلەرگە: «ماڭا ئەگىشىپ كەلگەن ھارغىن ئادەملىرىمگە بىرئاز نان بېرىڭلار. مەن مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زېباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمەن» دېدى. ‏6 لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭغا: «زېباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بېرىشىمىز لازىم؟» دېدى. ‏7 گىدېئون: «ماقۇل! ئۇنداق بولسا، زېباھ ۋە زالمۇننانى پەرۋەردىگار مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرگەندە ئەتلىرىڭلارنى خامان تەپكەندەك يانتاق ۋە شوخا-تىكەن بىلەن تىتىۋېتىمەن» دېدى. ‏8 گىدېئون ئۇ يەردىن چىقىپ، پەنۇئەل شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ ئوخشاش گەپ قىلسا، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ ئادەملىرىگە ئوخشاش جاۋاب بەردى. ‏9 ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە: «ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارنى يىقىتىۋېتىمەن» دېدى.
‏10 زېباھ ۋە زالمۇننا بولسا شەرقىي قوشۇنلىرىدىن قېلىپ قالغان ئون بەش مىڭ لەشكەر بىلەن قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلگەنىدى. ‏11 گىدېئون نوباھ ۋە يوگبېھانىڭ شەرق تەرىپىدىكى كارۋان يولى بىلەن چىقىپ، ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. ‏12 زېباھ ۋە زالمۇننا قېچىپ كەتتى، گىدېئون ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، مىدىياننىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى زېباھ ۋە زالمۇننانى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممە قوشۇنىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتتى.
‏13 ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون خېرەس داۋىنى بىلەن جەڭدىن قايتىپ كەلدى. ‏14 ئۇ سۇككوتلۇك بىر ياش يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى سوراق قىلغىنىدا ئۇ ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ۋە ئاقساقاللىرى بولغان يەتمىش كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردى. ‏15 گىدېئون سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغاندا: «مانا، سىلەر: ‹زېباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ نېمىشقا سېنىڭ ھېرىپ قالغان ئادەملىرىڭگە نان بېرىشىمىز لازىم؟› دەپ مېنى مەسخىرە قىلغان زېباھ ۋە زالمۇننانى ئەمدى كۆرۈڭلار» دەپ، ‏16 شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ يانتاق ۋە شوخا-تىكەن بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى. ‏17 ئۇ يەنە پېنۇئەلنىڭ مۇنارىنى يىقىتىپ، شەھەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
‏18 گىدېئون زېباھ ۋە زالمۇننادىن: «سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟» دەپ سورىسا، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «ئۇلار ساڭا ئوخشاش بولۇپ، ھەربىرىنىڭ كۆرۈنۈشى شاھزادىنىڭكىدەك ئىدى» دېدى. ‏19 ئۇ بۇنى ئاڭلاپ: «ئۇنداق بولسا، ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىكەن. تىرىك پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئۇلارنى تىرىك قالدۇرغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيتتىم» دېدى. ‏20 شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇنجى ئوغلى يەتەرگە: «ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بۇ ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈر!» دەپ بۇيرۇق بەردى. لېكىن ئوغۇل كىچىك بولغاچقا، قورقۇپ قىلىچىنى سۇغۇرالمىدى. ‏21 ئۇ ۋاقىتتا زېباھ ۋە زالمۇننا: «سەن ئۆزۈڭ قوپۇپ بىزنى ئۆلتۈرگىن. ئادەم دېگەننىڭ ئۆزىگە بېقىپ، كۈچى بولمامدۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، گىدېئون قوپۇپ، زېباھ ۋە زالمۇننانى ئۆلتۈردى. ئۇ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك تۇمارلارنى ئېلىۋالدى.
 
گىدېئوننىڭ بۇتپەرەسلىك يولىغا كىرىشى
‏22 ئاندىن كېيىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى گىدېئونغا قاراپ: «سەن بىزنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىنىڭ ئۈچۈن سەن ئۆزۈڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغىن، ئوغلۇڭ ۋە نەۋرەڭمۇ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن» دېدى. ‏23 ئەمما گىدېئون ئۇلارغا: «نە مەن، نە ئوغلۇم سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ، بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ» دېدى. ‏24 ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە: «پەقەتلا بىر تەلىپىم بار. ھەربىرىڭلار ئالغان ئولجاڭلاردىن قۇلاق زىرىلىرىنى ماڭا بېرىڭلار» دېدى. مىدىيانىيلار ئىسمائىلىيلاردىن بولغاچقا ئالتۇن زىرىلىرى بار ئىدى. ‏25 ئۇلار: «ئەلۋەتتە بېرىمىز» دەپ يەرگە بىر يېپىنچىنى سېلىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولجىغا ئالغان قۇلاق زىرىلىرىنى تاشلىدى. ‏26 ئۇ سوراپ يىغىۋالغان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شېكەل چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا، مىدىيان پادىشاھلىرى ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك تۇمارلار، زىننەت بۇيۇملىرى، كىيگەن سۆسۈن كىيىملىرى ۋە تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى زەنجىرلىرىمۇ قوشۇلۇپ يىغىلغانىدى. ‏27 گىدېئون بۇ نەرسىلەردىن بىر ئېفود ياساپ، ئۆز شەھىرى ئوفرادا قويۇپ قويدى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى زىناخورلاردەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇندى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە گىدېئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر تۇزاق بولدى.    ‏28 بۇ تەرىقىدە مىدىيان بەنى ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا ئېزىلىپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى. زېمىن گىدېئوننىڭ كۈنلىرىدە قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئامان تۇردى.
 
‏29 يوئاشنىڭ ئوغلى يەرۇببائال قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىدە تۇردى. ‏30 گىدېئوننىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن يەتمىش ئوغۇل تۆرەلدى. ‏31 ئۇنىڭ شەكەمدىكى كىچىك خوتۇنى ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. گىدېئون ئۇنىڭغا ئابىمەلەك دەپ ئىسىم قويدى. ‏32 يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئابىئېزەردىكى ئوفرادا ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى.
‏33 لېكىن گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن، بەنى ئىسرائىل يەنە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، زىناخورلاردەك ۋاپاسىزلىق قىلىپ، بائال بۇتىغا ئەگىشىپ، بائال-بېرىتنى ئۆزىگە ئىلاھ قىلىۋالدى. ‏34 بۇ تەرىقىدە بەنى ئىسرائىل ئۇلارنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالغان خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ، ‏35 يەرۇببائال دەپ ئاتالغان گىدېئوننىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقىنى ئېسىدە تۇتماي، ئۇنىڭ جەمەتىگە ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرمىدى.